ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاپ كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ئاچقان لۇيىس شىن خانىم بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

«لۇيىس شىن كىيىم-كېچەك لايىھەلىرى» نىڭ 2021-يىللىق كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى 31-ئاۋغۇست كۈنى تورغا رەسمىي قويۇلدى. شىۋېتسىيەدە چوڭ بولغان 27 ياشلىق خىتاي قىز لۇيىس شىننىڭ بىر-بىرىدىن ئۆزگىچە لايىھەلىرى ۋە بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق دۇنياغا بەرگەن ئۇچۇرى تور دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.

كۆرگەزمىنى كۆرگەنلەر مودېللارنىڭ ئۇچىسىدىكى ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن رەڭدار، ئۆزگىچە مودا كىيىملەردىن ھۇزۇرلىنىشتىن باشقا، كۆرگەزمىنىڭ ئاخىرىدا مودېللار قولىدا كۆتۈرۈپ ماڭغان پلاكاتلارغا يېزىلغان «بىرلا ئىرق بار، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانىيەت»، «مەن ئافغانىستان بىلەن بىر سەپتە»، «بىزنىڭ كۈچىمىز بىرلىشىشتە» دېگەنگە ئوخشاش خەتلەرگە دىققەت قىلغان. بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرىدا لۇيىس شىن ئۆز قولى بىلەن ئوتتۇرىدا تۇرغان ئىككى مودېلغا بەرگەن ئۇزۇن لوزۇنكىدىكى «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «بارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن» دېگەن شوئارلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ناھايىتى كەڭ تارقىتىلدى.

«لۇيىس شىن خانىم 31-ئاۋغۇست كۈنى تورغا قويغان ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى.
ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاپ كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ئاچقان لۇيىس شىن خانىم.

«لۇيىس شىن كىيىم-كېچەك لايىھەلىرى» نىڭ رەسمىي تور بېتىدە يېزىلىشىچە، «لۇيىس شىن كىيىم-كېچەك لايىھەلىرى» 2020-يىلى سىتوكھولمدا لايىھەلىگۈچى ۋە سەنئەتكار لۇيىس شىن تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان. بۇ ماركىدىكى كىيىم-كېچەكلەر پەقەتلا ئىجارە بېرىلىدىغان كىيىم-كېچەك ماركىسى ئىكەن. لايىھەلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر تاللاش بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى، ھەرخىل مەدەنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئالاھىدە رەختلەردىن تىكىلىدىكەن.

ئۇلار ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بىز بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەلدۇق، يەنە ئوخشاش شەكىلدە يالىڭاچ كېتىمىز. بۇ دۇنيادىكى ھېچنەرسە بىزنىڭ ئەمەس. بىز پەقەت ئېرىشكەنلىرىمىزگە مەمنۇن بولالايمىز ۋە ئۇنى بىر-بىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشالايمىز، بۇ مۇشۇ دۇنيانى ئىزچىل ساقلاپ قىلىشتىكى بىردىنبىر يول».

بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن «لۇيىس شىن كىيىم-كېچەك لايىھەلىرى» نىڭ ياش لايىھەلىگۈچىسى لۇيىس شىن خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

مۇخبىر: ئۆزىڭىز ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بەرگىنىڭىزدىن كېيىن، «لۇيىس شىن لايىھەلىرى» ھەققىدە بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟

لۇيىس شىن خانىم: مېنىڭ ئىسىم لۇيىس شىن. مەن خىتايدا تۇغۇلغانمەن، شىۋىتسيەدە چوڭ بولدۇم. كىچىكىمدىن باشلاپلا ئىجادچان ئىدىم. دائىم رەسىم سىزىدىغان، بىر نەرسىلەرنى ياسايدىغان ئىشلارنى قىلاتتىم. ئىككى يىل ئىلگىرى پىرادادىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆز ئالدىمغا كىيىم لايىھەلەشكە كىرىشتىم. ئالدىنقى يىلى كورونا مەزگىلىدە ياپونىيەدە ئالتە ئاي تۇرۇپ قالدىم. بۇ جەرياندا كاللامغا نۇرغۇن نەرسىلەر كەلدى، بۇ جەريان مەن ئۈچۈن بىر ئويغىنىش بولدى دېسەممۇ بولىدۇ. ھاياتتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىسراپ قىلىۋېتىدىكەنمىز. بۇ بىر شەكىلدە ھاياتىمىزغا، ياشاۋاتقان دۇنيامىزغا تەسىر قىلىدىكەن. شۇڭلاشقا مەن پەقەتلا ئىجارىگە بېرىش ئۈچۈن كىيىم لايىھەلەشنى قارار قىلدىم. مەن تور بېتىمدە يازغىنىمدەك، بۇ دۇنياغا كەلگىنىمىزدە ھېچنېمىمىز يوق ئىدى، كەتكەندىمۇ ئوخشاش قۇرۇق قول كېتىمىز. شۇڭلاشقا بۇ دۇنيادا ئېرىشكەن نەرسىلەرنى ھەمبەھىرلەپ ياشاش كېرەك، دەپ قارايمەن.

مۇخبىر: ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا قانداق بولۇپ مودا كىيىم-كېچەكلەردىن پايدىلىنىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟

لۇيىس شىن خانىم: مېنىڭچە، بۇ دۇنيادا ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق مەسىلىلەر «بىز» ۋە «ئۇلار» دەپ ئايرىغانلىقىمىزدىن كېلىپ چىققان، يەنى بىز ئافرىقالىق، بىز خىتاي، بىز خرىستىيان، بىز مۇسۇلمان، بىز ئوخشىمايمىز، دېگەندەك. كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەر بىزنىڭ ئىنسانلاردىكى پەقەت پەرقلەرنى كۆرۈپ، ئوخشاشلىقلارنى ۋە بىر گەۋدە ئىكەنلىكىمىزنى كۆرمەسلىكتىن كېلىپ چىققان. ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دۇنيانىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. مەن تۇنجى مودا كىيىم كۆرگەزمىسىنى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىدىم، چۈنكى مەن ئۆزۈم خىتاي. شىنجاڭدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلگىنىمدە ھەقىقەتەن يۈرىكىم ئېزىلدى. مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ بىلگەنلىرىمگە زادىلا ئوخشىمايدىغان يات بىر ئىشلار يۈز بېرىۋاتقان بولغاچقا، دەسلەپتە بۇنىڭغا ئىشىنەلمىدىم. 2021-يىلدا ياشاۋاتقان بىزلەر قانداق قىلىپ مۇشۇنداق قورقۇنچلۇق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىچە كۈچىمەيۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنەلمىدىم. مەن سىياسىي پارتىيەلەر، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ياردەم تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلاشتىم، ئەمما كۆپىنچە «ياق» دېگەن جاۋابقا ئېرىشتىم. مەن ئۆمرۈمدە ئەزەلدىن بۇنداق ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىغان ۋە ئۆزۈمنى بۇنداق ئاجىز ھېس قىلىپ باقمىغان. مەن جىق ئويلاندىم، ۋە ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى بويىچە يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى لايىھەلىرىم ۋە كىيىم-كېچەكلىرىم ئارقىلىق ياردەم قىلالايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. بۇ كۆرگەزمە مانا مۇشۇنداق مەيدانغا كەلدى.

مۇخبىر: سىز لايىھەلىگەن كىيىملەر ۋە مودېللارنىڭ قولىدا كۆتۈرۈۋالغان پىلاكاتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، كۆرگەزمىنى بۇ خىل شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇشتا سىزگە ئىلھام بولغان نەرسە نېمە؟

لۇيىس شىن خانىم: مەن ئەسلىدە شەخسى ھاياتىمدا ناھايىتى قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتاتتىم. ئاندىن مەن ياردەم قىلىشنى ئويلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بېشىدىن كەچۈرىۋاتقىنى مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمدا باشتىن كەچۈرگەن ئىشلاردىن نەچچە مىڭ ھەسسە ئېغىرلىقىنى ئويلىدىم. ئۇلارنىڭ ھەتتا ئۆزلىرى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلىتىشقىمۇ ئىمكانى يوق ئىدى. دۇنيادا شۇنچە ئېغىر زۇلۇمنى كۆرۈۋاتقانلار بار يەردە مېنىڭ بۇ دەردىم نېمىتى، دەپ ئويلىدىم. بۇ ئوي ماڭا بۇ مودا كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشكە بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى. «مودا» مەن يىللاردىن بېرى ياخشى كۆرۈپ قىلىۋاتقان ئىش ئىدى، ئەمما بۇ قېتىمقىسى پەقەتلا «مودا» ئەمەس، بەلكى تەربىيەۋى قىممىتى بولغان بىر ئېقىم. مەن بىر دوستۇمدىن، «ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ‹يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى› دىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ تراگېدىيە. كىشىلەر نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ: «ھەممە ئادەم پەقەت ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ،» دېدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى ماڭا مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى مەن خىتايدىن كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن مەن كۆرگەزمىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقان ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان مودېللارنى تەكلىپ قىلدىم. ئۇلار كۆتۈرۈۋالغان پىلاكاتتىكى خەتلەرنى ئاساسەن ئۆزلىرى يازغان. مەن بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىشلەتتىم ۋە كۆرگەزمىگە قاتناشقان مودېللارنىڭمۇ ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىدە ئاۋازىنى ئاڭلىتىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم.

مۇخبىر: گەرچە بىر قىسىم كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، خىتاي بىلەن سودا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىدى. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

لۇيىس شىن خانىم: مەن ئۇلارنى چۈشىنىمەن. ھەممىمىز تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقىتىشنى خالىمىغانلىقنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. غايەت زور شىركەت، غايەت زور ماركانىڭ ئارقىسىدا قەلبى ۋە ھېسسىياتى بولغان جانلىق ئادەم بار. ئۇ دەل مەن ئالاقىلىشىۋاتقان كىشىلەر. مەن ئۆزىمىزنىڭ يەككە ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىمىزنى ۋە قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى چۈشىنىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى كىشىلەر ئىتتىپاقلاشسا، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدۇ. شەخسلەرنىڭ كۈچى ھەرقانداق شىركەت ياكى دۆلەت ۋە ياكى بىزگە قارشى تۇرىدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن كۈچلۈك. ئىشىنىمەنكى، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىلىتسىڭىز، باشقا ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئەڭ چاتاق يېرى شۇكى، ئەگەر سىز ئۇلارنى سىز تەرەپتە تۇرۇشقا ماقۇل قىلسىڭىز، ئۇلار زىيان تارتىشى مۇمكىن. شۇڭا نۇرغۇن ماركىلار سىزنى قوللاشتىن قورقىدۇ. ئەمما ئادىمىيلىكىڭىزنى يوقىتىشتىنمۇ قورقۇنچلۇق نەرسە بارمۇ؟ مېنىڭچە، بىز قورقۇشنىڭ ئورنىغا جاسارەتكە كېلىپ قورقۇنچىمىز بىلەن يۈزلەشكىنىمىز ياخشى. شۇنداق بولغاندا، بىزنىڭ كەسپىمىز ۋە جەمئىيىتىمىز پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقىچە كەسىپ ۋە جەمئىيەت بولىدۇ، دەپ قارايمەن.

مۇخبىر: ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن باشقا پىلانلىرىڭىز بارمۇ؟

لۇيىس شىن خانىم: مەن تېخى يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن «ئىئانە توپلاش مۇراجىئىتى» چىقاردىم. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر تۈركىيەدە. مېنىڭچە، ئەگەر سىز بىر ئادەمگە بېلىق بەرسىڭىز، ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك يېمەكلىكى بولىدۇ، ئەمما ئۇلارغا بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتسىڭىز، ئۇلار بىر ئۆمۈرلۈك يېمەكلىكىنى تېپىپ يېيەلەيدۇ. ئۇ يەردە ئۇيغۇر بالىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان ۋە ئۇلارغا ئائىلىگە ئوخشاش بىخەتەر قوغدايدىغان مەكتەپ بار ئىكەن، ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى پىلانلاۋاتىمەن. ئۇ بالىلارنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى بار. مەن بۇ مۇراجىئەتنامە ۋە بۇ كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جەۋھەر ئىلھام (ئىلھام توختىنىڭ قىزى) بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى، بۇ مەسىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ۋە قانداق قىلغاندا شىركەتلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرماقچى. ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىشىنىڭ بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لۇيىس شىن خانىم ۋە جەۋھەر ئىلھام 2-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە ئىنستېگرامدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتكە نەق مەيداندىن نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نۇرغۇن مۇھىم سۇئاللارنى سوراشتى. جەۋھەر ئىلھام سۇئاللارغا ناھايىتى ئەتراپلىق جاۋابلارنى بەردى. سۆھبەتتە دېيىلگەن مەزمۇنلار ھەققىدە كېيىنكى پىروگراممىمىزدا تەپسىلىي توختىلىمىز.