موڭغۇلىيە بىلىم مىنىستىرلىقى ۋەكىللىرى ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر مەكتىپىدە زىيارەتتە بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.12.12
Mongghuliye-bilim-ministirliqi-almuta.jpg موڭغۇلىيە بىلىم، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللىرى ئالمۇتادىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىدە ئۇچراشتى. 2018-يىلى 9-دېكابىر.
RFA/Oyghan

9-دېكابىردا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىدە موڭغۇلىيە بىلىم، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى، موڭغۇلىيە بىلىم مىنىستىرلىقى ھەمدە موڭغۇلىيەنىڭ ئاساسەن قازاقلار ئولتۇراقلاشقان بايان-ئۈلگە ئايمىقىنىڭ بىلىم باشقارمىسى خىزمەتچىلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مەكتەپ مەمۇرىيىتى، يەرلىك ھاكىمچىلىق ۋە ئاتا-ئانىلار كومىتېتى ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مېھمانلار ئارىسىدا ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى بويىچە باش كومىسسارىنىڭ بىلىم مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسلىرى ئاناستاسىيا ستويانوۋا، گيۇلناز ساىروۋا، موڭغۇلىيە بىلىم، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋە تەنھەرىكەت مىنىستىرلىقى ئومۇمىي بىلىم بېرىش بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى گېرېلتۇيا بارىمىد، بايان-ئۈلگە بىلىم، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زائۇرې خاۋدىسلام قاتارلىقلار بولدى.

ئۇچرىشىشنى ئاچقان ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ئالدى بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى تونۇشتۇردى. ئاندىن ئۇ ئۇچرىشىش داۋامىدا يېڭىچە مەزمۇندا بىلىم بېرىش جەريانلىرىنى، ئوقۇش-مېتودىكىلىق ئاساسلارنى، مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكلىرىنى، مەكتەپنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىك بىلەن ئىشلەش يۆنىلىشلىرىنى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشتا ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«مەكتەپنىڭ ياردەملىشىش كېڭىشى ئىشىنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ مېتودىكىلىق ئاساسلىرى» ماۋزۇسىدا مەكتەپنىڭ ياردەملىشىش كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى ھاكىمجان ئارۇپوف دوكلات قىلدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە مەزكۇر گىمنازىيەنىڭ قازاقىستان بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى تۇنجى ئۇيغۇر گىمنازىيەسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ھاكىمجان ئارۇپوف مۇنداق دېدى: «سىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالنى ياخشى بىلىسىلەر. ئۇ يەردە مەكتەپلەرنى يېپىش، مىللىي مائارىپنى يوققا چىقىرىش، مەدەنىيەتنى، ئىلىم-پەننى، بىلىمنى خىتايلاشتۇرۇش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەنە شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بىزنىڭ مەكتىپىمىزگە بولغان قىزىقىش ئۆسمەكتە. سىلەر بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ بۇ مەكتەپنى ئۆزلىرىنىڭ ئانا مەكتىپىدەك قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسىلەر.»

ھاكىمجان ئارۇپوف قازاقىستاننىڭ بىلىم بېرىش سىستېمىسىدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇ جۈملىدىن مەكتەپلەرنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىك، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئىشلەش جەريانىدىمۇ يېڭىلىقلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردە ياردەملىشىش كېڭەشلىرىنىڭ ئىشىغا چوڭ دىققەت بۆلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ياردەملىشىش كېڭىشىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مەكتەپلەرنى ھەر جەھەتتىن قوللاشتىن، بولۇپمۇ مۇئەللىملەرنى، ياخشى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن. ھاكىمجان ئارۇپوف يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئىشلەش ئۇسۇللىرى، ئىچكى تۈزۈلۈشى، ۋەزىپىلىرى بىلەن تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى بويىچە باش كومىسسارىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي كافكاز بويىچە لايىھىلەرنى ئۇيغۇنلاشتۇرغۇچى مىخاېل ئاڭېرمانن ئەپەندى مەركىزىي ئاسىيادىكى مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ مەملىكەتلىك تىلنى ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىر قاتاردا ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزدە مەركىزىي ئاسىيا بىلىم پروگراممىسى بولۇپ، بۇ پروگرامما بويىچە يېقىندا بەش كۈنلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق. ئۇنىڭغا مەركىزىي ئاسىيانىڭ بەش مەملىكىتى ۋە شۇنداقلا موڭغۇلىيە ۋە گىرۇزىيە ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. 2012-يىلدىن باشلاپ بىزنىڭ تەشكىلاتقا موڭغۇلىيە ئەزا بولغاندىن بۇيان بىز ئۇلار بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتىمىز. يېقىندا بىز موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتوردا بولدۇق. بۇ يەرگە مانا مۇشۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروفمۇ كېلىپ، قازاقىستاندا كۆپ تىلدا ئوقۇتۇشنىڭ مەسىلىلىرى توغرىلىق ئۆز تەجرىبىسىنى بىزگە يەتكۈزدى. بۇ يىغىندا كۆپ تىلدا بىلىم بېرىشنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. بۈگۈن بولسا بىز موڭغۇلىيەلىك مېھمانلار بىلەن بىللە بۇ مەكتەپكە كېلىپ، مەكتەپنىڭ ئاتا-ئانىلار كومىتېتى، يۇرت-جامائەتچىلىك بىلەن ئىشلەش تەجرىبىسىدىن پايدىلىق مەلۇماتلارنى ئالدۇق. بىز بۇ يىغىندا دۆلەت تىلى قازاق تىلىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ساقلاپ قېلىشنىڭ يول-يورۇقلىرىنى بىلدۇق. ئەمدى موڭغۇلىيەلىك مېھمانلارمۇ موڭغۇل تىلىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىر قاتاردا قانداق قىلىپ قازاق تىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى.»

مىخائېل ئانگېرمان ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپىغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ بەك نازۇك مەسىلە. خىتاي بۇ تەشكىلات تەركىبىگە كىرمىگەنلىكتىن مەن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئەمما بىز بۇ ئەلدىكى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىمىز. ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاجىك تىللىق مەكتەپلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىلىم بېرىش سىياسىتى، ئەلۋەتتە، بۇ تىللار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەملىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىكنى ساقلاپ قېلىشتا، ھەر قانداق توقۇنۇشلارنىڭ، مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ باشقا مەملىكەتلەرگىمۇ ئۈلگە-ئىبرەت بولۇشى مۇمكىن.»

153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە ئۆتكەن ئۇچرىشىشتا شۇنداقلا «ئۆرلېۋ» مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رۇسلان ئارزىيېف «قازاقىستاننىڭ بىلىم بېرىش سىستېمىسىدىكى ئىسلاھاتلار دائىرىسىدىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر»، مەكتەپ تاماملىغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رېھىمجان سېمەتوف «مەكتەپ تاماملىغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ راۋاجلىنىش رولى»، مەكتەپ ئۇستازى مەھمۇد سىخىمبايېۋا «ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە قازاق تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئوقۇتۇشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى» ماۋزۇسىدا دوكلاتلار قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان موڭغۇلىيە بىلىم، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋە تەنھەرىكەت مىنىستىرلىقى يېنىدىكى موڭغۇل بىلىم ئىنستىتۇتى تەتقىقاتلار بۆلۈمىنىڭ ئىلمىي خادىمى تاسبىكې-بېكتېمىر خانات ئاغازاي ئەپەندى مۇنداق دېدى: «موڭغۇلىيەدە ھازىر 100 مىڭدىن ئوشۇق قازاق تۇرىدۇ. ئۇنىڭ 75 پىرسەنتى بايان-ئۈلگە ئايمىقىدا، قالغىنى باشقا ئۆلكىلەردە زىچ ئولتۇراقلاشقان. بىزدە قازاقلارنىڭ ئىككى چوڭ مەسىلىسى بار. بىرىنچىسى، موڭغۇلىيەنىڭ غەربىدىكى قازاقلارنىڭ موڭغۇللار دەرىجىسىدە مەملىكەتلىك تىلنى بىلىش مەسىلىسى. ئىككىنچىسى، ئىچكى ئايماقلاردىكى ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان قازاق ياشلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى. قازاقىستاننىڭ كۆپ مىللەتلەر ئورۇنلاشقان رايونلىرىدا مۇشۇ مەسىلىلەر قانداق ھەل قىلىنىۋاتىدۇ؟ بىز بۇ مەسىلىنى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مەكتەپتە ياخشى ئىگىلىدۇق. بىز ئۆز ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىنى قانداق ساقلاپ قالىمىز دېگەن مەسىلىدە بىزگە، بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە ئەڭ يېقىن بولغىنى مۇشۇ قازاقىستان. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ بۇ جەھەتتە توپلىغان تەجرىبىسى بىز ئۈچۈن چوڭ ساۋاق بولدى، ناھايىتى پايدىلىق بولدى دەپ ئويلايمەن.»

بۇ جەھەتتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟

153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف قازاقىستاندىكى مىللىي مەكتەپلەردە بىرىنچى نۆۋەتتە مەملىكەتلىك تىلنى ئۆگىنىشكە بارلىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ يارىتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى. مەكتەپلىرىمىزدە دەرسلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئانا تىلىدا. ئىككى ياكى كۆپ تىلدا بىلىم بېرىش ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، تىلىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. دۆلەت تىلىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئارمان قىلغان ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈۋاتىدۇ.»

شاۋكەت ئۆمەروف ئاخىرقى ئون يىلنىڭ ئىچىدىلا ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 70-80 پىرسەنتىنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشكەنلىكىنى، قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ يول-كۆرسەتمىلىرىگە مۇۋاپىق ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىغا بارلىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىش داۋامىدا مەكتەپ مۇدىرى ۋە دوكلاتچىلار مېھمانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مەكتەپ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف يىغىن ئاخىرىدا مېھمانلارغا خاتىرە سوۋغىلىرىنى تاپشۇردى. يىغىن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان كونسېرت پروگراممىسى بىلەن ئاياغلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.