ما شىڭرۇينىڭ چەرچەن سەپىرى ۋە خىتاينىڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي قىسمىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي يېقىندا چەرچەن ناھىيەسىدە ئېلىپ بارغان مەخسۇس تەكشۈرۈشتە، بۇ ناھىيەدە دېھقانچىلىق تەرەققىياتىنى كەڭ كۆلەمدە ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 15-سېنتەبىر كۈنى ما شىڭرۇي چەرچەندە كۆرسەتمە بېرىپ، رايوننىڭ بايلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، يەر بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەنبەگە ئايلاندۇرۇش، شۇنداقلا كانچىلىق ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىشنى يەنىمۇ تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ما شىڭرۇينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى «سەككىز چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» غا ئايلاندۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رايوننى مۇھىم دېھقانچىلىق-ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ ئاشلىق ۋە يېمەكلىك تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم چەرچەندە تەكشۈرۈشتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.

دەرۋەقە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىدىكى مول يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىق مەنبەسىگە ئىگە، يەر كۆلىمى جەھەتتىن خىتايدىكى ئىككىنچى چوڭ ناھىيە ھېسابلىنىدىغان چەرچەن ناھىيەسىدە كەڭ كۆلەملىك دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى، بولۇپمۇ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى جىددىي دىققەت قوزغىماقتا.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ رايوندىكى جۇغراپىيەلىك كەڭچىلىك ۋە بايلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىنىڭ «بىخەتەر ئارقا ھويلىسى» غا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىكەن.

ئۇ، بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا يەنە ما شىڭرۇينىڭ بۇ قېتىم چەرچەندە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇش، رايونغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق رايوننى خىتايلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكادىكى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى تېڭ بياۋ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، بۇ بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ يۆتكەش ئارقىلىق رايوننى خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك» سوقۇش تاكتىكىسىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى:

«قانداقلا بولمىسۇن، شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەسىلىسى مەۋجۇت. يەنى خىتاي كومپارتىيەسى رايوندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سىياسىتىنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدە بۈگۈنگە قەدەر ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگىنى يوق. ھالبۇكى، ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تۈرمە-لاگېرلىرىغا قامالغان ياكى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدا بەزىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم. دېمەككى، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلەر ئارقىلىق رايوندىكى ئەمگەك كۈچىنى تولۇقلاش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى ئىزدىمەكتە. يەنى بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رايوننى تولۇق ‹خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى› نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي-ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى پەيدىن-پەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.»

تۈركىيەدىكى نوپۇس تەتقىقاتچىسى دىلشاد بارىشچى ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە چەرچەندە دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشىنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى يەر-ماكانلىرىدىن يېتىم قالدۇرۇش سۇيىقەستى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلشاد بارىشچى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا يەنە، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ يېقىنقى 20 يىل مابەينىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ناھىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ جىددىي رەۋىشتە تۆۋەنلەپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى شەرھىيىلەپ ئۆتتى.

دەرۋەقە، ما شىڭرۇينىڭ بۇ قېتىم چەرچەن ناھىيەسىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي قىسمىدىكى بۇ پايانسىز ۋادىدا دېھقانچىلىق تەرەققىياتىنى كەڭ كۆلەمدە ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچى ۋە مۇتەخەسسىسلەردە تۈرلۈك گۇمان ھەم ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا.