يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، ئىنقىلابىي شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان «خەلقنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ قالغان شائىر» ناملىق تەنتەنىلىك خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. يېزىنىڭ يۇرت-جامائىتى، يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار ئاكتىپلىرى، زىيالىيلىرى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيغۇر ناھىيەلىك ھۆكۈمىتى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك بىرلەشمىسى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. خاتىرىلەش مۇراسىمىغا يەنە باشقىمۇ يېزىلاردىن، ئالمۇتا شەھىرى، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار، ئوقۇغۇچىلار، ھاكىمىيەت ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. مۇراسىمدا مۆتىۋەرلەرھەمدە بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن ئاتا-ئانىلار بولۇپ، جەمىي 300 دىن ئوشۇق ئادەم جەم بولدى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدىكى مەدەنىيەت ئۆيى ئالدىدا ئورنىتىلغان ھەيكىلىگە گۈلچەمبىرەك قويۇش مۇراسىمىغا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، يۇرت-جامائەت ئاكتىپلىرى تەكلىپ قىلىندى. مۇراسىم رىياسەتچىلىرى شائىر ئەسەرلىرىدىن قازاقچە ۋە ئۇيغۇرچە پارچىلەرنى كەلتۈرگەن ھالدا، سۆزلىگۈچىلەرنى نۆۋەت بىلەن مۇنبەرگە تەكلىپ قىلدى.
شائىرغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك مۇراسىمنى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى شۆھرەت نۇراخۇنوف قازاقچە ۋە ئۇيغۇرچە نۇتۇق بىلەن باشلىدى. ئۇ شائىرنىڭ ناھايىتى قىسقا ياشىغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغانلىقىنى، دائىم ئۆز خەلقىگە، ئانا يۇرتىغا مۇھەببەت باغلاپ، مۇناسىپ خىزمەت قىلىپ ئۆتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ياشلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاندىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى گۈلنارە ئاۋۇتوۋاغا سۆز بېرىلدى. ئۇ ئەدىبنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى توغرىلىق دوكلات بەردى.
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ناتىقلار، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىدە تۇتقان رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇلار شائىر ئەسەرلىرىدە ئازادلىق، ئەركىنلىك، ئادالەت مەسىلىلىرىنىڭ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن چوڭ ئۈلگە-ئىبرەت بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ يارقىن قىياپىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپتەك ئېسىل پەرزەنتلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغان پۈتكۈل چوڭ ئاقسۇ جامائىتىگە مىننەتلارلىقىنى بىلدۈردى. مۇراسىمدا يەنە ئۇيغۇر-قازاق خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ھەققىدە پىكىرلەر ئېيتىلىپ، ئەدىب ئەسەرلىرىدىن پارچىلار ئوقۇلدى.
مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت نەزەروف ئەپەندى بۇ يىل مابەينىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنىڭ بۇنىڭدىن بەش-ئالتە ئاي بۇرۇن مۇشۇ يۇرت نامىدىن كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار بۇ پائالىيەتنى ھەمكارلىقتا ئۆتكۈزسەك دەپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك بىرلەشمىسىگە مۇراجىئەت قىلدى. ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بىرلەشمە بىلەن ھەمكارلىقتا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەركەز رەئىسى ئوسمانجان ئوبۇلوف ئاكىمىز ۋە بىرلەشمىنىڭ باشقارما ئەزالىرى مەخسۇس مۇشۇ يۇرتقا كېلىپ، يۇرت بىلەن كۆرۈشتۇق. شۇ جەرياندا تەشكىلىي توپ قۇرۇلدى.»
شاۋكەت نەزەروف بۇ جەھەتتە ماددىي ياردەم سوراپ ھېچ كىمگە مۇراجىئەت قىلمىسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي تورلار ئارقىلىق بۇنى بىلگەن خەلقنىڭ تەۋرەپ كەتكەنلىكىنى، ھەر ياقتىن ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقانلارنىڭ ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بولۇپمۇ چوڭ ئاقسۇ خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق تىلىدى. شاۋكەت نەزەروفنىڭ ئېيتىشىچە، پات يېقىندا قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىياتچىلار ئۆيىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
شائىر دەۋلەتبېك بايتۇرسىنۇلى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ كۆپ قىرلىق شەخس بولغانلىقىنى، خەلقىنىڭ، ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ۋاپاتى شەخسىي بېشىنىڭ مەنپەئەتىدىن بولمىدى، بەلكى ئۇ خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلەپ، شۇ يولدا قۇربان بولدى. ئۇ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ قاتارىدا جەڭچى بولۇپ، مىلتىق ئاتمىسىمۇ، ئۇنى قوللىدى. ئۇ شۇنىڭغا بىرلىشىش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۆلۈمى مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ قەھرىمانلىق ئۆلۈمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ روھى مەڭگۈلۈكتۇر. بۈگۈن ئەنە شۇ شائىرغا بېغىشلانغان مەنىۋىي جەھەتتىن ناھايىتى باي مۇراسىم ئۆتتى. ئىنتايىن مەزمۇنلۇق، تەسىرلىك بولدى. مەنمۇ شۇنىڭغا قاتنىشىپ، ئۆزۈمنىڭ پىكىرلىرىمنى ئىئېيتتىم. شۇنىڭدەك شائىرنىڭ ‹يىللارغا جاۋاب› ناملىق شېئىرىدىن بەش پارچە تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇپ بەردىم. لۇتپۇللا مۇتەللىپ پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا پەرزەنتى ئەمەس، ئۇ پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ پەخرى.»
چوڭ ئاقسۇدا ئۆتكۈزۈلگەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدا يېزا ۋە ناھىيە سەنەتكارلىرى، ئالمۇتادىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كونسېرت كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدا يەنە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەسەرلىرى، ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى، ۋە ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدە مەخسۇس كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ مۇراسىمدا بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان كىشىلەر شائىر تەۋەللۇتىغا ئاتاپ چىقىرىلغان مېدال ۋە باشقىمۇ باھالىق سوغاتلار بىلەن تەقدىرلەندى. مۇراسىم ئاخىرىدا شائىر روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ، نەزىر بېرىلدى.