ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسى تەسىس قىلدى

0:00 / 0:00

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مول مەزمۇنلۇق ھەرخىل ئىلمىي پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇپ ۋەتىنى ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلىم سۆيەر ياشلارنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يېقىندا ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسى تەسىس قىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى ئېچىلغان ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسىدا نۆۋەتتە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئېلكىتاب ۋە ماقالە بار بولۇپ، بۇ كۇتۇپخانا داۋاملىق تولۇقلانماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قىلىۋاتقان مۇھىم خىزمەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە نۇرغۇن ماددىي ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولسىمۇ، ھەر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ پىلانلىق، سۈپەتلىك ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا تىرىشتى. بۇ خىل ئىلمىي پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، ئىلىم يولىدا جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سۇنغان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋەتەن ئىچى، سىرتىدىكى ياشلارغا تارقىتىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەر يىلى ماددىي قىيىنچىلىقى بار، تىرىشچان ۋە ئەلا نەتىجىلىك 10 نەپەر ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇشىنى خاتىرجەم داۋام قىلالىشى ۋە مىللەتكە ياراملىق بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، ئوقۇشتا ئەلاچى ۋە مىللىتىنى سۆيىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ماددىي ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسى تەسىس قىلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى پىداكار ياشلار مۇھىم كىتاب ۋە ماقالىلەرنى تور بەتلەردە ھەمبەھىرلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ماقالە ۋە كىتابلارنىڭ دائىم ئۆچۈرۈلۈپ ياكى تور بەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشى سەۋەبلىك ئىزدىمەكچى بولغان ئەسەرلەرگە ئېرىشەلمەسلىكتەك قىيىنچىلىق بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كەسىپتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىيال مەنبەسى بولالايدىغان، باشقا ھەرخىل تىللاردا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى، كىتاب ۋە ئىلمىي ماقالىلەرگە ئېرىشىشتە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا سىرتتىن كىرەلمەسلىك سەۋەبىدىن بەزى توسالغۇلار بار ئىدى. ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى بۇ جەھەتلەردىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ھەر ساھەدىكى ئىلىم ئىزدىگۈچى ياشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قامداش، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرى، كىتاب ژۇرناللارنى توپلاپ ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسىدا ئېلان قىلىشنى باشلىدى.»

ئۇ يېڭى ئېچىلغان ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسىدا نۆۋەتتە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە كىتابنىڭ قويۇلۇپ بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنى بۇلارنى ئورتاقلىشىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «يېڭى ئېچىلغان ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسىدا نۆۋەتتە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئېلكىتاب ۋە ماقالە بار بولۇپ، كۇتۇپخانا داۋاملىق تولۇقلانماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە تارىخى كىملىكىنى كۈچلەندۈرۈپ، مىللەتنىڭ ئاڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب، ماقالە ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا چاقىرىدۇ.»

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇنداق بىر تور كۇتۇپخانىسى تەسىس قىلغانلىقىنىڭ ئۇيغۇر چەتئەلدىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن قىلىنغان زور خىزمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇلار ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۆز قولىدا بار بولغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل تىلدىكى ئېلكىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تور كۇتۇپخانىسىنى زىيارەت قىلىش، ماقالە، كىتابلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن www.akademiye.org ‹http://www.akademiye.org› ئاكادېمىيە ئورگان تور بېتىدىكى ئىزدەش رامكىسىنىڭ ئاستىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىش-«ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسى» ئارقىلىق كىرگىلى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئېلكىتاب ۋە ماقالىلەرنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009-يىلى 9-ئايدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغاندىن ئىلمىي جەمئىيەت بولۇپ، ھازىرغىچە 7 قېتىم ئۇيغۇر پەن تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇچرىشىشىدا ھەرخىل تېمىلاردا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، 6 قېتىم ئۇيغۇر ماگىستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 6 قېتىم ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا تارىخى شەخسلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ھەرخىل مۇنازىرە ۋە لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەتلەر يىلدىن-يىلغا تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، كەسپىيلىشىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە ۋە ئىلغار پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا ۋە ئۇلارغا ناھايىتى چوڭ ئىلھام بولماقتا ئىكەن.