ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەت سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق «ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ 3 نەپەر مۇدىرىيەت ئەزاسى ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇستتا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولماي كەلمەكتە.
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئائىلىسىگە تېخى يېقىندا ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئەمما ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش تەلىپى ئىزچىل رەت قىلىنىپ كەلمەكتە. ھازىر، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىگە ئايلانماقتا. بۈگۈن«نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتىدە خىتايدا ئانا تىلنى سۆيۈشمۇ خەتەرلىك»دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئابدۇۋەلى ئايۇپ مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىگە سېلىندى.
ماقالە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەققىدىكى تۆۋەندىكى ئىبارىلەر بىلەن باشلانغان:
«شائىر، تىلشۇناس ۋە نۇرغۇن ئەللەرنى كېزىپ، كۆپ تىللار بىلەن ئۇچراشقان ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا ئالاھىدە چوڭقۇر مۇھەببىتى بار ئىدى. ئۇ 2011-يىلى ئامېرىكادىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئانا يۇرتىغا، يەنى مەجبۇرىي چېتىپ قويۇلغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قىيقاس-چۇقانلار بارغانسېرى يۈكسىلىۋاتقان غەربىي رايوندا ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش ئۈچۈن كەتكەن ئىدى. ئەمما بىر تىلمۇ سىياسىي سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدىغان بىر دۆلەتتە ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان ئىشتىياقى ئۇنىڭ پالاكەتكە ئۇچراش سەۋەبى بولۇپ قالدى.»
ماقالىنىڭ ئاپتورى ئانجۇ جەيكوپ ماقالىسىنىڭ داۋامىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىككى سەپدىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئوخشاش مىللىي زىددىيەت كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ۋە شۇنداقلا خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلسا ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغان بىر رايوندا جىمجىتلا بېسىقتۇرۇۋېتىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يېقىندىن بۇيان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىككى يىل ئوقۇغان كانساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فېيسبۇك تور بېتىدە ۋە «ھەرىكەت» ناملىق ئىمزا تور بېتىدىمۇ مەخسۇس ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۈچۈن سەھىپە ئېچىلىپ، ئۇنىڭ مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
«ئۆز سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىتىنى تېخىمۇ قاتتىققوللاشتۇردى. خىتاي كۆچمەنلىرىنى تېخىمۇ جىق كۆچۈرۈش، ئىسلام دىنىگە تېخىمۇ ئېغىر چەكلىمىلەرنى قويۇش، سىتالىننىڭ ئۇسۇلى بويىچە ساقچىنى كۆپەيتىش ۋە مائارىپتا خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە يەنە مۇقىملىقنى ساقلاشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي تىلىنى سۆيۈشكە ۋە خىتاي ئارمىيىسىگە ھەشقاللا ئېيتىشقا چاقىردى.»
«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، پارتىيىگە مەدھىيە ئوقۇپلا يۈرۈدىغان خەلق قىلىپ كۆرسىتىدىغانلىقى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەنلىكىدەك نۇقتىلارمۇ يورۇتۇلغان.
ئاپتور ئەنجۇ جەيكوپ يېقىندا يەنە تىنچلىق بىلەن كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىشكە چاقىرغان ئىلھام توختىنىمۇ قولغا ئالغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى نىكولاس بىكۇلىننىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان.
نىكۇلاس بىكۇلىن سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى تەشەببۇس قىلىشنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قىلىنىۋاتقان ساداقەتسىزلىكنىڭ ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئاغدۇرۇش يوشۇرۇن نىيىتىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھېچقاچان ھۆرمەت قىلىپ باقمىغان. ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشكىل قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئېلېمېنتلا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا، ئۇنى ئۆزگەرتمەكتە ۋە ياكى سۇسلاشتۇرماقتا» دېگەن.
ئاپتور ئانجۇ جەيكوب ماقالىسىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرغان:
«ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئامېرىكادىكى ئەركىن ھاياتىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ئاچماقچى بولغان ئانا تىل مەكتىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كىملىك مەسىلىسىگە رىقابەت ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىش يولىدىكى ئەڭ كىچىك ھەرىكەتلىرىنىمۇ قاتتىق باستۇرۇۋاتقان بىر شارائىتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ پات ئارىدا قويۇپ بېرىلىشىدىن ئۈمىدسىز...»
ئاپتور ئانجۇ جەيكوب ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان بىر قانچە يۇرتدىشى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئانا تىلنى مەكتىپى ئېچىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كانساس ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن 3 يىللىق ئوقۇش مۇكاپاتىغىمۇ قارىماي يۇرتىغا قايتقانلىقىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئانا تىلدا ئوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما مەكتەپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇتالمايۋاتقانلىقىنى، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئىلگىرى ئابدۇۋەلى ئايۇپتىن دەرس ئالغان ۋە ھازىر نيۇ يوركتا ئولتۇرۇشلۇق ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى روبېرت ۋىلسۇن مۇخبىرغا «ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇرلار خىتايچە ئۆگەنمىسۇن دېگىنى يوق، ئۇ پەقەت ھەر ئىنسان ئۆز ئانا تىلىنىمۇ بىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايتتى» دېگەن.
ئانجۇ جەيكوپ ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيۇشتۇرغان نورۇز پائالىيىتىنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغانلىقى، قەشقەردە ئاچقان ئانا تىل يەسلىسىنىڭ رەسمىيىتى تولۇق ئەمەس، دەپ پېچەتلىگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغان مۇھەممەد سىدىقنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئاكىسى ئۆمەرجاننى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئانا تىل يەسلىسى، ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىدە خىتاي قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن تۈزۈملەر ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، بارلىق رەسمىيەتلەرنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھەم ماقالىسىنى ئۆمەرجان ئەپەندىنىڭ «بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادەم ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىز ھازىر ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەن سۆزى بىلەن ئاياغلاشتۇرغان.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسى ئۆتكەن ئاي رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ 10-مارت ئەتراپىدا تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ زادى قايسى كۈنى سوتلىنىدىغانلىقى تېخى ئېنىقسىز تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۈرمىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا.