14-ماي كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى، شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلاپ جۇمھۇرىيەتلىك چوڭ مەشرەپ ئۇيۇشتۇردى. مەشرەپ بىشكەك شەھىرىدىكى «ئاۋات» كافېخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر مەشرەپكە پايتەخت بىشكەك شەھىرى ۋە چۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيەلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، 300 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.
مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي كوللېكتىپ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ۋە مەدەنىيەت سورۇنىدۇر. ئادەتتە ئۇيغۇرلار مەشرەپتىن ئىبارەت ئاممىۋىي سورۇن ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارنى روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەيدۇ، ئۇلارغا جامائەت قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگىتىدۇ. مەشرەپ يەنە مىللىي ئەنئەنىلەرنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رېيچېل ھاررىس خانىم «يەر شارى ئاۋازى» (Global Voices) قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، مەشرەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، مىللىي كىملىكى، مەدەنىيەت بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى مەشرەپنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى ۋە مەدەنىيتىگە ئائىت ۋەقەلەرگە باغلاپ ئۆتكۈزمەكتە. مەزكۇر مەشرەپ ساھىبخانلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەركىن ۋېلياموۋ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق جۇمھۇرىيەتلىك مەشرەپنىڭ شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقىغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922-يىلى دۇنىياغا كەلگەن. 1932-يىلىدىن 1936-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1936-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە غۇلجادىكى رۇس گىمنازىيەسىدە، 1939-1942-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. ئىنستىتۇتنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1943-يىلى لۇتپۇللا مۇتەللىپ مىلىتارىست شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان. 1944-يىلى سېنتەبىردە نىلقا ناھىيەسىدە مىللىي ئىنقىلاب پارتلاپ، شۇ يىلى 12-نويابر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا ئۆزىگە ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، «شەرقىي تۈركىستان ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ناملىق مەخپىي تەشكىلاتنى قۇرغان. ھالبۇكى، خائىنلارنىڭ ساتقۇنلۇقى تۈپەيلى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بارلىق ئەزالىرى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن نقىلىنغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشلىق تەشكىلاتنىڭ بارلىق ئەزالىرى 1945-يىلى 18-سېنتەبىر كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاران 23 يىل ياشىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىگە نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ شائىر، دراماتۇرگ، يازغۇچى، ژۇرنالىست، پۇبلىست، ئەدەبىياتشۇناس بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئارتىست ۋە رېژىسسور ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كېيىنچە قازاق، قىرغىز، تاتار، خىتاي، رۇس ۋە باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان.

بىشكەكتىكى جۇمھۇرىيەتلىك مەشرەپنىڭ تەرتىپى ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە داۋام قىلدى. ئالدى بىلەن رىياسەتچى مەشرىپنىڭ يىگىت بېشى، قازى بېگى، پاششاپ بېگى، كۆل بېگى ۋە داربېگىنى مەشرەپ ئەھلىگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەشرەپنىڭ ئەزاسى ئوسمانجان تۇردى، ئۇيغۇر مەشرىپلىرىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.
زىيارىتىمىز داۋامىدا ئوسمانجان ئەپەندى يەنە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا مەشرەپنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
بىز قىرغىزىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان مەشرەپنىڭ تەرتىپى ۋە قائىدىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر مەشرەپكە قاتناشقان ئالا توۋ ياشلار جامائىتىنىڭ ئەزاسى ئىلشاتقا مۇراجىئەت قىلدۇق. ئۇ ياشلارنىڭ چوڭلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى ئۆز قائىدە-يوسۇنى بويىچە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىغىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر مەشرەپكە يەنە ياۋروپادىن كەلگەن تەتقىقاتچى رۇنې ستىنبېرگ ئەپەندىمۇ قاتناشتى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇنې ستىنبېرگ ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپلەر بىلەن قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزىلىۋاتقان مەشرەپلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپلىرىدە بەزى ئوخشىماسلىقلىرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتتى.
رۇنې ستىنبېرگ ئەپەندى يەنە ئۆزى ئۇيغۇر دىيارىدا بولغان ۋاقىتلىرىدا چوڭ كۆلەملىك مەشرەپلەرنىڭ چەكلەنگەنلىگىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئومۇمىييۈزلۈك چەكلەنگەنلىگىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.