«قاينام ئۆركىشى» نىڭ 100 يىللىق ساداسى: ئەگەر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ياشىغان بولسا؟ (2)

0:00 / 0:00

1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇتقۇندىكى سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاقسۇ يېڭىشەھەر سېپىلى ئىچىدە گومىنداڭ گېنېرالى جاۋ خەنچى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي كومپارتىيەسى 1951-يىلى «ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش» ھەرىكىتىدە سابىق گومىنداڭ گېنېرالى جاۋ خەنچىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. 1952-يىلى 5-ئايدا ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.

خىتاينىڭ «سوخۇ» تورىدا ئېلان قىلىنغان سۈرەتلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ نىڭۋۇ شەھىرىدە «لوڭشەن باغچىسى» دەپ نام بېرىلگەن بىر ئاممىۋىي باغچا قۇرۇلغان. بۇ باغچىغا خىتاينىڭ 20 نەپەر مەشھۇر «ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال» لىرىنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەن. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە 1952-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن «ۋەتەن خائىنى» دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جاۋ خەنچىنىڭمۇ ئىسمى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەيكىلى خىتايدىكى ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال» لار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

ھالبۇكى، 1950-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن «ئىنقىلابىي قۇربان» دېگەن گۇۋاھنامە بېرىلگەن مەرھۇم شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ھېچ بىر جايدا ھەيكىلى ياكى خاتىرە مۇنارى تىكلەنمىگەن. ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا» (Daily Mail) گېزىتىنىڭ 2019-يىلى 9-ئۆكتەبىردە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 2018-يىلى شائىرنىڭ ئاقسۇدىكى قەبرىسى بۇزۇلۇپ تۈزلىۋېتىلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2018-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دائىرىلەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غايەت زور قەبرىستانلىقىنى بۇزۇپ، ئورنىغا مۈشۈكئېيىقنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەنگەن بىر ئاممىۋىي باغچا ياسىغان.

1950-يىللاردىن كېيىن، مەرھۇم شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ چېگرانىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا «ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر» دېگەن ئوبراز بىلەن كۈيلەنگەن ئىدى. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا يازغان «جۇڭگو» تېمىسىدىكى شېئىرلىرىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلغان ئىدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ماۋ زېدوڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى ياشلارنىڭ ھەرىكىتىنى «ئىنقىلابىي ھەرىكەت»، لۇتپۇللا مۇتەللىپنى بولسا «ئىنقىلابىي قۇربان»، 1940-يىللاردا ئىلىدا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى بولسا «جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دەپ باھالىغان ئىدى.

مەرھۇم شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا جەڭگىۋار شېئىرىيەتنىڭ ۋەكىلى سۈپتىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەزەرىدە «ئوت يۈرەك شائىر» دەپ مەدھىيەلىنىپ كەلدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كومپارتىيەسى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرى «ۋەتەن خائىنى» دەپ ئېتىپ تاشلىغان خىتاي گېنېرالى جاۋ خەنچىنى «ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال» دەپ ھەيكىلىنى تىكلىگەن بولسا، شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنىمۇ يەر يۈزىدىن يوق قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى: «خىتاي كومپارتىيەسى گومىنداڭ بىلەن بولغان ھاكىمىيەت تالىشىش توقۇنۇشلىرى ۋە كېيىنكى ئىدېئولوگىيەلىك كۈرەشلەردە لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن پايدىلاندى. مېنىڭچە، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەينى ۋاقىتتا زۇلۇم كىمدىن كەلگەن بولسا شۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلغان شائىر ئىدى. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) بىلەن كوممۇنىست خىتايلارنىڭ مىللىي مەسىلىدىكى مەيدانى تامامەن ئوخشاشتۇر.»

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، ياش يازغۇچى، شائىر مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىزچىل ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئابرويلۇق كىشىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆز تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ لۇتپۇللا مۇتەلللىپ ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي بىزنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە بىر ئۈمد، جاسارەت ئويغىتىشىدىن قورقىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىزنالىرىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مەيلى ھازىرقى كومپارتىيە بولسۇن ياكى ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىنىڭ تۇتقان يولى ئوخشاش. يەنى ئۇلار خەلق سۆيگەن، خەلقنى ئويغىتالايدىغان بايراقدارلارنى يوقىتىشنى ئويلايدۇ.»

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن گومىنداڭ ئوخشاش. دەۋر ئالماشقان بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈلپەت ھېچقاچان ئۆزگىرىپ باقمىدى.»

مۇيەسسەر خەندان خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ‹جوڭگۇ› دېگەن شېئىرلارنى يازغان، ئۇنى بەك ماختاپ كەتمەسلىك كېرەك» دېگەن تالاش-تارتىشلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى:

«تارىخقا قارايدىغان بولساق، ئەينى ۋاقىتتا شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەمدىلا 20 ياشتىن ھالقىغان، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان بىر ئوت يۈرەك يىگىت ئىدى. كوممۇنىستلار تەشۋىق قىلىۋاتقان يېڭى تۈزۈمنىڭ خەلققە پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئالدىن كۆرگىلى بولمايتتى، ئەلۋەتتە. ئەگەر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشىغان بولسا، ئەھۋال ئەلۋەتتە باشقىچە بولغان بولاتتى، دەپ قارايمەن.»

بىز شائىر مۇيەسسەر خەنداندىن «ئەگەر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن زامانداش بولۇپ ياشىغان بولسا، ئۇنىڭغا نىمىلەرنى دېگۈسى بارلىقى» نى سورىدۇق. ئۇ ئۇزۇن بىر جىمجىتلىقتىن كېيىن مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: «مەن كىچىكىمدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىر زاماندا تۇغۇلۇپ قىلىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم. ئەگەر مەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن زامانداش بولۇپ ياشىغان بولسام، ھەرگىزمۇ كوچىدا ئۇچرىشىپ سالاملىشىپ قويىدىغان بىرسى بولمايىتتىم، چوقۇم ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن سەپدىشى بولۇشقا تىرىشقان بولاتتىم. چۈنكى ئۇ پەقەت شائىرلا ئەمەس، ئۇنىڭدا ھەممىمىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىر خىل جەڭگىۋارلىق بار.»

شائىر مۇيەسسەر خەندان سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىن يۈز يىل بۇرۇن تۇغۇلغان، «ۋەتىنىم»، «مىللىتىم» دەپ ياشىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ جەڭگىۋار ھاياتىنى بالىلىرىغا ئۆگىتىشنىڭ مۇھىملىقنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاخىرىدا رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز ھېچقاچان ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر بىلەن بەسلىشەلمەيمىز. لېكىن ئارىمىزدا مەيلى ۋەتەندە بولسۇن ياكى ۋەتەن سىرتىدا بولسۇن، لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش خىزمەت قىلىۋاتقان ياشلىرىمىز بار. مىللىتىمىز ئەتراپىمىزدا تىنىمسىز ھالدا ‹ۋەتىنىم› ۋە مىللىتىم› دەپ تېپچەكلەۋاتقان ھازىرقى ھايات ‹لۇتپۇللا مۇتەللىپ›لىرىنى ئاسرىشى ھەم قوغدىشى كېرەك!»