«مەن 2011-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ ئىش باشلىغان چېغىمدا ھەقىقەتەنمۇ توسالغۇلارغا دۇچ كەلدىم. بۇ توسالغۇلار خاتا چۈشىنىشتىن بولدى. بىز بىر خاتا چۈشىنىلىۋاتقان مىللەت. مەن ئەڭ ئەقەللىي ئارزۇلىرىمۇ خاتا چۈشىنىلىۋاتقان خەلقىمنىڭ ئارىسىغا قايتىپ ئىش باشلىدىم. شۇڭا مەنمۇ خاتا چۈشىنىلدىم!...»
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىستانبۇلنىڭ سېلىم پاشا رايونىدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى بايانلار بىلەن سۆزىنى باشلىدى: «دەرۋەقە، خاتا چۈشىنىش ئىككى تەرەپتىن، يەنى ھەم دائىرىلەردىن ھەم خەلق تەرەپتىن بولدى. ئارزۇ-ئىستەكلىرى خاتا چۈشىنىلگەن بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن چەتئەلدىن قايتىپ كېلىپلا باشلىغان ئىشىم ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. شۇڭا ئۇزۇن ئۆتمەيلا ‹چاي ئىچىش› ياكى ‹سۆھبەت ئۆتكۈزۈش› نامىدىكى سوراق-تېرگاۋلارغا چاقىرىلدىم. بۇ ئىشلاردىن ئۇنچىلىكمۇ غەيرىيلىك ھېس قىلىپ كەتمىدىم. چۈنكى بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن باسقان ھەر بىر قەدىمىمدە گۇمانغا، تەھدىتكە ۋە قارشىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. بۇنى ۋەتەنگە قايتىشنىڭ ئالدىدىلا پەرەز قىلغان ئىدىم. شۇڭا بۇنىڭغا نىسبەتەن روھىي جەھەتتىن تەييارلىقىم بار ئىدى. تەمتىرەپ كەتمىدىم ھەم قورقۇپمۇ ئولتۇرمىدىم. ئۇلارغا پەقەتلا تېگىشلىك جاۋابىنى بەردىم. بىر پۈتۈن مىللەت خاتا چۈشىنىلىۋاتقان يەردە مەندەك بىر شەخسنىڭ خاتا چۈشىنىلىشى ناھايىتى ئېنىق ئىدى.»
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارغا تېگىشلىك جاۋاب بەرگەننىڭ سىرتىدا ئۇلار بىلەن ھېچ قارشىلاشمىدىم. ئۇلارغا نەپرەتلىنىپمۇ كەتمىدىم. ئەلۋەتتە، ئۇلارمۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ، مەنمۇ ئۆز ئىشىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەك. ئۇلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ ھېچ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمنى بەش قولدەك بىلەتتىم. چۈنكى بۇنداق زور بىر سىستېمىنىڭ ئالدىدا بىر شەخسنىڭ ئۇلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشى ئارتۇقچە ئۇرۇنۇش بولاتتى. شۇڭا قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىم دائىرىسىدە ئۇلارغا تېگىشلىك جاۋاب بەردىم، لېكىن قورقۇپ، ئىككىلىنىپ قالمىدىم. ئىرادەمدىنمۇ ۋاز كەچمىدىم.»
ئابدۇۋەلى ئايۇپ خاتا چۈشىنىشنىڭ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان ئىدىيە ۋە قاراشتىكى قاتلامدىن كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى: «مەن قەشقەردە ئىش باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە خاتا چۈشىنىشنىڭ بىر ئۇچى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان ئىدىيە ۋە كۆزقاراشلارغا مەنسۇپ قاتلامدىن كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھەتتا بىر قېتىملىق سورۇندا بىر قىسىم كىشىلەر ‹بىز ئالدى بىلەن دىنىمىزنى قوغدايمىزمۇ ياكى تىلىمىزنىمۇ؟› دەپ سوئال قويدى. ئۇلار يەنە مېنى ‹مىللەتچىلىك قىلىۋاتىسەن، دىنىمىزنىڭ ئەمەس، بەلكى تىلىمىزنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتىسەن!؟› دەپ قارشى قوپتى. ئەمەلىيەتتە مەن قىلىۋاتقان ئىشنىڭ دىنىمىزغا مۇخالىپ كېلىدىغان ياكى زىددىيەتلىك ھېچ بىر تەرىپى يوق ئىدى. بۇ مەسىلىگە يەنە دىنىي سەرخىللارنىڭ ئىچىدىكى ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلار ئوتتۇرىغا چىقىپ تېگىشلىك جاۋابىنى بەرگەن بولدى. ئۇلار ‹دۆلەت ئۆزىنى قانۇن ئارقىلىق قوغدايدۇ، بىز دىنىمىزنى تىلىمىز ئارقىلىق قوغدايمىز. تىلىمىزنى قوغدىماي تۇرۇپ دىنىمىزنى قوغدىغىلى بولمايدۇ!› دېگەن تەشەببۇسلار بىلەن قارشى پىكىردىكىلەرنى تىنجىتتى. دېگەندەك، مەن بۇ پىكىرلەردىنمۇ ئەجەبلىنىپ كەتمىدىم. پەقەتلا ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم.»
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئاخىرىدا ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ ئۆز ئىزدىنىشلىرىگە بولغان ئىنكاسلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«مەن زىيالىيلار دېگەندە ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئىچىدىكى مۇنداق ئىككى قاتلامغا مەنسۇپ كىشىلەرنى كۆزدە تۇتتۇم. بىرى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مائارىپ سېپىدىكى زىيالىيلار، يەنە بىرى ھاكىمىيەت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان زىيالىيلار. مەن ئۆزۈمنىڭ خۇسۇسىي مەكتەپ قۇرۇش ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمنى باشلىغان مەزگىللەردە راستنى دېسەم، ۋەتەندىكى زىيالىيلار قاتلىمىدىن ھېچ بىر سادا چىقمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سۈكۈت قىلدى. بەزىلىرى ئۆزىنى تارتتى، يەنە بەزىلىرى ھەتتا قارشى چىقتى. ئۇلار ‹قوش تىللىق مائارىپ› نىڭ زامان ۋە ماكان ئېتىبارى بىلەن بۈگۈنكى مۇقەررەر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى، ھەتتا فىرانسىيەدە شۇنچە كۆپ كۆچمەنلەر ياشايدىغىنىغا قارىماي پەقەت فىرانسۇز تىللىق مائارىپنىڭلا مەۋجۇتلۇقنى، جۇڭگودا بولسا ‹قوش تىللىق مائارىپ› قا يول قويغانلىقىغا رازى بولۇشىمىز لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بۇ گەپلەرنى قىلغان كىشى ئامېرىكىدا ئوقۇغان، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىر پروفېسسورى ئىدى. مەن ئۇ كىشىگىمۇ تېگىشلىك جاۋابىمنى بېرىپ، ماڭغان يولۇمدىن قايتمىدىم ھەم بۇنى توغرا دەپ قارىدىم.»
(داۋامى بار)