شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇرېھىم راخمان مەكتەپتىن ھەيدەلگەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.11.07
Abdurehim-Rahman.jpg شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇرېھىم راخمان ئەپەندى.
uy.ts.cn

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئابدۇرېھىم راخماننىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان غايىب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە تونۇلغان ياش ئوقۇتقۇچى دوكتور ئابدۇرېھىم راخمان 2017-يىلى 2-ئاي مەزگىلىدە تۈركىيەدە بىر مەزگىل تۇرغان ئايالى رۇقىيەنى يوقلاپ ئىستانبۇلغا كەلگەن. ئۇ 15 كۈنلۈك تۈركىيە زىيارىتىدىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى تونۇشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. رادىيومىز بۈگۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە مەكتەپ قوغداش باشقارمىسىنىڭ خادىملىرى دوكتور ئابدۇرېھىم راخماننىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ھەيدەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە زەربە بېرىش نامىدىكى ھەرىكەتتە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئارىسىدا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ تۇتقۇن نىشانى قىلىنغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار بارغانچە كۆپەيمەكتە.

رادىيومىزغا يېقىندا كەلگەن بىر ئىنكاستا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان پروفېسسور ئابدۇكېرىم راخمان، ئارسلان ئابدۇللا، غەيرەتجان ئوسمان، راھىلە داۋۇت قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدا تىل ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇرېھىم راخماننىڭمۇ بار بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئابدۇرېھىم راخمان 2018-يىلى قىشلىق تەتىلدىن كېيىن غايىب بولغان. ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇرېھىم راخمان 2017-يىلى 2-ئاي مەزگىلىدە تۈركىيەدە بىر مەزگىل تۇرغان ئايالىنى يوقلاپ ئىستانبۇلغا كەلگەن. ئۇ 15 كۈنلۈك تۈركىيە زىيارىتىدىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى تونۇشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن.

ئابدۇرېھىم راخماننىڭ تۈركىيەدىكى تونۇشلىرىدىن بىرەيلەن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ئىنستىتۇتىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە تونۇلغان ياش ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېھىم راخمان 2017-يىلى 2-ئايدا ئىستانبۇلدىكى يىلتىز تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئايالىنى يوقلاپ، تۈركىيەگە كەلگەن.

ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن تونۇلغان بۇ ئىلىم ئادىمى تۈركىيەدىكى قىسقىغىنە 15 كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا ئاساسلىق ۋاقتىنى تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قىسىم تۈرك پروفېسسورلار بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئىلمىي ماتېرىياللارنى توپلاشقا سەرپ قىلغان ئىكەن.

بىز يۇقىرىقى ئۇچۇرغا ئاساسەن دوكتور ئابدۇرېھىم راخماننىڭ 2018-يىلىنىڭ باشلىرىدا تۇيۇقسىز غايىب بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قوغداش باشقارمىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قوغداش باشقارمىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي خادىملار دەسلەپتە ئابدۇرېھىم راخمان ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما قايتا-قايتا تېلېفون قىلىشىمىز داۋامىدا مەكتەپ قوغداش باشقارمىسىنىڭ بىر نەپەر ئۇيغۇر خادىمى تىل ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېھىم راخماننىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ھەيدەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دوكتور ئابدۇرېھىم راخمان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا تونۇلغان ياش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ئىكەن. گوگۇلدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دوكتور ئابدۇرېھىم راخمان 1970-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. 1988-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئابدۇرېھىم راخمان 1992-يىلى تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن 1995-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزىدە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان. كېيىنكى يىللاردا ئۇ بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا داڭلىق تۈركولوگ گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىنى تاماملىغان. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تاكى 2018-يىلىنىڭ بېشىغا قەدەر ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.

ئابدۇرېھىم راخمان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ۋە قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» قاتارلىق 4 پارچە كىتابى، بىر لۇغەت ۋە 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. دۆلەتلىك ئىككى تەتقىقات تېمىسىغا، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تەتقىقات تېمىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ يەنە يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئانا تىل ئۆگىتىش ھەرىكىتىدە تەسىرى كۈچلۈك بولغان «مۇئەللىم» شىركىتى بېسىپ چىقارغان بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش خىزمىتىدە مۇھىم روللارنى ئوينىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.