2021-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرى، گۇاڭدۇڭدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ما شىڭرۈي، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى بىلەنلا شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى» داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىق ئىرادىسىنى بىلدۈرگەنىدى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۈينىڭ خوتەندىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش زىيارىتىدە، مەخسۇس لوپ ناھىيەسىدىكى چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىنى زىيارەت قىلىشى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئېيتىلىۋاتقاندەك، ما شىڭرۈينىڭ ۋەزىپىگە قويۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم ئەمەلىي بېشارەت بەردى.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ما شىڭرۈي 7-يانۋار خوتەن ۋىلايىتىگە تەكشۈرۈشكە كەلگەن. ئۇ خوتەن ناھىيەسى، قارىقاش، لوپ قاتارلىق ناھىيەلەرنى ئارىلاپ، گىلەم، ياڭاق قاتارلىق يەرلىك داڭلىق مەھسۇلاتلارنى، ئەنئەنىۋى قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان، ھازىر ئاساسەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن زاۋۇت، كارخانا، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركەتلىرىنى ئايرىم-ئايرىم كۆزدىن كەچۈرگەن. بۇ جەرياندا ئۇ لوپ ناھىيەلىك چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىدا مەخسۇس زىيارەتتە بولغانىكەن. خەۋەردە ما شىڭرۈينىڭ مەزكۇر سانائەت باغچىسىدىكى چاچ بۇيۇملىرى ئۆرنەكلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ چاچلارنى چۈشەندۈرۈۋاتقان زاۋۇت خادىملىرى بىلەن بىرگە تۇرغان سۈرىتى ئېلان قىلىنغان.

لوپ ناھىيەسىگە جايلاشقان بۇ چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلىرى باغچىسى لوپتا قۇرۇلغان «خاۋلىن چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى» جايلاشقان سانائەت باغچىسى بولۇپ، خاۋلىن شىركىتىدە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان 800 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى جەمئىي 13 توننا چاچتىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇپ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى ئىيۇندا مۇسادىرە قىلىنغان. بۇ شىركەتنىڭ چاچ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا زەنجىرى، لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلانغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ بۇيۇملىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەنىدى.
ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىن خاۋلىن شىركىتى جايلاشقان لوپتىكى بۇ چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلىرى باغچىسىنىڭ 2017-يىلى يەنى لاگېرلار قۇرۇلغان بىر ۋاقىتتىن باشلاپ، لوپتا 400 مو دائىرىنى ئىگىلەپ قۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
خاۋلىن شىركىتى بولسا 2018-يىلى 1-ئايدا بىر خىتاينىڭ 8 مىليون يۈەن مەبلىغى بىلەن قۇرۇلۇپ ۋە لوپتىكى بۇ چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىغا ئورۇنلاشقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. لوپتىكى بۇ چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلىرى باغچىسىغا 2018-يىلى جەمئىي 24 شىركەت يەرلەشكەن، بۇلاردا يەرلىكتىن 4000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى يەنە، لوپتىكى بۇ كەسىپلەر باغچىسىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىقى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئەرزان باھادا، مەجبۇرىي ئىشلىتىپ چاچ يىغىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرىنى ئېكسپورت قىلىش كەسپىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى، ھەممىسىنىڭ ئىنسان چېچىدىن كەيمە چاچ، كىرپىك قاتارلىق قوشۇمچە چاچ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىتاي ئىچىدىكى چاچ بۇيۇملىرى شىركەتلىرىنى خام ئەشيا ھەم مال بىلەن تەمىنلەش، ئېكسپورت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.
گەرچە ما شىڭرۈي زىيارەت قىلغان لوپتىكى بۇ چاچ بۇيۇملار كەسىپلەر باغچىسىدا چاچتىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ زادى قانچىلىك قىسمىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ياسالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كىملەردىن، قانداق شەكىلدە ئېلىنغان چاچلارنى خام ئەشيا قىلغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن، بۇ چاچ بۇيۇملىرى شىركەتلىرىنىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ چاچلىرىنى خام ئەشيا قىلىدىغانلىقى ۋە تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغانلىقىدىن گۇمانى يوقلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
مېھرىگۈل تۇرسۇندىن باشقا يەنە، گۈلباھار جېلىل، زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىق 10 غا يېقىن لاگېر شاھىتىنىڭ رادىيومىزغا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىدا بىردەك، ئۆزلىرىنىڭ شۇنداقلا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ چاچلىرىنىڭ بىردەك مەجبۇرىي چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى ياكى كېسىۋېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 2021-يىلى 23-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، بۇ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانىدى.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل مەككول بۇ قانۇن لايىھىسىنى ئاۋازغا قويۇش ئالدىدا «تۆپىلىك» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە: «بىز يېقىندا خىتايدىن كەلگەن 13 توننا چاچنى مۇسادىرە قىلدۇق. بۇ خىلدىكى ئىنسانلارنىڭ چېچىنى كېسىۋېلىپ سېتىش قىلمىشى ناتسىستلار دەۋرىدىن بۇيان قايتا كۆرۈلۈپ باقمىغان. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇ جىنايەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن مەن بۇ قانۇن لايىھىسىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن» دېگەنىدى.
ھالبۇكى ما شىڭرۈينىڭ خوتەن زىيارىتىدە يەنە چاچ بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى لىنىيەسىگە بېرىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ماكانلىشىشى، دېھقانلارنى تېخنىكا-ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى، كارخانىلارنى قوللاشتا باج كەچۈرۈم قىلىش ۋە يەنە خەلقئارالىق سودىنى ئالغا سۈرۈشنى تەكىتلىشى تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شون روبېرتس بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى «ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى سېكرېتارى بولۇپ كەلگەن ما شىڭرۈينىڭ بۇ غەلىتە زىيارىتى، خىتاينى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلەشلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولالمىغانلىقىنى، يەنى ئۇنىڭ سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەپسۇسكى ئامېركانىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپمۇ قارىمايمەن. بۇ قانۇن بىر ياخشى باشلىنىش، ئەمما خىتاي ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن ماللىرىنى ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە ساتالايدۇ. شۇڭا بۇ قانۇن پەقەت سىياسەتنى ئۆزگەرتىشكە مەلۇم بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسەتنى ئۆزگەرتىدىغان يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى. مەن بۇ قانۇننىڭ بارغانچە خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرگە، ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان سىياسەتنىڭ خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىغا ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا، «ما شىڭرۈينىڭ لوپتىكى لاگېردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈلگەن چاچلىرىلىرىنى خام ئەشيا قىلىش، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش گۇمانى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان شىركەتلەر ئورۇنلاشقان بۇ چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىنى زىيارەت قىلىشى ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق بېشارىتى» دەپ تەنقىد قىلدى.
ئۇ يەنە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان بىر پەيتتە خىتايدىكى بۇ قەبىھ زوراۋانلىققا شېرىك بولماسلىققا، خىتاينىڭ ماللىرىنى سېتىۋالماسلىققا، ئۆتكۈزۈلۈشكە بىر ئايچە قالغان قىشلىق ئولىمپىكنى پۈتۈنلەي بايقۇت قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن كەسكىن تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىق قىلدى.
خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ زىچ ۋە چوڭ ۋىلايەت بولۇپ، خىتاي بۇ جاينى ئەڭ قاتتىق سىياسەتلەر بىلەن باشقۇرۇپ كەلمەكتە. خوتەن ۋىلايىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەدەن بايلىقلىرى مول ۋىلايەتلەردىن بىرى بولۇشىغا قارىماي، خوتەن خەلقى ھازىرغىچە نامراتلىق قالپىقىدىن قۇتۇلالماي كەلمەكتە. ما شىڭرۈي يەنە خوتەن زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا «جۇڭخۇا مىللىتى» ئورتاق ئىدىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.