قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى داڭلىق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە جىددىي كىرىشتى

ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ «خىيالچان تىلەك» شېئىرى.
ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ «خىيالچان تىلەك» شېئىرى. (akademiye.org)

0:00 / 0:00

كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى بەك كۈچىيىپ، بۇ سىياسەتنىڭ ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى، شۇنىڭدەك بەزى ئابرۇيلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە بولۇۋاتقان خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرىگە، جۈملىدىن خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆز مىللىي سىمۋوللىرىدىن ئىپتىخارلىنىش روھىنى چەكلەۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تارىخىنى تىكلەش ھەم مىللىي سىمۋوللۇق تارىخىي شەخسلىرىنى خاتىرىلەش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرىلەشتۇر.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1940-يىللاردا مىللەتنىڭ ئەركىنلىكىگە، ئىنسانىي ھەقلىرىگە ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي گومىنداڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن قازاقىستاندا ئۇنى خاتىرىلەش ئىشلىرى ئەۋج ئالدى. بۇ يىل شائىرنىڭ 100 يىللىق تەۋەللۇتىنى ئۆتكۈزۈش تەييارلىق ئىشلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك ۋە ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر تەرىپىدىن قىزغىن يۈرگۈزۈلۈۋاتماقتا.

بىز شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا خاتىرىلەش پائالىيىتىگە باغلىق كېتىۋاتقان ئىشلارنى بىلىش مەقسىتىدە ئالمۇتا شەھىرى ئەۋېزوف ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، دوستلۇق مەھەللىسى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرى يېنىدىكى جاغىستاي يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، 1959-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان ئېلى ئەخمەتوفنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ مۇنداق دېدى: «1999-يىلى چوڭ ئاقسۇنىڭ تۇرغۇنى مۇھىدىن جالالوف لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتايلى دەپ ئىش باشلىغان. شۇ يىلى ئۇ ئۇيغۇرلاردا ئاز ئۇچرايدىغان مىس ھەيكىلىنى ياساپ، 75 يىللىقىغا ئاتاپ داغدۇغىلىق قىلىپ ئېچىلغان ئىدى. بۇ يىل 100 يىللىقىنى قارشى ئېلىشقا بىر يىل بولۇپ قالدى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ياخشى ئىشلارنى ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ. چوڭ ئاقسۇدىكى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەيكىلى ئالدىدا چوڭ ئىشلارنى باشلىۋەتتۇق. 29-ئۆكتەبىر كۈنى چونجىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولىدۇ».

ئېلى ئەخمەتوف شۇنداقلا چونجىدىكى ناھىيەلىك كىتابخانىدا شائىرغا ئاتالغان كىتاب كۆرگەزمىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە شائىرنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىدىكى ھەيكىلى ئالدىغا گۈل-چەمبەرلەر قويۇلۇپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شائىر ئەسەرلىرىنى ياد ئېتىپ، ئەدەبىي كەچنىڭ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان شائىرە ۋە ئالىمە، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى گۈلنارە ئاۋۇتوۋاغا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاتاقلىق شائىر، ئىسمى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا مىقياسىدا تونۇلغان لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي مىراسىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئالىملارنىڭ، يازغۇچىلارنىڭ، ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ بىلگەن ھەر قانداق بىر شەخسنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق. لۇتپۇللا ئۇ پەقەت شائىرلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئازادلىق، ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق، ئادىللىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ، شۇ يولدا ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغان تارىخىي شەخسلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ياش ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئامما ئۇيغۇرلار تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە داڭلىق شائىرىمىزنىڭ ئىسمىنى خاتىرىلەپ، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى بويىچە ئەڭ ئۈنۈملۈك، داۋاملىق ۋە تەدرىجىي ئىش ئېلىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار قازاقىستاندا ياشاۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئىمكانىيەت كۆپ بولۇپ، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا لۇتپۇللا مۇتەللىپكە باغلىق ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىي، ئىللىق، ئاساسلىق پىكىرىنى قىلالايدىغانلارنىڭ سانى ھېلىمۇ يوق ئەمەس، بار. بىز شۇنىڭغا خۇشال بولىمىز».

گۈلنارە ئاۋۇتوۋا قازاقىستانلىق يازغۇچىلار ۋە ئالىملارنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىلىق كۆپلىگەن ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئاھالە ئارىسىدىمۇ چوڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايانلىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز تەقدىر تەقەززاسىدىن ئۆزلىرىنى ئانا-يۇرتلىرىنى تاشلاپ، باشقا ئەللەرنى ماكان قىلغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئىزدەپ تېپىپ، شائىرغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى يىغىپ كەلگەنىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە لۇتپۇللانىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك پائالىيەت كېتىۋاتقان مەملىكەت بۇ قازاقىستان. چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتى بۇ ئەل بىلەن چەمبەرچاس باغلىق. مەن ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ، ئوقۇپ، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغاندا ئەنە شۇ شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنى تاللاپ ئالغانىدىم. بۇ ھەقتە كلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساۋۇت موللاۋۇدوف بىلەن بىرلىكتە ‹ھەقىقەتنى تارتىنماي سۆزلە› كىتابىنى، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ تەتقىقاتى ئاساسىدا ‹لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىي مىراسى› ناملىق مونوگرافىيەمنى يازغانىدىم».

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر، خىتاي، رۇس، ئۆزبېك، تۈرك، ئىنگلىز ۋە باشقا تىللاردا پۈتۈن توپلام ياكى ئايرىم پارچىلار بويىچە چىقىشقا باشلىغان. شائىر ئەسەرلىرىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئاتاقلىق ئالىم مۇرات ھەمرايېف تۇنجى قېتىم رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئايرىم كىتاب قىلىپ چىقارغانىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى قازاقىستان، ئۆزبېكىستانلاردىمۇ داۋاملىق نەشىر قىلىنىپ تۇردى.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى مەجلىسىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 100 يىللىقىنى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى قارالغان ئىكەن. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان يازغۇچىلار شائىرنىڭ تەۋەللۇتىنى مۇناسىپ ئۆتكۈزۈش بويىچە ئۆزلىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى سۇنغان. ئۇنىڭدا ئەدىب تەۋەللۇتىنى پۈتكۈل قازاقىستان دائىرىسىدە ئاتاپ ئۆتۈش قارارى قوبۇل قىلىنغان.