«مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش» ۋە ئۇيغۇرلار نىشان قىلىنغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.06.22
كەلپىن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى خادىمى: «مەكتەپلىرىمىزدە ئۇيغۇرچە دەرس يوق، دۆلەت تىلى ئومۇملاشتى» يەكەن 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى پاسونىدىكى كىيىملەر كىيدۈرۈلۈپ، خىتاي ئەدەبىياتى ئۆگىتىلمەكتە. 2018-يىلى ئۆكتەبىر.
xjyc.gov.con

«شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ 20-ئىيۇن كۈنى، مەدەنىيەت-سەنئەت، ئارخېئولوگىيە ئورۇنلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش» نى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۈي 20-ئىيۇن كۈنى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى، رەسساملار يۇرتىغا كېلىپ، «ئەجىر سىڭدۈرۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش» تېمىسىدىكى سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ۋە «100 يىللىق ئىز» ناملىق ئويما رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۈي سۆزىدە ئاۋۋال شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى يوليورۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن. ئاندىن ئۇ: «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك،» دېگەنلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۈي سۆزىدە «مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» ھەققىدە مەخسۇس توختالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى›نى ئەمەلىي، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئوبرازىغا ئىگە بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە تۈرلەرنى پىلانلاپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت كۈچى بىلەن تەمىنلەش كېرەك».

ما شىڭرۈي تەكىتلەۋاتقان «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نېمىنى كۆزدە تۇتقان؟ ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟

«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۈي تەكىتلەۋاتقان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» دېگىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تۈسىنى ئالغانىكەن.

مايا ۋاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ بىرقىسمى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۇلار تەرىپىدىن بەلگىلىگەن، خىتايلارنى مەركەز قىلغان ئاتالمىش‹جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى›نى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قازاق قاتارلىق خەلقلەرگە مەجبۇرىي تېڭىۋاتقانلىقى نەزەردە تۇتۇلىدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ھازىر شىنجاڭدا يەنىلا يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان زىيانكەشلىك ئەھۋاللىرى يەنىلا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئېغىر. كۆپچىلىك شۇنى بىلىدۇكى 2017-يىلدىن كېيىن خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتىلدى. بۇ دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇش ۋە يوقىتىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

مايا ۋاڭ بۇ سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ سىياسەت ئۇيغۇر قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەسلىدىكى دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ۋەيران قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بەلكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىدە، پەقەت ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلغان تار دائىرىدىكى رۇخسەت-بەلگىلىمىلەر بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۈي 2022-يىلى ئۇيغۇر رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» ۋە «مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ كەلگەن.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ يىل 9-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان، «13-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى» ۋە «سىياسىي كېڭەش يىغىنى» مەزگىلدە، ما شىڭرۈينىڭ يېتەكچىلىكىدە، يىغىنغا قاتناشقان ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى نامىدىن يىغىنغا سۇنۇلغان 148 تەكلىپ لايىھەسى ئىچىدە دەل مۇشۇ «مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش» تەكلىپى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر يىغىندا سۇنۇلغان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» تەكلىپى ئەينى چاغدىلا خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، ئادۋوكات تېڭ بياۋ ئەپەندى ئەينى چاغدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» دېگەنلەرگە ئىزاھات بېرىپ، «بۇ شى جىنپىڭ، يولغا قويۇۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنى تىل-مەدەنىيەت، ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇپ، ئېرىتىپ يوقىتىش سىياسىتى» دەپ كۆرسەتكەنىدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىدىن ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مېھرىئاي مەمتىلى خانىم ۋە تۈركىيەدىكى مەغپىرەت خانىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»، «مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش سىياسىتى تىپىك ھالدىكى تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ئىكەن.

ئىلگىرى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا فولكلور ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان مېھرىئاي مەمتىلى خانىم، بۇ جەھەتتە ئۆزى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەن ۋە بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ئەھۋاللىرىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى مەزگىللەردە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى سۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كېيىنكى مەزگىللەردە بولسا، ئۇيغۇرلارنى تىل، ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد جەھەتلەردە مەجبۇرىي ھالدا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتەك مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىجرا قىلىشنى يولغا قويغان.

«ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى» نىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى، تۈركىيە بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى مۇدىرى دوتسېنت مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ قارىشىچە، «مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەن چىرايلىق نام قويۇلغان بۇ سىياسەت، تىپىك ھالدىكى ئىرقچىلىق سىياسىتى ئىكەن.

مەغپىرەت خانىم بۇ جەھەتتە ئىلگىرىكى يىللاردا مۇستەملىكە قىلىنغان رايونلاردا يۈرگۈزۈلگەن «مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتى» نىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە تىرىشىپ قارشىلىق بىلدۈرۈپلا قالماستىن بەلكى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.