خىتاينىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ۋە «بۈيۈك شاھمات ئىستراتېگىيەسى»
2025.03.11

خىتاينىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنى تەلتۆكۈس خىتايلاشتۇرۇش پىلانى
26-فېۋرال ئۈرۈمچىدە «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىڭتۈەن ۋە ھۆكۈمەت كاتتىباشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي بۇ يىغىندا «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى تۈزەش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ‹شىنجاڭ بىر شاھمات تاختىسى بولسا، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇنىڭ كۆزى› دېگەن پىكىرنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى يەنىمۇ چۈشىنىش ھەم ئىگىلەش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈش، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەن نۇقتىلارنى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۈينىڭ بۇ يەردە «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر» دېگىنى، «جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە مەسىلىلەر ھېلىھەم مەۋجۇت» دېگەنلىكى بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى مەسىلىسىنى ھەر دائىم بىرىنچى بولۇپ ھەل قىلىدىغان مەسىلە قاتارىدا كۆرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسىكى خىتاينىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈشىدىكى سەۋەب ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن خىتاي بۇنى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىغا قاراپ بېكىتكەن. جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان. جەنۇبنى خىتايلاشتۇرۇش خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىكى ئاخىرقى باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. خوتەن، قەشقەر، ئاتۇش، يەركەن قاتارلىق جايلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، مەرىپەت ۋە كىملىك ئالاھىدىلىكى جۇغلانغان يەرلەردۇر، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ جايلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا كۈچەپ كېتىشىدىن ھەيران قالغىلى بولمايدۇ».
ما شىڭرۈي يەنە «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش بىرىنچى ۋەزىپە» دېگەننى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، «تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى قانۇنلاشتۇرۇش ھەم دائىملاشتۇرۇش، ‹ئۈچ خىل كۈچ›كە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش، تېررورلۇقتىن قوغدىنىشنى پۈتكۈل جەمئىيەت مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى ‹فېڭچىياۋ تەجرىبىسى› دە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۈينىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» دېگىنى «جەمئىيەتنى ئاساسىي قاتلامدا تۈزەش» تەجرىبىسى بولۇپ، بۇ تەجرىبىنى ئۆگەنگەن يەرلىك دائىرىلەر «كىچىك ئىش چىقسا پۇشتەك چېلىش، چوڭ ئىش چىقسا كارناي چېلىش، زىددىيەت چىقسا يۇقىرىغا مەلۇم قىلماسلىق، خەتەر چىقسا سىرتقا يايماسلىق» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «يەرلىك ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش» قا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان. ساقچى ئورگانلىرى بولسا بۇ تەجرىبىنى ئىلغار تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش» تا يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا جياڭشىدا يولغا قويغان بۇ تەجرىبىدىن پايدىلىنىپ، «سىنىپىي دۈشمەنلەر» گە قاتتىق زەربە بەرگەن بولسا، بۈگۈن بۇ ئۇسۇلنى ئاتالمىش «تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش» كە قوللانغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ھەققىدە مەخسۇس چوڭ يىغىن ئېچىپ، «مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات» نى قاتتىق تەكىتلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنى نۇقتىلىق نىشان قىلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بۈگۈنكى ھالىتىنى تەسۋىرلەپ: «قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلار تارىختىمۇ خىتاي، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى كۈرەشنىڭ بىر نۇقتىسى ئىدى، بۈگۈن بولسا بۇ جايلار خىتاينىڭ ۋەھشىيلىك بىلەن سىياسەت يۈرگۈزىدىغان نۇقتىلىرىغا ئايلاندى» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ قوشۇلۇپ بىر «شاھمات تاختىسى» ھاسىل قىلىشىنى مۇھىم سىياسەت قىلىپ، بىڭتۈەننى جەنۇبتا كېڭەيتىشنى، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. «جەنۇبى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا، جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەر «شاھمات تاختىسى» نىڭ كۆزى دەپ تەكىتلەنگەن بولۇپ، جەنۇبنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە مەبلەغ تەمىنلىشى بىلەن «يېڭى نوپۇس، يېڭى ئىقتىساد، يېڭى مەدەنىيەت» نى ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈش، يەنى «يېڭىدىن قان بېرىش» پىلانىنى ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى خۇ پىڭ، جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى» دەپ تەرىپلىشىدىن، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنى تەلتۆكۈس تىنچىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ھەتتا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشىدىن، ‹چەتئەل كۈچلىرى› بىلەن داۋاملىق ئالاقە باغلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا خىتاي قوشنا دۆلەتلەرگە خىزمەت ئىشلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى باستۇرۇش ھەم چەكلەشكە تىرىشىپ كەلمەكتە».
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەملىكە سىياسىتى ۋە «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى»
يېقىندىن بېرى خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى كۆپ تەكىتلەنمەكتە. خىتاي بۇ رايوننى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىپ، «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى شىنجاڭ» قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك تېزلەتمەكتە.
بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» مەخسۇس سەھىپىسىدە «شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» دىكى ھالقىلىق رولى تەكىتلەنگەن؛ شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىگە ماس ھالدا «ئېنېرگىيە، دېھقانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ راۋاجلانغانلىقى، 2024-يىللىق تەرەققىياتتا، بىر قانچە تۈردە خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى، زامانىۋى شىنجاڭ قۇرۇشقا تولۇق ئىمكانىيەت ھازىرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ھېنرىك شاجىۋىسكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلەردىن ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننىڭ ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا باغلانغان ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم ئورنىنى بىلىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇ رايوندىكى تەبىئىي بايلىقلار خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۈگۈنكىدەك داۋالغۇش ئىچىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، بۇ رايوننىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلاردىكى ئورنى كۈچەيمەكتە. خىتاي بۇ رايوندا ئەسكەر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى كۆپەيتمەكتە. ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈنلا ئەمەس، پاكىستان، ھىندىستان، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈنمۇ پۇرسەت-ئىمكان بېرىدىغان رايوندۇر».
خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى» يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاساس قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر ئېلىگە ھېچقانداق قوشنا دۆلەت ھۇجۇم قىلمىسا، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى نېمىگە مۇھىم بولۇپ قالدى؟ شۇڭا مېنىڭچە، بۇ يەردىكى نىشان ئاساسەن خىتاينىڭ ئىچىگە، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان. خىتاي كېيىن ئۇرۇش قىلىپ قالسا، ئۇيغۇر رايونىنى ئاشلىق بازىسى قىلىشىمۇ ناتايىن، چۈنكى ئىچكىرى خىتايدىمۇ ئاشلىق كۆپ چىقىدۇ. ئەمما شىنجاڭدا خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى بازىسى مەۋجۇت، يادرو سىناقلىرىمۇ شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بۇلار خىتاي ئۈچۈن ئەلۋەتتە مۇھىم».
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ نۆۋەتتە دېڭىز يولىدىن ئەمەس، قۇرۇقلۇق يولىدىن كېڭىيىشنى تاللىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىنى بولسا ياۋرو-ئاسىياغا كېڭىيىشتىكى ئارقا ھويلا قىلغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك جايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.