ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «‹ئۇيغۇر يار› مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىدۇ»

0:00 / 0:00

يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا «ئۇيغۇر يار» گۇرۇپپىسى ھەققىدە قىزىقىش ۋە مۇنازىرىلەر سۆز تېمىسى بولماقتا. مەلۇم بولۇشىچە «ئۇيغۇر يار» گۇرۇپپىسى ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۇيۇشۇشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپا چەتئەللەرگە ئوقۇش ئۈچۈن چىققان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئوقۇش ۋە باشقا جەھەتلەردە ياردەم ۋە مەسلىھەت بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە ئەمەلىي خىزمەتلىرى ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم كونكرېت سوئال ۋە مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزاھات بەردى.

2016-يىلى 16-دېكابىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئۇيغۇرغا ياردەم» پىلانى ئېلان قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر پىلان ۋە گۇرۇپپا ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسى ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە تونۇلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى ۋە پىلانلىشى بىلەن قۇرۇلغان.

مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ فېيسبوك، ۋاتساپ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئېلان قىلغان چاقىرىقنامىسىدە «ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان تۈرلۈك مەسىلە، ئېھتىياج ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىدائىيلىق پىلانىدۇر. بۇ پىلان ھېچبىر ھۆكۈمەت، تەشكىلات ۋە دۆلەتكە باغلانمىغان بولۇپ، ئىشتىراكچىلار پىدائىيلىق، خالىسلىق ۋە سەمىمىيەت بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىقتىساد، ئىقتىدار ۋە ئىلىملىرىنى سەرپ قىلىپ ياردەم قىلىدۇ» دېيىلگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر يار» گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ مەقسىتى ۋە پىلانلىرى ھەققىدە بىرقەدەر تەپسىلىي توختالدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر يار» گۇرۇپپىسى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇش، ئىشلەش، ئۆزىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەتلىرىنى قوغداپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن، تۈزۈملىرى، كۆچمەنلەر سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللار توغرىلىق مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۇيغۇر يار گۇرۇپپىسىنىڭ ياردەم پىلانىنىڭ ھازىرچە ئوقۇش، يېتىملەر، موھتاجلار، مەسلىھەتچىلىك، ئىگىلىك تىكلەش، ئاتا-ئانىلارغا ياردەم، ئۇيغۇرلاردا فامىلە قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا زۆرۈر كىتابلارنى تارقىتىش، ئانا تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت، مائارىپىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق توققۇز تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىر يىللىق سىناق باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، فوندقا ئۆزگەرتىش نىشان قىلىنغانلىقى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانىنىڭ ئوقۇش ياردەم تۈرى 2016-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا باشلانغان. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوقۇغۇچى دوكتورلۇقتا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپا بۇندىن كېيىنكى پىلانىدا تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇشسىز ۋە بېقىمسىز قالغان مەكتەپ يېشىدىكى بالىلىرىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۇيغۇر يار» گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى شۇنداقلا مەزكۇر گۇرۇپپىغا قاتنىشىش ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرىش ۋە ياردەم ئېلىش ئېھتىياجى بولغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر گۇرۇپپا بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ھەققىدىكى سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بەردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.