تور سۆزچىسى ما جۈ: «ئامېرىكانىڭ ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› نېمە ئۈچۈن خىتاينى سەكرەتتى؟»

0:00 / 0:00

يۇتۇب تورىدىكى «مىڭجىڭ خەۋەرلىرى» ۋە «ما جۈ خەۋەرلىرى» قاتارلىق پروگراممىلاردا خىتايچە ئانالىزى بىلەن تونۇلغان تور سۆزچىسى ما جۈ توردىكى ئەگەشكۈچىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىرى. يېقىندىن ئۇنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى پروگراممىلىرى فېيسبۇك تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، دىققەت قوزغىدى.

ما جۈ ئەپەندى 20-ئىيۇن كۈنىدىكى پروگراممىسىدا 17-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ھەققىدە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر پروگراممىدا ما جۈ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ئىمزالىنىشىغا قارىتا شۇ قەدەر كۆپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

24-ئىيۇن كۈنى بىز ما جۈ ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

ئۇ ئاۋۋال ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئىسمىنىڭ مۇھەممەد ئىسمائىل جۈمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىسلامىي ئېتىقادى كۈچلۈك ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۇ 1976-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە گەنسۇدىن تەڭرىتاغ باغرىدىكى تېكەس ناھىيىسىگە قېچىپ كېلىپ يەرلەشكەنلىكىنى ۋە شۇ يەردە 1982-يىلغىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 6 يىل ياشىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىدىكى بۇ خاتىرىلەر ئۇنى ئۇيغۇرلارنى دەسلەپ تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەن ئىكەن. شۇڭا ئۇ كېيىنكى مەزگىللەردە ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن دوستلۇق ئورناتقان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ئىكەن. ئۇ ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىنمۇ تور سۆزچىسى سالاھىيىتى بىلەن يۇتۇب تورىدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە ئانالىز پروگراممىلارنى ئىشلەپ كەلگەن ئىكەن.

زىيارىتىمىز جەريانىدا ما جۈ ئەپەندى بۇ قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمزالىشى بىلەن قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىق ئىنكاسىدا بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.

ما جۈ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن دىققىتىمىزنى قوزغايدىغىنى شۇكى، سىز ئوتتۇرىغا قويغاندەك، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا ئىنتايىن قاتتىق ئىنكاس بىلدۈردى. خىتاينىڭ ‹خەلق گېزىتى›، خىتاي مەركىزى رادىيو-تېلىۋېزىيەسى قاتارلىق كۆپلىگەن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بىردەك ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› نى ‹پەقەتلا بىر ۋاراق كېرەكسىز قەغەز› دەپ قاخشىدى. ئەمما ‹كېرەكسىز قەغەز› دەپ ئەيىبلەشتىن ئىبارەت بۇ خىل قارىلاش سۆزىنىڭ پۈتكۈل خىتاي تاراتقۇلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر خەۋىرىدە دېگۈدەك تەكرار قوللىنىشى دىققەت قوزغايدۇ.»

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى ‹ئېتىبارى يوق بىر ۋاراق ئاق قەغەز› دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل تاراتقۇلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ ئۆزىدىنلا مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەجەللىك بىر زەربە بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.

ما جۈ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا 1990-يىلى يۈز بەرگەن ‹بارىن ۋەقەسى› نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قاتار ۋەقەلەرنى ‹تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى› دېپ ئەيىبلىگەن تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتتى. بۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1990-يىللاردىن تاكى يېقىنقى يىللارغىچە يوشۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇشلار ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى ئاشكارىلاندى. ئۇ ھالدا مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن سورايدىغان بىر سوئالىم شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن ئۆزى ‹كېرەكسىز قەغەز› دەپ مەنسىتمىگەن بۇ قانۇنغا قارىتا بۇ دەرىجىدە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىدىكى ئومۇمىي خەلقنى تەشكىللەپ، مەزكۇر قانۇنغا قارىتا ئەيىبلەش ھەرىكىتى قوزغايدۇ؟ بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك قانۇنىي مەسىلە. شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدىن قايتۇرۇپ سورىلىدىغان بىر سوئال. بۇنىڭ ئۆزىلا بۇ قانۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىدا ئېيتىلغاندەك ‹كېرەكسىز قەغەز› ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتى. چۈنكى بۇ قانۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي باستۇرۇشى ۋە قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ.»

ما جۈ ئەپەندى يەنە ئامېرىكادا ئىمزالانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىغا بېرىلگەن قاتتىق ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە بۇنىڭ مانجۇ ئىستېلاسىدىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ دۇنياغا يەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بولۇشىدەك ئامىللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ما جۈ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغاش ھەرىكىتى 1958-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى› گە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ جايدىكى ھەقىقىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى قاتتىق باستۇرغان ئىدى. مانجۇ ئىستېلاسى دەۋرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ئۆزىنى بېسىۋالغۇچىلارغا قارشى ئەڭ قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان خەلقتۇر. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ زېمىندا ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن چاغدىلا ئاۋۋال مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنى يوقاتتى. كېيىن خەلقنى باشلىيالايدىغان ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىمالارنى، سودىگەر بايلارنى ۋە زىيالىيلارنى باستۇردى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان لاگېرغا قامالغانلار ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ زور بىر قىسمى يەنە ئاشۇنداق خەلقنى باشلىيالايدىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىدۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكادا ماقۇللانغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدەك قىلمىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى ئىچىگە كىرگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى. بۇ مەنىدىن بۇ بىر چوڭ نەتىجە. مانا بۇ مانجۇ ئىستېلاسىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولغان بىر قوللاش. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ مەزكۇر قانۇنغا قارىتا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەر قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.»

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ما جۈ ئەپەندى يەنە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بار ئىمكانىيەتلەر بىلەن داۋاملىق تىرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.