يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان «ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ستۇدېنتلار دوستلۇق ئورنىتىش» پائالىيىتى ھەققىدىكى خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى بىلەن «دوست بولغان» لىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلۇق ئورناتقاندا، ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشقا ئاساس يارىتىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى. بۇ ھەرىكەتكە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، «بۇ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قارىتىلغان مېڭە يۇيۇش، ئۇلارنى نازارەت قىلىش، ھەتتا ھۆكۈمەت ئۈچۈن بىۋاسىتە جاسۇس بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل مەقسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە سالغان سىياسىي ھەرىكەت بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرىشى سەۋەبلىك يولغا قويۇلغان يەنە بىر سىياسىي ئويۇن.»
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن خىتاي مائارىپ گېزىتىنىڭ يېقىنقى سانىدا «شىنجاڭدا ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلار ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن دوست بولدى» سەرلەۋھەلىك بىر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىندى. مەزكۇر خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي قانۇن ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇيدىغان مەردان ئەزىز ۋە ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىم ئىسىملىك ئىككى ئوقۇغۇچى بىلەن دوستلۇق ئورناتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.
مەزكۇر خەۋەردە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ تەشەببۇسى بىلەن، بۇ يىل 6-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت ۋە تەپتىش قاتارلىق ئىدارە-ئورگانلاردىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە «ئۈچتە كىرىش، ئىككىدە ئالاقە ئورنىتىش، بىر دوست تۇتۇش» پائالىيىتىنى، ئوقۇغۇچىلاردىن «دوست تۇتۇش» ھەرىكىتىدىن باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دىن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاسىتە قارايدىغان ئىدارە، ئورگانلاردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بىلەن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دىكى بىر قىسىم ئاكتىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «دوست بولۇش» پائالىيىتى رەسمىي باشلانغان.
«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» مەكتەپ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، «ئۈچتە كىرىش: ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت كادىرلىرى، دەرس ئۆتۈلۈۋاتقان سىنىپلارغا كىرىش، ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىغا كىرىش، مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش؛ ئىككىدە ئالاقە ئورنىتىش، بىردە دوست بولۇش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش؛ ھەر بىر رەھبەر ئاز دېگەندە بىر ئوقۇغۇچى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش» ئارقىلىق، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى سىياسىي تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يولغا قويۇۋاتقان ئاپتونوم رايون ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن «دوستلۇق ئورنىتىش» ھەرىكىتى، نامدا ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش دەپ تەرىپلەنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىنى تېخىمۇ ياخشى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەقسەتنى نىشان قىلغان.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئامېرىكادا، مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «دائىرىلەر بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ياش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قارىتا مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا خىتاي بىرلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇش، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتقۇچى، پروفېسسورلارغا قارىتا ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغانلارغا ھەر خىل قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
1985-يىلدىكى 12-دېكابىردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يېتەكچىلىرىدىن بىرى، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن بىر مەزگىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىستىلا قىلغاندىن بۇيان، ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن ھۆكۈمەتكە سادىق بولغان بىر تۈركۈم ياش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ ئېلىپ بارغان بولۇپ، 1985-يىلى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قوزغىغان «12-دېكابىر ھۆكۈمەتكە تەلەپ قويۇش ھەرىكىتى» مەزگىلىدىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈركۈم ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقان، ھەتتا يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپلىرى بولغان.
قاھار بارات ئەپەندى ۋە نۇرمەمەت ئەپەندىلەر يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان «ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش» ۋە «ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ستۇدېنتلار دوستلۇق ئورنىتىش» قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆتكەن ئەسىردە يۈز بەرگەن ئوڭچىلارغا قارشى ھەرىكەت، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەرنى سېلىشتۇردى.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، 60-70-يىللاردىكى سىياسىي كۈرەشلەردە ياش ئوقۇغۇچىلاردىن پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا سىياسىي قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ زەربە بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى ئوقۇتقۇچىلارغا زەربە بېرىش» نى نىشان قىلغان سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئىلگىرىكىدەك پۈتۈن خىتاي بويىچە ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنىشى جىددىي دىققەت قوزغايدۇ.
0:00 / 0:00