ما شىڭرۈينىڭ «جەنۇب سەپىرى» نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆز بىلوگىدا 14-فېۋرال «ما شىڭرۈينىڭ يىل ئاخىرىدا جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىككى ئوبلاستقا بېرىشى، ‹شاھمات كۆزى› نىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ» ناملىق ماقالە ئېلان قىلدى. مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭلا خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» ، «شىنخۇا تورى» قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ تېز سۈرئەتتە ھەمبەھىرلەندى. دېمەك، ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىملىق «جەنۇب سەپىرى» نىڭ ئادەتتىكى سەپەر بولمىغانلىقى ئېنىق. ئۇ ھالدا، ما شىڭرۈي جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا نېمە ئۈچۈن باردى؟

مەزكۇر ماقالىدە ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىملىق «جەنۇب سەپىرى» دىكى بايانلىرى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان بولۇپ، بۇ نۇقتىلارنىڭ بىر قانچىسى بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

ما شىڭرۈينىڭ بايانىدا «تۇيدۇرماستىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغان خىزمەت» (润宇细无声) لەرنى كۆپرەك ئىشلەش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ما شىڭرۈينىڭ بۇ سۆزى ئەمەلىيەتتە « لوندون ئۇيغۇر سوتى» دا ئاشكارىلانغان شى جىنپىڭنىڭ دېگەنلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ. ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتتە، شى جىنپىڭمۇ ما شىڭرۈيگە ئوخشاشلا جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكىلەرنىڭ «ئىدىيەسى، خاراكتېرى، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ‹تۇيدۇرماستىن ئۆزگەرتىش› (潜移默化) نى تەلەپ قىلغان. دېمەك، ما شىڭرۈينىڭ بۇ سۆزنى باشقا بىر سۆز بىرىكمىسى بىلەن ئىپادىلىشى سەۋەبسىز ئەمەس.

ما شىڭرۈي يەنە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئاساسىي قاتلامدا تۇرۇۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىلىرى، پارتىيە تەشكىلى، مەھەللە تورى قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر خىل خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىخەتەر جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى « شىنجاڭ-تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى خىتاي ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر فىلىمدا، ئۇيغۇر ئېلىدا نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئاتالمىش «تېررورلۇق دېلولىرى» ۋە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغان. فىلىمدا يەنە 2019-يىلىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىلدا خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر رايونىدا بىر قېتىممۇ «تېررورلۇق ۋەقەسى» يۈز بەرمىگەنلىكى سۆزلەنگەن.

ھالبۇكى، ما شىڭرۈي بۇ قېتىملىق جەنۇب سەپىرىدە يەنىلا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تىلغا ئالغان. ھەيران قالارلىقى شۇكى، «تېررورچىلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا دۇنياغا ئۆرنەك بولغۇدەك نەتىجە» نى قولغا كەلتۈرگەن خىتاي نېمە ئۈچۈن يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ؟ خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى يەنىلا ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تەكىتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر قانچە ئون يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى قانداق قىيىن قىسمەتلەرگە دۇچار قىلغانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. ئۇزۇن يىللىق قاتتىق باستۇرۇشتىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئاساسەن خىتاينىڭ ئومۇميۈزلۈك كونتروللۇقى ئاستىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىق بىلدۈرۈش ئىمكانلىرىدىن مەھكۇم قالدۇرۇلدى. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىق تۈردە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى پەقەت مۇنداق بىرلا سۆزگە مەركەزلەشتۈرۈش مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ، «ئۇيغۇرلار! » خىتاي گەرچە يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ جەنۇبتىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ھالىتىنى تېخىچە ئۆزگەرتەلىگىنى يوق. خىتاي گەرچە 2017-يىلىدىن باشلاپ بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشى ھەققىدە مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما قىسقىغىچە بىر قانچە يىلدا بىڭتۈەن نوپۇسىنىڭ جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى بېسىپ چۈشكۈدەك دەرىجىدە كۆپىيىشى مۇمكىن ئەمەس.

دەرۋەقە، خىتاي بۇ ھالەتنى تېزدىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى، يەنى 2023-يىلى بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قانچە دىۋىزىيەلىرىنى بايىنغولىن ئوبلاستى بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا قوشۇۋەتكەنىدى. بۇ سەۋەب، جەنۇبتىكى «ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست» (南疆四地州) نامى بىردىنلا جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىككى ئوبلاست (南疆五地州) دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.

دېمەك، بۇ قېتىم ما شىڭرۈينىڭ جەنۇبتىكى بۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىككى ئوبلاستنى زىيارەت قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا قوشۇۋېتىلگەن بىڭتۈەن دىۋىزىيەلىرىنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى ئېنىق. چۈنكى «تېررورلۇققا پۈتۈنلەي خاتىمە بەردۇق» دەپ جار سېلىپ يۈرگەن خىتاي ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرماقچى بولۇشى تولىمۇ كۈلكىلىك بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ما شىڭرۈينىڭ بۇ سۆزىگە بىرەر تەبىر بېرىشكە توغرا كەلسە، پەقەت ما شىڭرۈي «ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش» سۆزىنىڭ ئورنىغا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» سۆزىنى قوللانغان دەپ چۈشىنىش ھېچ ئارتۇق كەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتتە، شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى مۇنداق شەرھلىگەن: «شىنجاڭ بولسا بىر شاھمات تاختىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ بولسا بۇ شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى! جەنۇبىي شىنجاڭ تىنچ بولسا، شىنجاڭ تىنچ بولىدۇ» .

شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزىلا «ئېغىر خەتەر» ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدى بىلەن ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ۋەيران قىلىشتىن باشلانغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ زىيانكەشلىك تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق! ئەكسىچە، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا كېڭىيىشى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇنى ئىقتىسادىي ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى نەتىجىسىدە، جەنۇبتىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراش دەۋرىگە يۈزلىنىشى مۇمكىن.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.