ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ يېقىندا قەشقەردە ئېچىلغان كادىرلار يىغىنىدا، قەشقەرنى زامانىۋىلاشقان شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا «قەشقەردە كۆپ مىللەتلەر ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان ۋە ئارىلاشقان ئىجتىمائىي قۇرۇلما بەرپا قىلىش» دەپ تەكىتلىشى، ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، ما شىڭرۈي 5-ئاينىڭ 31-كۈنى قەشقەردە ئېچىلغان كادىرلار سۆھبەت يىغىنىدا، «قەشقەردە زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە، قەشقەر رايونىدىكى شەھەرلەر ۋە ناھىيەلىرىنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باغچا، سانائەت قۇرۇلۇشى ۋە نوپۇس توپلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شەھەرلىشىش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز. بۇ يەردە بارلىق مىللەتلەر بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، شەھەر باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت كىشىلىرىنى تېخىمۇ زامانىۋى، مەدەنىيەتلىك، بەختلىك ۋە گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرىدىغان مۇھىت يارىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ قەشقەرنىڭ كۆپ مىللەتلىك بولۇشىنىمۇ تىلغا ئالغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مايا ۋاڭ خانىم، ما شىڭرۈينىڭ سۆزىدىكى، «قەشقەرنى زامانىۋىلاشقان شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا، كۆپ مىللەت ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان ۋە ئارىلاشقان ئىجتىمائىي قۇرۇلما بەرپا قىلىش» دېگەن سۆزلەرنىڭ قاتتىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ما يا ۋاڭ يەنە خىتاي تىلغا ئالىدىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن باشقا يەنە كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋە كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەت دېگەنلىرىنىڭمۇ ماھىيەتتە شىنجاڭدىكى ئاساسىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ رولىنى ۋە ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا ئاتالمىش كۆپ قۇتۇپلىشىش بىلەن زامانىۋىلىشىش بەك پەرقلەنمەيدىغان ئۇقۇم. ئەمما شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن ئالغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا بولۇپمۇ 2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشىنى كۈچەيتىۋاتقان شارائىتتا تەكىتلىنىۋاتقان ئاتالمىش كۆپ قۇتۇپلىشىش، كۆپ مىللەتلىك توپلۇق دېگەن بۇ ئۇقۇملارنىڭ مەقسىتى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان. بۇ خىل چوڭ مۇھىتتا، قوش تىللىق مائارىپ، كۆپ قۇتۇپلىشىش، كۆپ مىللەتلىك توپلۇق بەرپا قىلىش دېگەن بۇ ئۇقۇملار، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئورنىنى تۆۋەنلىتىشكە، ياكى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە تىلىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان. دائىرىلەر يەنە مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خىتايدىن ئىبارەت بۇ چوڭ مىللەتنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا».
ئامېرىكادىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرىدىن «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ياڭ جىيەنلى ئەپەندى، ما شىڭرۈينىڭ قەشقەردە قىلغان سۆزلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن يۆتكەش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئاشكارا ئىپادىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياڭ جىيەنلى مۇنداق دېدى: «ما شىڭرۈي سۆزىدە قەشقەرنىڭ كۆپ مىللەتلىك رايون بولۇشى، كۆپ قۇتۇپلۇق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپتۇ. ئاڭلىماققا بۇ سۆزلەر توغرا سىياسىي مەيداننى ئىپادىلىگەندەك كۆرۈنىدۇ. ھەرقانداق جاي كۆپ خىل مىللەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يول قويغان بولۇشى كېرەك. ئەمما بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا تەتبىقلىغاندا، ئۇنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. مېنىڭ قارىشىمچە بۇ، قەشقەرگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يۆتكىلىپ كېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھالبۇكى بۇ جاينىڭ مەدەنىيىتى، ئىقتىسادىي، سىياسىي-مەدەنىيەت ھاياتى قاتارلىقلارنىڭ تېزلىكتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە دەۋاتقىنى قانداقتۇر، كۆپ خىللاشتۇرۇش ئەمەس بەلكى مەجبۇرىي ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ دەل ئۆزى».
ما شىڭرۈي سۆزىدە يەنە: «قەشقەر يىپەك يولى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بەلبېغىنىڭ مەركىزى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا، ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا تۇتىشىدىغان ئېغىزى. مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئالاھىدە ئىگە، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم جاي» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن تۈركىيەدىكى ھاجىتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جىياڭ زېمىن دەۋرىدە، يەنى 2000-يىللارنىڭ بېشىدىلا، زامانىۋىلاشتۇرۇش نامىدا، شەرقىي تۈركىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانى جەلپ قىلالايدىغان رايونغا ئايلاندۇرۇش پىلانى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. ھالبۇكى ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ نوپۇسنى ئىگىلەيدىغان قەشقەرنى ئۆزگەرتىپ خىتايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىنتايىن تېزلىكتە ئىجرا قىلىنماقتا ئىكەن.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى كۆپ مىللەتلىك زامانىۋى شەھەرگە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈشتىكى مەقسىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى دېگەن سەپسەتىسىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قەشقەرنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى قۇرۇلۇشىدا، قەشقەردىكى تارىخىي قۇرۇلۇشلارنى چېقىش، قەدىمىي كوچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارمۇ ئېغىر بولغان.
ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ قارىشىچە، بۇ زامانىۋىلاشتۇرۇش نامىدا قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈش ۋە بۇ شەھەرنى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى قەشقەردە ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن تارىخىدىكى مەشھۇر جايلاردىن، يەنى داڭلىق يارباغ دەرۋازىسىنىڭ دوڭمېن دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، نەزەرباغ يېزىسىغا قارايدىغان موللا خېنىم مەھەللىسىنىڭ ئىتتىپاق كەنتى دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ نامى قويۇلغان مەخسۇمنىڭ دۆڭى دېگەن تارىخىي جايلارنىڭمۇ ئۆزگەرتىلىپ، قەشقەردە كۆپلىگەن خىتايچە مەھەللە، كوچا ئىسىملىرى پەيدا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مايا ۋاڭ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش نامىدا، قەشقەردىكى قەدىمىي كوچا ناملىرىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىشى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم ۋاسىتىسى دېيىشكە بولىدىكەن.
مايا ۋاڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەت، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى ۋە بۇ كوچىلاردىكى ئۇيغۇر خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈش. چۈنكى بىر جاينىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ قىياپىتى، ئاشۇ جاي كىشىلىرىنىڭ تارىخى ئەسلىمىلىرى ۋە شۇ جاي خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەيلى چېقىلىپ كەتكەن قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوچىلىرى بولسۇن، ياكى بۇ مەھەللە كويلار بولسۇن، ئۇ جايدا شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ تارىخىي ئىزلىرى، كەچمىشلىرى، مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى قالغان بولىدۇ. ئەكسىچە بۇ جايلارنىڭ ئىسىملىرىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىش ئاددىي ھالدىلا بۇ كوچا ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە زورلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ بىر مىللەتنى مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يەنە بىر مىللەتكە ئېرىتىۋېتىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى».
مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلارنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماش ئەۋجىگە چىققان يىللاردا، خىتاي دائىرىلىرى يەنە قەشقەرنى زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندۇرۇش نامىدا، بۇ جايدىكى خىتاي نوپۇسىنى تېزلىكتە كۆپەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقا ناملاردا، قەشقەردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇشمۇ ئېغىر بولغان.
بۇ ھەقتە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە تىلغا ئېلىنغان مەلۇماتلارغا كۆرە، قەشقەردىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار شاڭخەيگە، شېنجىنغا، قەشقەردىكى بىڭتۈەننىڭ تۇمشۇق شەھىرىگە، ئاقسۇدىكى بىڭتۈەننىڭ ئارال شەھىرى ۋە شىمالىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساۋەن قاتارلىق جايلاردىكى بىڭتۇەن رايونلىرىغا يۆتكەلگەنىكەن.
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1949-يىلى پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىدە بىرقانچە مىڭ ئەتراپىدا خىتاي ئاھالىسى ياشاپ، ئۇلارنىڭ كۆپى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان، قەشقەرنىڭ باشقا ناھىيەلىرىدىكى خىتايلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى بىلەن خىتاي ئاھالىلىرى ھەر خىل نامدا كۆپەيتكەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي نوپۇسى تېز سۈرەتتە كۆپەيتىلىپ ئۇلارنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى دىكى نوپۇسى ئۈچ يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. قەشقەردىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ توختىتىلىپ، خىتايچىلاشتۇرۇلغانىدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.