ئانالىزچىلار: ما شىڭرۈينىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىن تەلەپ قىلغان ۋەزىپىسى باستۇرۇشنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.05.31
ئانالىزچىلار: ما شىڭرۈينىڭ لوپتىكى چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلىرى باغچىسىنى زىيارەت قىلىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن بېشارەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ما شىڭرۈي لوپ ناھىيەلىك چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىدا مەخسۇس زىيارەتتە بولغان. 2022-يىلى 7-يانۋار، لوپ ناھىيەسى.
xjtc.gov.cn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىدە قىلغان سۆزىدە، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى شەكىللەندۈرۈش ۋە «زور جىددىي مەسىلىلەر» نى تەتقىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشۇشقا چاقىرغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۈي يۇقىرىقى سۆزلەرنى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئېيتقان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 26-ماي كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۈي 26-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسىگە سۆز قىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسىنىڭ «زور ۋە جىددىي مەسىلىلەر» نى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشتا دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە، رايوندىكى ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسىنىڭ تەتقىقات نىشانىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى شەكىللەندۈرۈشكە ئوخشاش زور تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈشى، بۇ جەھەتتە «تېخىمۇ كۆپ سالمىقى ھەم قىممىتى بار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يارىتىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن.

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىم مەخسۇس ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسىدىكىلەردىن تەتقىقات نىشانىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» ۋە مۇقىملىققا قارىتىشنى تەلەپ قىلىشى، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، بۇ زېمىنىدىكى تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئىزلىرىنىمۇ يوقىتىشتا ئىپادىلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسىدىكى غوللۇق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تازىلىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئىتىگە ئائىت كىتابلارنى «بۆلگۈنچىلىك» تەرغىب قىلىنغان، دېگەن باھانىدا بىردەك چەكلىگەن. بۇ ساھەدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى لاگېر-تۈرمىلەرگە قامالغان ياكى ئىز دېرەكسىز يوقالغانىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قارىتىلغان زور زەربە بېرىشتىن كېيىنمۇ، ما شىڭرۈينىڭ مەخسۇس ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرگە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» ۋە «مۇقىم ۋەزىيەت يارىتىش» نى ئاساسىي تېما قىلىشنى تەكىتلىشىنى «خىتاينىڭ تەشۋىقات ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا قارىتا، خەلقئارادا خىتايغا كۆرسىتىلىۋاتقان زور بېسىممۇ بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ما شىڭرۈينىڭ مەخسۇس ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدىكىلەرگە قىلغان سۆزلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان ۋە تېڭىرقاپ قالغان ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى زىيالىيلارنى ساراسىمىگە سېلىش، يۈرىكىنى مۇجۇش ئىكەن.

چەتئەللەردىكى خىتاي يازغۇچىلىرىدىن، ئىسرائىلىيەدىكى ئايال يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىم ئۆزىنىڭ خىتايدىكى تىبەتلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدىكى كىتابلىرى بىلەن تونۇلغان ئاپتورلارنىڭ بىرىدۇر.

تاڭ دەنخوڭ خانىمنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۈينىڭ ئىجتىمائىي پەن ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىغا قويغان تەلەپلىرى خىتايدا مۇستەقىل ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تەتقىقاتنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىدىكەن.

تاڭ دەنخوڭ مۇنداق دېدى: «خىتايدا مۇستەقىل ئىجادىيەت ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى يوق دېسەك بولىدۇ. بۇ ساھە ئىدىيەنى كونترول قىلىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلغان. قارىسىڭىز ئۇلار دەۋاتقان ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ شۇنىڭدەك ئەدەبىيات-سەنئەت ئوخشاشلا ئۇنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئىدىيەنى كونترول قىلىش شەرتى ئاستىدا ساقلىنىدۇ. خىتايدىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئىجادىيەتچىلەر جەمئىيىتى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىتاي ۋە باشقا مۇستەبىت دۆلەتلەردە ھەقىقىي ئەدەبىيات يوق دېسەكمۇ بولىدۇ».

تاڭ دەنخوڭ خانىم يەنە ما شىڭرۈينىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرگە قىلغان سۆزلىرىنى «بۇ ساھەدىكىلەرگە تاپشۇرغان قەتئىي خىزمەت ۋەزىپىسى» دەپ كۆرسەتتى.

تاڭ دەنخوڭ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئەمەلىيەتتە بۇ ساھەدىكىلەرگە تاپشۇرۇلغان خىزمەت ۋەزىپىسى دېسەك بولىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەقسىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىجادىيەت ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. بەلكى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنداق شارائىتتا سىز يازىدىغان ۋە ئېلان قىلماقچى بولغان ئەسىرىڭىز ئۇنىڭ كونتروللۇق دائىرىسى ئىچىدە بولىدۇ. ئۇ سىزگە نېمە دېيىشنى بۇيرۇسا سىز شۇنى دېيىشىڭىز كېرەك. ئۇ رۇخسەت قىلغان ئەسەرلەرنىلا يازالايسىز».

تاڭ دەنخوڭ خانىم يەنە خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش دەۋرى دەپ ئاتالغان يېقىنقى 20-30-يىل مابەينىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلمىغان ئىمكانىيەتلەر دائىرىسىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مويەنگە ئوخشاش بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاڭ دەنخوڭ خانىم يەنە: «ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەردىن بولغان يازغۇچى-سەنئەتكار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۇچرايدىغان چەكلىمىلەر ۋە باستۇرۇش خىتاي يازغۇچى تەتقىقاتچىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئېغىر ۋە شەپقەتسىزمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«مەن شۇنداق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ مۇستەقىل ئىجادىيەت ئەركىنلىكى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى خىتاي بولمىغان باشقا مىللەت يازغۇچىلىرىدىن كۆپ ياخشى. چۈنكى ناھايىتى چەتكە قېقىلغان بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۇ مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەر يەنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي قارىشى بىلەن بىردەك بولمىغان، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مۇستەقىل ئىدىيە ئەكس ئەتكەن ئەسەرلەرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى خىتايدىكى مەزگىلىمىزدە تەسەۋۋۇر قىلالمايتتۇق. ئەمما مەن چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن يەنى خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى كۈزەتكىنىمدىن كېيىن، بۇنى ھېس قىلدىم. بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتۇم. ئۇيغۇرچە شېئىرلارنىڭ شۇ قەدەر ياخشى يېزىلغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. ھالبۇكى بۇ شائىرلار دەل ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتكەن بۇ مىللەتنىڭ ھەقىقىي تارىخى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللار سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. مانا بۇ ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ بىزگە يەنى خىتاي يازغۇچىلىرىغا قارىغاندا ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ».

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا تاڭ دەنخوڭ خانىم يەنە، يېقىندا شاڭخەيدە يۈز بەرگەن يۇقۇم مەزگىلىدىكى قاتتىق قامالدىن كېيىنلا، بىرقىسىم خىتاي ئازغۇچى-سەنئەتكارلىرىدا ئويغىنىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە باستۇرۇش ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يېقىندىن ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئېغىر قىرغىنچىلىق» ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي زىيالىيلىرىنىمۇ ئويغىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.