لۇئىسا خانىم: «ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستانلىقتۇر»

0:00 / 0:00

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن توپلانغان ئوقۇغۇچىلار» گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەپتىلىكى» تور مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى كۆرۈنۈشى» تېمىسى ناھايىتى زور قىزىقىش قوزغىدى.

ئامېرىكالىق ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دەررىن بايلېر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەدىكى تۈركىي خەلقلەردىن ئايرىش ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

رايىن سام بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر› دېگەن نام مىلادىدىن بۇرۇنلا قوللىنىلغان، ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئاشۇ قەدىمىي مىللەتنىڭ داۋامى. ئۇلار ناھايىتى كۈچلۈك مىللىي كىملىككە ئىگە. تارىخىي ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيىسى باشتا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا، تولۇق ئاپتونومىيەسىگە ۋە مىللىي ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا قوشۇلغان. كېيىنچە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ كونترول قىلىشقا، مەدەنىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىپ، خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.»

يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار، بولۇپمۇ سىياسەت ئىلمى ساھەسىدە ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار سۆز قىلغۇچىلاردىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى يىللاردىن بېرى داۋام قېلىۋاتقان، ئەمما ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا سوراشتى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئالاقە ئىشلارغا مەسئۇل مۇدىرى لۇئىسا خانىم بۇ سوئالغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن جاۋاب بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى خەرىتىدە ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ يېزىقلىق، ئەمما سىلەر ئۇيغۇرلاردىن ‹ۋەتىنىڭلار قەيەر؟› دەپ سورىساڭلار، ئۇلار: ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بولغان ‹شەرقىي تۈركىستان› دېگەن ئىسىمنى كۆپىنچە كىشىلەر مۇستەقىللىقنى تەرغىب قىلىدىغان ‹سىياسىي ئاتالغۇ› دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاتالغۇنى ‹بۆلگۈنچىلىك› دەيدۇ. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلغىنىمىز ياخشى. ھېچ بولمىغاندا ئىنگلىزچىغا، گېرمانچىغا ۋە باشقا تىللارغا ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئاتىغىنى بويىچە قوللانغىنىمىز ياخشى.»

لۇئىسا خانىم يەنە ئۇيغۇر ئىسمىنىڭ ئىنگلىزچە ئاخباراتلاردا «ئۇيغۇر» ۋە «ئۇىغۇر» دەپ ئىككى خىل ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مىللەتنىڭ ئىسمىنى توغرا شەكىلدە «ئۇيغۇر» دەپ قوللىنىشنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «ئۇيغۇرلار ئۆزىنى خىتاي كىملىكى بىلەن ئىپادىلەيدىغان ‹خىتاي مۇسۇلمانلىرى› دېگەن ئاتالغۇدىن راھەتسىز بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئۇلار خىتاي پۇقراسى، لېكىن پۇقرالىق ھەق-ھوقۇقى يوق. ئۇيغۇرلار خىتاي پۇقرالىقىدىكى ئاساسلىق مۇسۇلمان خەلق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ‹خىتاي مۇسۇلمانلىرى› ئەمەس. شۇڭا سىياسىي ساھەدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ھۆرمەت قىلىپ ‹خىتاي مۇسۇلمانلىرى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتمەسلىكىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.»

ئامېرىكادىكى لويالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە تەتقىقاتچىسى رايىن سام ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يلللاردىن بېرى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى «تېرورىزىم» سىياسىي ئاتالغۇسىغا خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن قەستەن چېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ‹تېرورىزم› غا قارشى دۇنياۋىي ئۇرۇش باشلىغاندا خىتاي بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلانى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ باستۇرۇش ۋە ئۇلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشنىڭ باھانىسى سۈپىتىدە پايدىلاندى. ئۇلار: ‹بىز ئىسلامىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇۋاتىمىز، › دەپ ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.»

ئوخشىمىغان كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن سوئاللارنى سورىدى. ئاخىرىدا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ «ئۇيغۇرلار نەچچە ئون مىليونلۇق ئاز سانلىق مىللەت ئىكەن، خىتاي بىلەن كۈچ جەھەتتە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزىگە قارىتا لۇئىسا خانىم مۇنداق دەپ ئىنكاس قايتۇردى: «ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ‹ئاز سانلىق› دەپ ئاتاشنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى خىتاي دۆلىتىنىڭ نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق كۆرۈنىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتايلىق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ۋەتىنى قەدىمىي تارىخقا ئىگە شەرقىي تۈركىستاندۇر، ئۇلار ئۆز دۆلىتىدە ئاز سانلىق ئەمەس.»