يېڭى مەۋسۇمدا ئالماتادىكى ئىككى ئۇيغۇر مەكتىپىدە بىرىنچى سىنىپتىن 11 ئى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندا 1-سېنتەبىر ھەر يىلى بىلىم بايرىمى سۈپىتىدە نىشانلىنىپ كەلمەكتە. بۇ كۈنى مەملىكەتنىڭ بارلىق جايلىرىدا، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ياركەنت، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ناھىيىلىرىدىكى تازا ئۇيغۇر ۋە ئارىلاش تىللىق مەكتەپلەردە «بىرىنچى قوڭغۇراق» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئالماتا شەھىرىدە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردىن ئۈچى بار بولۇپ، ئۇلاردا ئۈچ مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر بالىسى بىلىم ئالماقتا. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىككىسى گىمنازىيە دەرىجىسىدىكى بىلىم دەرگاھلىرى، ئۇلار شەھەر بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەر. بۇ مەكتەپلەر ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئاتاقلىق شەخسلەر، يەنى يەتتىسۇنىڭ مەشھۇر سىياسىي ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېف، سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى مەسىم ياقۇپوف ۋە ئاتاقلىق ئالىم مۇرات ھەمرايېفلارنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرىنىڭ ئەۋېزوف ناھىيىسىگە قاراشلىق دوستلۇق مەھەللىسى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ۋە ئالماتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق قاراتۇرۇق يېزىسىدىكى ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەم تارىخ مۇئەللىمى بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشقا كەلگەن بالىلارنىڭ ئەھۋالى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئۆتكەن ئوقۇش يىلىدا ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.