ما جۈ: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش مودېلى غەربىي-شىمالدىكى تۇڭگانلار رايونلىرىغىمۇ كېڭەيمەكتە»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىنىڭ 15-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ لەنجۇدا بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، «شىنجاڭ-گەنسۇ ئىستراتىگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 15-فېۋرال كۆچۈرۈپ تارقاتقان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 14-فېۋرال لەنجۇغا بېرىپ، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە ئۆزا-ئارا ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە بولغان. لەنجۇدا ئېچىلغان ئىككى رايوننىڭ ئورتاق ھەمكارلىق خىزمەت يىغىنىدا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ليۇ خې بىرلىكتە «شىنجاڭ-گەنسۇ ئىستراتىگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان.

نيۇ-يوركتىكى تۇڭگان پائالىيەتچىسى ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭ-گەنسۇ ئىستراتىگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى»، ئەمىلىيەتتە «خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مودېلىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي-شىمال رايونلىرىدىكى تۇڭگانالار ئارىسىغا كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» ئىكەن.

نيۇ-يوركتا ياشاۋاتقان تۇڭگان پائالىيەتچىسى ما جۈ ئەپەندى.
نيۇ-يوركتا ياشاۋاتقان تۇڭگان پائالىيەتچىسى ما جۈ ئەپەندى. (Ma Jü teminligen)

ما جۈ مۇنداق دېدى: «بۇ جايلارنىڭ ھەممىسى ھازىر شىنجاڭدىن ئۆگەنمەكتە. ئۇلار شىنجاڭنىڭ باشقۇرۇش مودېلىنى ئۆزلىرىگە تەدبىقلىماقتا. ئەڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمى، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى دېگەنلەرنىڭ نەزەرىدە گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكە ۋە رايونلار شى جىنپىڭنىڭ شىجاڭدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى ئۆز ئەينى ئىجرا قىلمىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ جايلار بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتا كەسكىن بولمىغان. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئۈزۈل-كېسىل ھالدا پۈتكۈل غەربىي-شىمال رايونىدىكى ھەرقانداق بىر ئاز سانلىق مىللەتكە، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۇڭگانلارغا تېخىمۇ قاتتىق كونتروللۇق يۈرگۈزمەكچى ۋە يوقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ باشلىنىشى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زىيانكەشلىكى، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي بولغان قارشىلىققا ئۇچرىمىدى. ئەڭ كۆپ بولغىنىمۇ پەقەت ئەيىبلەش بىلەنلا كۇپايىلەندى، خالاس. شۇڭا ھازىر ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىش، دىسەك خاتا بولمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق داۋام قىلىۋەرسە، ئۇلارنىڭ باستۇرۇش نىشانى گەنسۇ ۋە نىڭشيادىكى تۇڭگانلار، موڭغۇللار ۋە تىبەتلەرنىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قىسمەتكە ئۇچرىتىدۇ. ئۇلار ئىلگىرى بۇ جەھەتتىكى خىزمەت يېتەرلىك بولمىدى دېگەن بولسا، ھازىر ئەمدى بۇ خىل باستۇرۇشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرمەكچى.»

ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىر گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا بۇ خىل سىياسەت يۈرگۈزۈلىۋاتامدۇ، دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، خىتايدا تۇڭگانلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ ئۆلكىلەرگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. تۇڭگانلارنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى تارقىلىشى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ پەرقلىق. شۇڭا ئۇلار ئوخشىمىغان ئۆلكىلەردە ئوخشىمىغان باستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا. بەزى رايونلاردا مەسچىتلەر زور كۆلەمدە چېقىلماقتا. تۇڭگانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار چېقىلماقتا. گەنسۇدا مەسچىتلەرنى چېقىپ ئازايتىۋاتىدۇ، دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ ياكى كومپارتىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە دىنىي زاتلار تەربىيەلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر ئىسلام دىنىنىڭ گەنسۇدىكى ئەسلىدىكى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلىماقتا. ئىسلام دىنىي مەكتەپلىرىنى تاقىماقتا.»

ما جۈ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى باستۇرۇش نىشانىنىڭ بارلىق مۇسۇلمان مۇخلىسلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

«بىز شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا باستۇرۇش ئوبيېكتى قىلىۋاتقانلار مۇسۇلمانلار توپلۇقىدۇر، يەنى ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان ئىسلام مۇخلىسلىرىدۇر. ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۈشمەنلىرى دەپ قارالماقتا. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقانداق بىر توپلۇقنى بوش قويۇۋەتمەسلىكىدىكى سەۋەبمۇ دەل مۇشۇ يەردە. بۇنىڭدىن ھازىر تۇڭگانلارنىڭ قانداق بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.»

ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوتتۇز ئىككى بەتلىك دوكلات يوللاپ، ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگىرلارغا قامالغان تۇڭگانلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، مەن بۇ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يوللىغان دوكلاتىمدىمۇ، تۇڭگانلارنىڭ باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى، لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقى، سوتلىنىپ تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ۋە ئۆلگەنلىكىگە دائىر پاكىتلارنى ئاڭلاتتىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرىدىن ئېلىندى. ئۇلار زور تۈركۈمدىكى تۇڭگانلاردىن باشقا يەنە دوڭشياڭلار، سالارلار، باۋئەن قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىمۇ نىشانغا ئالماقتا.»

ماجۈ ئەپەندى يەنە ئۆزى ب د ت غا يوللىغان دوكلاتىدا، تۇتقۇندىكى تۇڭگان ئۆلىمالىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سانجى شەھرىدىن 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، تۇرمىگە تاشلانغان جىڭ خەيدې، يەنى مۇسۇلمانچە ئىسمى داۋۇت ئاخۇننىڭ؛ يۈننەندە تۇتقۇن قىلىنغان ما چاڭشېڭ ئاخۇن قاتارلىقلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ما جۈ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن پۈتكۈل مىللەت بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋاقىتتا، تۇڭگانلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزمەكتە ئىكەن.