ما شىڭرۈينىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىشنى يەنە تەكىتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2023.09.08
ghayib-uyghurlar-ziyaliy-tutqun-ilham-toxti-Uyghur-New تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن (1-رەت سولدىن ئوڭغا) ئىلھام توختى، تاشپولات تېيىپ، قۇربان مامۇت، ئابدۇكېرىم راخمان، (2-رەت سولدىن ئوڭغا) خالمۇرات غوپۇر، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئارسلان ئابدۇللا، راھىلە داۋۇت، يالقۇن روزى.
Photo: RFA

شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇيۇقسىز زىيارىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونى بويىچە «شى جىنپىىڭنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش» يىغىنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلغان، شۇنداقلا سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىتىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، «رايوندىكى كادىرلارغا قويۇلىدىغان 4 ئالاھىدە تەلەپ بويىچە، كادىرلار قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، كادىرلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، شۇنداقلا ‹ئىككى يۈزلىمىچى› لەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ما شىڭرۈينىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە داۋاملىق زەربە بېرىش ھەققىدىكى بۇ سۆزلىرى، خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر رايونىدىكى چوڭ تۇتقۇنىدا ھاكىمىيەت سىستېمىسى، ئىلمىي تەتقىقات، مەدەنىيەت-مائارىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئاساسلىق باستۇرۇش نىشانى قىلىنغان ئىدى. خىتاينىڭ بىرقانچە يىللاردىن بۇيان رايوندا ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋە بۇ جەرياندا زەربە بېرىلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى» دەپ ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىم يەنە ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىشى، 2017-يىلىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىشتە توردىن چۈشۈپ قالغان، ھەتتا خىتايغا يانتاياق بولغان ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى تازىلاشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، زور تۇتقۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولغان، ماسلاشقان، ھەتتا ئۆز قېرىنداشلىرىنى تۇتۇپ بەرگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر كادىرلار گەرچە خىتايغا بولغان ساداقىتى بىلەن ئامان قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خىتاينىڭ نەزەرىدە بەرىبىر «ئۆزىدىن بولمىغان» ، «ئىشەنگىلى بولمايدىغان» ، «تارىخقا شاھىت بولغان» كىشىلەر ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئىزاھاتىغا قارىغاندا، ما شىڭرۈينىڭ مىللىي رايوندىكى كادىرلارغا قويۇلىدىغان «4 ئالاھىدە تەلەپ» دېگىنى، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش، ھەق-ناھەق قارىشى ئېنىق بولۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىشتە مۇستەھكەم بولۇش، ھەر مىللەتنى قىزغىن سۆيۈشتە راستچىل بولۇش» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ تەلەپكە يەتمىگەن كادىرلار «لاياقەتسىز» ياكى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك خاھىشى مەۋجۇت» دەپ قارىلىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

2016-يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئاساسلىق نىشاننى پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تازىلاشقا قاراتقان ئىدى. بۇ جەرياندا ساتتار ساۋۇت، خالمۇرات غوپۇر، تاشپولات تىيىپ، ئارسلان ئابدۇللا، ئابدۇرازاق سايىم، يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، قۇربان مامۇت، ۋاھىتجان ئوسمان، قاتارلىق كىشىلەر «ئىككى يۈزلىمىچى» لىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى لاگېرلارغا قامالغان ئىدى.

ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ لوس-ئانجېلېس تىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ، بۇ قېتىم شى جىنپڭنىڭ ئافرىقا سەپىرىدىن قايتىپلا ئۇدۇل ئۈرۈمچىگە كېلىشى، ما شىڭرۈينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش» دولقۇنى قوزغىشى، شۇنداقلا ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىشنى قايتىدىن تەكىتلىشى، نۆۋەتتە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆرۈلۈۋاتقان بەزى مۇقىمسىزلىقلار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بولغان ئەندىشىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2017-يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بارغانچە كۈچەيتىلگەن قاتتىق باستۇرۇشلىرى جەريانىدا، «خىتاي دۆلىتىگە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە ساداقەتسىز» دەپ قارالغان ياكى «خىتايغا تەھدىت» دەپ ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەت سەرخىللىرى، جۈملىدىن ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئاساسىي جەھەتتىن تۇتقۇن قىلىنىپ بولۇنغان ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىم يەنە ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىشى، رايوندا ئىلگىرى جازالانماي قالغان ياكى خىتايغا كۆرسەتكەن سىياسىي جەھەتتىكى «تۆھپىلىرى» بىلەن ئامان قالغان ئاخىرقى تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى پاك-پاكىزە تازىلاشنى نىشان قىلىۋاتامدۇ-قانداق؟

بۇ ھەقتە ئانالىز يۈرگۈزگەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى قارار» نى چىقىرىپ، ھەتتا ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان يەھۇدىيلارنىمۇ يوقىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى؛ بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ شۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆزلىرىگە ماسلاشقان، يانتاياق بولغان ياكى خىتاينىڭ ئىشەنچىسىنى قازانغان ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يوقىتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆرۈلۈۋاتقان مۇقىمسىزلىقلارغىمۇ قارىتىلغان بىر چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دەرۋەقە، ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىم شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىدىن كېيىنلا ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىشى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر ھەم سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.