ما شىڭرۈي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەرغىب قىلغان

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا خىتاينىڭ «دۆلەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقاتى» ناملىق ئايلىق سىياسىي نەزەرىيە ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەرنى خىتايدىن ئىبارەت بىر دۆلەت، بىر مىللەت ۋە بىر مەدەنىيەتكە قوشۇۋېتىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلغان.

ما شىڭرۈي بۇ ماقالىسىدە، شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا تەكىتلەنگەن «مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش» ئۈچۈن تەشۋىقات ۋە ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، ئالدى بىلەن «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ خىتاينى سۆيۈش، پارتىيەنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش» كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ما شىڭرۈي مۇنداق دېگەن: «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىدا توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى ۋە دىنىي قاراش تىكلەش ھەم ئۇنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، خىتاي كومپارتىيەسىگە، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمغا تەۋە بولۇش ئېڭىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك».

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىنغان ئۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى شان روبېرتس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ما شىڭرۈينىڭ بۇ ماقالىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇ بۇ ماقالىسىدە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان. خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەدەنىيەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇلارنىڭ ھازىر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلاش. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىرقى مىللەتلەر سىياسىتى بارلىق مىللەتلەرنىڭ پەرقىنى يوقىتىپ، بىرلا خىتاي مىللىتىگە ئايلاندۇرۇش».

ئۇنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۈي بۇ يەردە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بۈيۈك خىتاي دۆلىتى، بۈيۈك جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» سەپسەتىسىنى تەرغىب قىلىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» گە قوشۇۋېتىش، يەنى ئۇلارنى خىتايدىن ئىبارەت بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر مەدەنىيەتكە سىڭدۈرۈۋېتىش، ئاندىن تامامەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوق قىلىش سىياسىتىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكادىكى كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاندېرس كور ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «ما شىڭرۈينىڭ ماقالىسىدە ئۇنىڭ شى جىنپىڭغا بولغان ساداقىتى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا رەھبەرلىك قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى مۇشۇنداق داۋام قىلسا، گەرچە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلىرىنى ئالماشتۇرغان تەقدىردىمۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ».

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ما شىڭرۈينىڭ بۇ ماقالىسىدە تەكىتلەنگەن بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي جەمئىيەتشۇناسلىرى تەشەببۇس قىلىۋاتقان «تۈرداش مىللەتلەر جەمئىيىتى» (Homogenous society)، يەنى مىللىي پەرقلەر ئاساسەن يوقالغان بىر پۈتۈن خىتاي جەمئىيىتى پەيدا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ما شىڭرۈي بۇ ماقالىسىدە شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ روھىدۇر؛ مەدەنىيەت گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت كۈچلەنسە مىللەت كۈچلىنىدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىنى «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋە تەخىرسىز ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى «ئىلغار جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە سوتسىيالىزملىق قىممەت قاراش بويىچە تەربىيەلەش، يېتەكلەش» كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت، كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» دېگەندەك نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شان روبېرتس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دېگەن ئىبارە ئەسلىدىنلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆرسىتىدۇ. ما شىڭرۈينىڭ بۇ يەردە قانداقتۇر «ئىلغار جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولۇشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نەق ئۆزىدۇر. تارىختىن بېرى مۇستەملىكىچى مىللەتلەر ئۆز مەدەنىيىتىنى يەرلىك مەدەنىيەتتىن ئۈستۈن كۆرگەن ۋە ئۇنى يۇقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. خىتاينىڭ بۈگۈن قىلىۋاتقانلىرى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىنىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ھاكىممۇتلەقلىق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بۇزغۇنچىلىقتۇر. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇ نەرسە ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنى خىتاي مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى ھەقىقىي خىتاي پۇقراسىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى؛ 2014-يىلدىن باشلاپ بۇ پىلان قاتتىق ۋاسىتىلەر ئىجرا قىلىندى، كەڭ كۆلەملىك لاگېرلار، قاماقخانىلار، ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش ئورۇنلىرى قۇرۇلدى، بۇلار ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى باشقا مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ مۇستەملىكە رايونلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىگە تامامەن ئوخشايدۇ».

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرنى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تارىخىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇشتا بېسىۋېلىنغان مىللەتلەر تارىختا ئامان قالسىمۇ، مەدەنىيەتتە بېسىۋېلىنغان مىللەتلەرنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاندېرس كور ئەپەندى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە باش رول ئويناۋاتقان شەخسنىڭ يەنىلا شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مۇددەتكىچە ئۇنىڭ سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ، يەنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزىدۇ، ھەر قايسى دىن مەنسۇپلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بىز ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرىدۇ دەپ قارىساق بولىدۇ».

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۈي بۇ ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بار كۈچى بىلەن يوشۇرۇپ، بۇ جىنايەتنىڭ ئىس-بۇسىنى چىقارماسلىققا ئۇرۇنۇۋاتقان، بەلكى كۆز بويامچىلىق قىلىپ، دۇنياغا ئۇنى باشقا شەكىلدە كۆرسىتىشكە كۈچەۋاتقان بولۇپ، سابىق سېكرېتار چېن چۈەنگونىڭ زۇلۇم سىياسىتىنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تىرىشماقتا. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ياخشى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ سىياسىي غەرىزىنىڭ ماھىيەتتە يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈش ۋە ئۇنى جازاغا تارتىش كېرەك ئىكەن.