خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە «كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش» ھەرىكىتىنىڭ شەپىسىنى بەرگەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا مۇقىملىقنى ساقلاش، تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسىي قاتلام يېزا-كەنتلەرگە زور ساندا كادىر چۈشۈرۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۈي 24-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس يىغىنىدا، ئاساسىي قاتلامغا كادىر ئەۋەتىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە، «قانۇن ۋە تەپتىش ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر كادىرلار بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئامما ئارىسىغا چۆكۈشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك» دېگەن.

2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان شاھىتلاردىن ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان گۈلپىيە قازىبېك خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ 1999-يىلى خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان ئاساسىي قاتلاملارغا ئەۋەتىلگەن كادىرلارغا قويۇلغان تەلەپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 1998-يىلدىن باشلاپ غۇلجا ناھىيەسىدە يېزىلاردىكى ئاياللارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ئىشلىگەن بولۇپ، 2000-يىللاردا يېزىلارغا ئەۋەتىلگەن كادىرلار، ھۆكۈمەت نۇقتىلىق دەپ گۇمان قىلغان نۇقتىلىق ئائىلىلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان رايىنى ئىگىلىگەن ئىكەن. ئەمما 2013-2014-يىللار، بولۇپمۇ 2015-يىلدىن كېيىن يېزىلارغا ئەۋەتىلگەن كادىرلار مىسلىسىز كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇ مەزگىلدە كادىرلارغا، ئۇلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن ئائىلىلەرنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ يۇقىرىغا يوللاش ئاساسلىق ۋەزىپە قىلىپ بېكىتىلگەن ئىكەن.

گۈلپىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئاساسىي قاتلاملارغا ئەۋەتىلگەن كادىرلار، ئۆزى تەكشۈرگەن ئائىلىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىرىمى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان ئىنكاسى، شۇ ئائىلىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى بار-يوقلۇقى قاتارلىقلارنى بىرمۇبىر ئىگىلىگەن ئىكەن. بۇ كادىرلار يوللىغان دوكلاتلار 2017-يىلى ئەۋجىگە چىققان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇندا، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايوندىكى خەلقلەرنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىنىشىدا ئاساس قىلىنغان «جىنايى پاكىتلار» بولۇپ قالغان.

گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۇينىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا، ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار نوپۇسى ھېلىھەم مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبتىكى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىگە زور تۈركۈمدە كادىر چۈشۈرۈشنى تەكىتلىشى، 2017-2018 يىللاردا، ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرلارغا بىر تۇتاش قاماش دولقۇنىدىن ئىلگىرى، ئۈرۈمچىدىكى ئىدارە-ئورگانلاردىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارغىچە بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلارغا ئەۋەتكەن ئەھۋالنى ئەسلىتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى يولغا قويۇپ، لاگېرلارغا ئاز دېگەندە ئىككى مىليون ئادەمنى سولاشتىن ئىلگىرى ئاتالمىش «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» ھەرىكىتى قوزغاپ، ئاز دېگەندە 200 مىڭ كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتكەن، خىتاي كادىرلار بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «قوشماق تۇغقان» بولۇشقا مەجبۇرلىغانىدى.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم چېن چۈەنگو دەۋرىدە يەنى 2017-2018-يىللاردىكى چوڭ تۇتقۇن ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» بولۇش سىياسىتىنى ئەسلەپ، ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئاتالمىش قوشماق تۇغقانلارنىڭ ھەر ئايدا بىر ھەپتە ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە شۇ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن 24سائەت بىللە تۇرۇش ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

قەلبىنۇر خانىم ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى نەقىل ئېلىپ، ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئەھۋال ئىگىلەش ۋە نازارەت ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۈي 24-ئاپرېل قىلغان سۆزىدە يەنە، «شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت ئېغىر، يول ئۇزۇن» دېگەن.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم ما شىڭرۈينىڭ بۇ سۆزلىرىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى› دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتىمۇ، خىتاي ئەمەلدارى ما شىڭرۈينىڭ مۇقىملىقىنى ئاساسىي خىزمەت دەپ تەكىتلىشى ۋە خىتاي كادىرلىرىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزىلارغا ئەۋەتىشنى تەشەببۇس قىلىشى ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ» دېدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.