ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «مەن ئۆزۈمنىڭ ھامان بىر كۈنى تەقىپ قىلىنىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم!» (5)

0:00 / 0:00

«مەن ئۆزۈمنىڭ ھامان بىر كۈنى تەقىپ قىلىنىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، ئەمما بۇنىڭ زادى قاچان ۋە قەيەردە يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. چۈنكى 20-ئەسىردىن بۇيان بالدۇر ئويغانغان سەرخىللىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر ماڭا ھەممىنى ئۇقتۇرۇپ تۇراتتى. بۇ ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بىر قىسمى ئىدى!...»

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي مەھەللىسىدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يوقىرىقى سۆزلەر بىلەن ئۆز ئەسلىمىسىنى باشلىدى: «دائىرىلەر مەن قەشقەردە ئاچقان ‹تۇخان ئانا› نامىدىكى يەسلىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يوتقان-كۆرپىلىرىنى ئېلىپ كەتكىلى ئۇنىمىدى. ئۇلار مېنىڭ بىر ئامال قىلىپ يەسلىنى داۋاملىق ئېچىشىمنى ئۈمىد قىلاتتى. مەن ئۆزۈممۇ يەسلى ئېچىشتىكى قانۇنىي رەسمىيەتلىرىمنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى ۋە مەۋجۇت سىستېمىدىكى ھېچ بىر قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلمىغانلىقىمنى بىلگەچكە بۇ ئىشتا بەل قويۇۋەتكۈم كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ، يېڭى بىر خۇسۇسىي مەكتەپ ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان يەسلى ئېچىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ئورۇن ئىزدىدۇق. ئاتا-ئانىلارمۇ تەرەپ-تەرەپتىن ياردەم قىلدى. ئاخىرىدا قەشقەر شەھىرىدىن مەكتەپ ۋە يەسلى ئېچىشقا مۇۋاپىق بىر جاينى تاپتۇق. بۇ جاي بىر تاشلاندۇق مەكتەپ بولۇپ، مۇھىتى جىمجىت، يېشىللىقى ۋە سۈيى بار بىر جاي ئىدى. مەن بىر دوستۇم بىلەن شىرىكلىشىپ، بۇ يەردىكى تاشلاندۇق قۇرۇلۇشلارنى رېمونت قىلىشقا ھەمدە يېقىن كەلگۈسىدە ھازىرقى زامان خۇسۇسىي مائارىپىنىڭ ھەممە ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر مەكتەپ ۋە يەسلى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدىم.»

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆز ئەسلىمىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شۇ يىلى قەشقەر ئاجايىپ ئىسىپ كەتتى. ئىسسىق دەستىدىن سىرتتا ئۆرە تۇرۇشمۇ تەس ئىدى. ئەنە ئاشۇنداق ئىسسىقتا مەكتەپنى رېمونت قىلىپ، قولىمىزدا بار بولغان مەبلىغىمىزنىڭ ھەممىسىنى دەسمايە قىلىپ سالدۇق. ئەپسۇس، ناھايىتى ئەپسۇس، 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى چۇشتىن كېيىن سائەت 3:00 لەر ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدىن ئىككى ساقچى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تارماق ئەترىتىدىن بىر ساقچى قوشۇلۇپ مېنى تۇتقىلى چىقىپتۇ. ئۇلار كېلىپلا مېنى سەنلەپ: ‹سەن ئابدۇۋەلىمۇ؟› دەپ سورىدى. مەن ئۇلارنىڭ بىرىنچى سۆزىدىنلا ھەممىنى پەملىدىم. چۈنكى يات بىراۋنى بىۋاسىتە سەنلەپ گەپ قىلىش بۇ يەردىكى ساقچىلارنىڭ ئادىتى ئىدى. ئەتراپىمدا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتقان دوستلىرىم ھەم ئاكاممۇ بار ئىدى. مەن ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ناۋادا ساقچىلار قول-پۇتۇمغا ئىشكەل-كويزا سالىدىغان بولسا يېقىنلىرىمنىڭ غەزىپى قوزغىلىپ، ئارىدا جىدەل چىقمىسۇن دەپ ئۆزۈم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ‹ماشىنىدا پاراڭلىشايلى› دەپ ئۇلارنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم.»

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ قولغا ئېلىنىشى جەريانىدىكى ۋەقەلەرنى ئەسلىمە قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ماشىنىغا چىقىشىمغا ئۇلار مېنىڭ قولۇمنى قايرىپ ئىشكەل سالدى. مەن ئۇلارغا بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، ئەگەر ئۇلارنىڭ قولىدا مېنى رەسمىي قولغا ئېلىش بۇيرۇقى بولغان تەقدىردە مەن ئۇلارغا شەكسىز بويسۇنىدىغانلىقىمنى، ئەگەر ئۇلاردا تۇتۇش بۇيرىقى بولمىسا بۇنىڭ قانۇنسىزلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سالىدىغان ئەپتى يوق ئىدى. مەن يەنە سۆزلىسەم تېخىمۇ پايدىسىزلىقىنى ھېس قىلىپ سۈكۈت قىلدىم.»

«سىز ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭنىڭ ھامان بىر كۈنى تەقىپ قىلىنىدىغانلىقىڭىزدىن ئىبارەت بۇ رېئاللىقنى مۆلچەرلەپ كۆرگەنمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، مەن بۇنى ئىلگىرىلا مۆلچەرلىگەن ئىدىم. چۈنكى بۇنىڭ شەپىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. بىرقانچە ئاي ئىلگىرى قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹ئوغۇللارنى قانداق تەربىيەلەش كېرەك› ناملىق بىر مەخسۇس پروگرامما ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەن بۇ پروگراممىدا ئۈچ نەپەر سۆزلىگۈچىنىڭ بىرى سۈپىتىدە سۆزلىگەن ئىدىم. ئۇلار ماڭا بۇ پروگراممىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا قويۇلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ۋاقىت-سائىتىگىچە ئۇقتۇرغان ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ پروگرامما ھەپتە ئاخىرىدا بېرىلمىدى. سۈرۈشتۈرسەم، ئۇلار قەشقەر ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىدىن ‹ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتناشقان ھەرقانداق بىر پائالىيەت ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە كۆرسىتىلسە بولمايدۇ› دېگەن بۇيرۇقنى ئالغانلىقىنى ئېيتىشتى. مەن شۇ چاغدىلا بۇ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىدە مېنى تەقىپ قىلىشقا باشلىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر شەپىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ئارىلىقتا مەن بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ ئاچماقچى بولغان بىر شېرىكىم ھەممە ئىشلار پۈتۈپ تەق بولغاندا تۇيۇقسىز بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىپ چېكىنىپ چىقتى. مەن تېخىمۇ ھەيران بولدۇم. ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ مەن بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ‹سېنىڭ ئارقاڭدا كۆزىتىۋاتقان ئادەم بار ئىكەن› دېدى. مەن بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى ئانالىز قىلىپ، ساقچىلار مېنى تەقىپ قىلىدىكەن دېگەن ئويغا كەلدىم. مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ قېچىپ كېتىشىم مۇمكىنمۇ؟ چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلەتتىم. شۇنداقكەن، ناۋادا ئۇلار مېنى تۇتقان تەقدىردىمۇ نېمە قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم-دە، بېشىمغا نېمە ئىش كەلسە شۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلاي دەپ ھازىرلاندىم. ئۇندىن باشقا بەزى دوستلىرىممۇ مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھۇشيار بولۇشۇمنى ئېيتىشتى. ھالبۇكى، مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدىم. پەقەتلا سۈكۈت قىلدىم.»

ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شۇنداق قىلىپ مەن ئاشۇ قارا كۈنگە ھازىرلاندىم. ھەيرانمۇ قالمىدىم، چۈنكى ئۇيغۇر تارىخى مۇشۇنداق بىر قىسمەتلەرگە تولغان تارىخ ئىدى، ھېچ بولمىغاندا، يېقىنقى يۈز يىللىق تارىخىي رېئاللىقىمىز بىزگە مىللەتنىڭ قايغۇسىنى يېگەن سەرخىللارنىڭ ھامان ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدىغانلىقىدەك بىر ساۋاقنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۆيگە كىردىم. ياشىنىپ سالامەتلىكى ئاجىزلاپ كەتكەن ئانام بىلەن ئۈنسىز بىر رەۋىشتە خوشلاشتىم. دوستلىرىمغا، يەسلىنىڭ ئېچىلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا، سەبىي بالىلارغا قىيالماسلىق نەزەرى بىلەن باقتىم. ئاخىرىقى كۈن يېتىپ كەلدى. ئۇلار مېنى تۇتۇپ قەشقەرنىڭ يانبۇلاق دېگەن جايىدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ باردى-دە، كىشى ئەسلا مىدىرلىغىلى بولمايدىغان بىر قارا ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى.»

(داۋامى بار)