13-ئاپرېلدا ئالماتادىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى ھەم شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قوللاپقۇۋۋەتلىشى بىلەن قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى نەشر قىلغان «قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ زامانىۋى ئەدەبىياتى»، «قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ مۇزىكا سەنئىتى»، «قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ سەھنە سەنئىتى»، «ھازىرقى ئەدەبىياتتىكى ئومۇمىي ئىنسانىي قەدرىيەتلەر»، «قازاقىستان خەلقى ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، تونۇلغان يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىروف مۇراسىم ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى خادىملىرىنى، جۇمھۇرىيەتلىك ۋە شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى ۋەكىللىرىنى، شۇنداقلا قازاق ۋە ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرىنى تونۇشتۇردى.
ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف قازاق خانلىقىنىڭ 550 يىللىقى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ 20 يىللىقى، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىكى ئۇلۇغ غالىبىيەتنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى تەبرىكلەپ، قازاقىستاندىكى مىللىي سىياسەت، 2050 دۆلەت ئىستراتېگىيىسىنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ۋەلىخان قالىجان ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقلىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىدا تۇتقان ئورنىغا، بولۇپمۇ كۆپ ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھاسىنى بەردى. ئۇ شۇنداقلا مەيلى قازاقىستاندىكى بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بولسۇن، زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھەر جەھەتتىن تەتقىق قىلىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى، كېلەچەكتە بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا ئۆزىنىڭ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى. مۇراسىمدا سۆز ئالغان مەزكۇر ئىنستىتۇت ئالىملىرىدىن پەن دوكتورلىرى گۈلجاھان ئوردا، گۈلمىرا مۇساغۇلوۋا، ئامانتاي ئاخېتوف، ئالىمجان ھەمرايېف، شۇنداقلا قازاق شائىرلىرىدىن شۆمۈشباي ساغىيېف، دائۇلېتبېك بايتۇرسىنوف، رۇسىيەلىك ئۇيغۇر شائىرى ۋىليام سادىقوف، ئەلفارابى نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى روشەنگۈل ئاۋاكوۋا، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ نامزاتى گۈلنارا سايىتوۋا ۋە باشقىلار ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ قازاقىستان خەلقلىرى ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىسىنى، ئۇنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن تېخىمۇ بېيىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا جۇمھۇرىيەتلىك ۋە شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى نامىدىن، شۇنداقلا يازغۇچى ۋە دراماتورگ شايىم شاۋايېف ئائىلىسى نامىدىن قازاق ئالىملىرىغا، شۇنداقلا يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىروف ۋە فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېفلارغا سوغىلار تەقدىم قىلىندى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاق شائىرى ۋە تەرجىمانى دائۇلېتبېك بايتۇرسىنوف مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.