يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى راھىلە قەشقىرى ئالماتادا بولۇپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
بەش كۈنگە سوزۇلغان بۇ سەپەردە راھىلە قەشقىرى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىدە، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىدە، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىدە، «ئاتامۇرا» ۋە «مېكتېپ» نەشرىياتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رېداكسىيىلىرىدە، «مىر» نەشرىيات ئۆيىدە، مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا، ئالماتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدىكى ئۆمەر مۇھەممەدىي نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە بولدى.
تۈركىيەلىك تەتقىقاتچى ئالدى بىلەن قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزىنىڭ كېلىش مەقسىتى، تۈركىيەدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتلىرىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى، تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئوقۇتۇشتا پەيدا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، قىيىنچىلىقلار، مەملىكەتتىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئالىملىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقات ئىشلىرى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان مۇستەقىل تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى بويىچە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئامما ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە ماتېرىياللارنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. راھىلە قەشقىرى تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىدىكى، كۈتۈپخانىلاردىكى، تورلاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ماتېرىياللارنى پايدىلانغان ھالەتتىمۇ، بولۇپمۇ كەڭ دائىرىدە تەرەققىي ئەتكەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ماتېرىياللارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئەنە شۇ ماتېرىياللارنى توپلاش مەقسىتىدە قازاقىستانغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچى قەدەمدە ئىككى كىتاب تەييارلىماقچىمەن. بىرىنچىسى، تاللانغان ھېكايىلەر. ئۇنىڭدا 1910-يىلدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان ھەم ۋەتىنىمىزدىكى ھەم ۋەتەن سىرتىدىكى نامى داڭلىق ئەسەرلەر توپلىمى بولىدۇ. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى، 1910-يىلدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن باسقۇچلىرى. بۇنىڭغا دۆلەت تەرىپىدىن ئىقتىسادىي ياردەم تەستىقلاندى.»
راھىلە قەشقىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ ئىشقا جاۋابكار بولۇپ رەسمىي تەستىقلەنگەن ھەمدە ئالىي مەكتەپ ۋە فاكۇلتېت مۇدىرلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىگە ئېرىشكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى راھىلە قەشقىرىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى تولۇقى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى. «ئۇنىڭ مەقسىتى تۈركىي خەلقلەرگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇش. ئەسەرلەر ئارقىلىق دوستلۇقنى، ئىناقلىقنى، بىرلىكنى، ئەدەبىي دوستلۇقنىڭ مەڭگۈ دوستلۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش. بىز ر. قەشقىرىنىڭ ياخشى، ئالىيجانابلىق پىكرىنى قوللاپ، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تېپىپ بەردۇق. كېلەچەك مەقسىتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە چوڭ كىتابلار چىقىرىدىغانلىقى بىزگە ئايان بولدى. بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدۇق.»
ئە. ھاشىرى پۈتكۈل يازغۇچىلارنى تۈركىيەلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىپ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئەزازى، ساتىرىك يازغۇچى شاۋكەت نەزەروفمۇ بۇ تەشەببۇسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «راھىلە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئوقۇتۇش تۈركىيەدە خېلى يۇقىرى دەرىجىدە يولغا قويۇلغان. تۈرك دۇنياسىنىڭ غولى بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە كىتابلار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ناھايىتى كەمچىل ئىكەن. راھىلە مانا مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا بەل باغلاپتۇ. بۇ قېرىندىشىمىز قولغا ئالغان ئىشنىڭ مۇرەككەپلىكى شۇنىڭدىكى، تارىخىي ۋەتىنىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرىدىغان ئەمگەك يېزىشنى نىشانلاپتۇ. ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭغا چوڭ ئىجادىي ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.»
ئالماتادىكى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، تىلشۇناس دوكتور خالمىنەم مەسىموۋانىڭ پىكرىچە، بۈگۈنكى قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنى مەملىكەتتىكى ۋە باشقىمۇ ئەللەردىكى ئىلمىي مەركەزلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە تەرەققىي ئېتىشى لازىم بولۇپ، ئۆز - ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدىلا بۇ يۆنىلىشتە يېڭى مۇۋاپپەقىيەتلەرگە يېتىشكە بولىدىكەن. ئۇ ئىلگىرى، يەنى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە ئون يىل مابەينىدە ئىشلەپ كەلگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تاشقى ئىلمىي ئالاقىلەرگە خېلى كۆڭۈل قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئۇنداق مۇمكىنچىلىكلەر يوق بولسىمۇ، مەركەز خادىملىرى بولۇپمۇ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، تۈركىيە، قىرغىزىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئۆتۈۋاتقان ئىلمىي ئەنجۇمەنلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى چەتئەللەرگە تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا بىز باشقا مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بىللە ئىشلەش يوللىرىنىمۇ دائىم ئىزدەپ تۇرىمىز، چۈنكى بىرلىشىپ مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسىلىلەر ئىنتايىن كۆپ.
يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى راھىلە قەشقىرى قازاقىستانغا كېلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ كەتتى. شەخسەن مەن ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشەلمىسەممۇ، ئۇنىڭ كېلىش مەقسىتىنى ئاڭلاپ بىلىپ، خۇشال بولدۇم. ھەقىقەتنى ئېيتقاندا، بىزنىڭ تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قويۇق ئارىلىشىش نىيىتىمىز بار ئىدى. بۇ قېتىمدا راھىلە قەشقىرىنىڭ قازاقىستانغا كېلىشى شۇنداق بىر مۇمكىنچىلىككە يول ئاچتى دەپ ئويلايمەن. ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا ئورنىغان دوستانە مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ بىزنىڭ بۇ ئالاقىلىرىمىزغا ئىجابىي تەسىر قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر قانداق تەشەببۇسلىرىنى بىز قوللاپ-قۇۋەتلەيمىز ھەم ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردىمىمىزنى كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز. كېلەچەكتە بىرلىكتە ئىلمىي ئەنجۇمەنلەرنى ھەم باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ئىشەنچىم كامىل.»