ما شىڭرۇينىڭ «قانۇن ئارقىلىق مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسىتى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ « تەڭرىتاغ تورى»، شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى قاتارلىق تاراتقۇلىرى 16-مارت كۈنى خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكېرىتارى ما شىڭرۇينىڭ 15-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئەدلىيە نازارىتى، ج خ نازارىتى ئالاھىدە ساقچى قىسمى قاتارلىق ئورگانلىرىنى مەخسۇس زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۇي سۆزىدە «مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قانۇن ئورگانلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇش، دائىملىق مەشغۇلات ھالىتىگە كەلتۈرۈش، قانۇن سىستېمىسى ۋە قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى تەلەپ قىلغان.

ما شىڭرۇي سۆزىدە يەنە «قانۇن سىستېمىسىدىكى ئورگانلار ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش» نى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە «تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەر خىل خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئاششۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان.

2022-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن ما شىڭرۇي ئۈزلۈكسىز ھالدا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئۇ 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىنىدىمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «شىنجاڭنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى» دېگەن.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ، 16-مارت كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رايوندا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ما شىڭرۇننىڭ قانۇن سىسترمىسىدىكىلەردىن «قانۇن ئارقىلىق مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلىشىدىكى سەۋەپ ۋە مەقسەتلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «ما شىڭرۇينىڭ بۇ سۆزلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ بىر تەرەپتىن شىنجاڭغا بولغان نازارەت ۋە يۇقۇرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بوشاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ قانۇنلاشتۇرۇشنى تەكىتلىشى يەنىمۇ كۆپلىگەن دېلولارنى قانۇن ئورگانلىرىغا يۆتكەپ بىر تەرەپ قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇ يەردىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلار، دۆلەتنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى. بۇنىڭدا ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلىنمىغان. ئۇلار دەۋەتقان قانۇنلاشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپلىگەن دېلولارنى قانۇن ئورگانلىرىغا يوللاپ بېرىپ، بىر تەرەپ قىلىش، يەنى جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىپ، تۈرمىلەرگە قاماشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قارىماققا خىتاينىڭ قانۇنىي تەرتىپلىرىگە ئۇيغۇندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، يەنىلا قانۇن روھىغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە جازالىنىۋاتقانلار ھېچقانداق جىنايى قىلمىشى بولمىغانلاردۇر. ھازىر ئۇلارغا جىنايەت ئارتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنماقتا.»

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۇينىڭ قانۇن ساھەسىدىكىلەرگە دېگەن سۆزلىرى ئەمەلىيەتتە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەققىدىكى سىياسىي بەلگىلىمىلەرنىڭ ما شىڭرۇي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىكەن.

ئەنۋەر ئەخمەت يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان، خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرى قوللىنىۋاتقان، ھەتتا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ خىتاي پۇقرالىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق نازارەت سىستېمىسىغا بولغان نارازىلىق ۋە بىزارلىق كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، خىتاينىڭ يەنىلا قانۇن ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، زوراۋانلىق ۋاستىلىرى ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇشى، رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ.»

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستاندا قانۇن سىستېمىسى ئارقىلىق مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ يەنە بىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدۇر، دەپ كۆرسەتتى.

ئادۋوكات تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىشى سەۋەپلىك، تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللاردىن ئەنسىرىشى، ئۇنىڭ رايوندا قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق مۇقىملىقنى تەكىتلىشىگە سەۋەپ بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكلەن.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ ئۇرۇش بىۋاستە ئالاقىدار بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ۋاستىلىق ئالاقىدار بولۇشى ئېنىق. چۈنكى خەلقئارادا ئومۇمىييۈزلۈك ھالدا پۇتىن ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى سەۋەبلىك رۇسىيە يېتىم قالدۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئەيىبلىنىۋاتىدۇ. پۇتىننى ۋە رۇسىيەنى قوللاۋاتقان ھاكىمىيەتلەر ئىنتايىن ئاز، خىتاي بولسا بارلىق ئاماللار ئارقىلىق رۇسىيەنى قوللاۋاتىدۇ. شۇڭا خىتايمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا، خىتاينىڭ جىددىيلىشىشى ۋە ئەندىشىسى ئەلۋەتتە كۈچىيىدۇ. شۇڭا ئۇ شىنجاڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشى ۋە يۇقۇرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن.»