تەتقىقاتچىلار «ئۇيغۇر ئېلىدە جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خاتا»، دەپ كۆرسەتتى

0:00 / 0:00

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكادىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت ۋە ئەمگەك مۇناسىۋەتلىرى فاكۇلتېتى بېيجىڭدىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بولغان خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن 6 يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش ۋە تەتقىقات پروگراممىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭغا خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى ئۈچۈن نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى جازالىشى سەۋەب بولغان. خىتايدىكى ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى پائالىيەتلەردىن چەكلەپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۆۋەن كىرىملىك ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش شوئارى ئاستىدا قىلغان پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان. دائىرىلەر پائالىيەتچى ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلغان، سوراققا تارتقان شۇنداقلا مەكتەپ دائىرىلىرىدىن بۇ ئوقۇغۇچىلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ئىلى فىرىدمەن «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە: «خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، پائالىيەتچى ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرىي ئۆيلىرىگە قايتۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا ماسلىشىپ بەرگەن. بۇ بىز ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇسىز بىر ئەھۋال» دېگەن ۋە خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنى «ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر ۋە پائالىيەت ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

يۇقىرىدىكى بۇ ۋەقە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئىلىم ساھەسىدىكىلەر كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت ۋە ئەمگەك مۇناسىۋەتلىرى فاكۇلتېتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالدى. ئاۋسترالىيە ماككۇۋېرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كېۋىن كوررىكو رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا «كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ناھايىتى ئادىل بولغان بىر ئۆلچەمنى تىكلەپ بەردى»، دېدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارارىنى قوللايمەن. خىتاي بىلەن ھەمكارلىق پروگراممىسى بولغان باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىمۇ خىتايدىكى ئاكادېمىيە ئەركىنلىكى مەسىلىسىگە سەمىمىي پوزىتسىيەدە بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەركىنلىكنى باستۇرۇۋاتقان دىكتاتور ھاكىمىيەت بىلەن ئىلىم ساھەسىدە ھەمكارلىشىشتا ئىلگىرى سەل قارىلىپ كېلىنگەن، ئەمما ناھايىتى ئادىل ۋە زۆرۈر بولغان بىر ئۆلچەمنى قايتا تىكلىدى».

بىراق، «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى قارارغا قارىماي، كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىلىرى خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تۈزۈلگەن باشقا ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى ماگنۇس فىسكەسيۆس ئەپەندى بولسا، «ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرى خىتاي بىلەن بولغان بارلىق پروگراممىلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك»، دەيدۇ. ئۇ، بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر ئىجرا بولۇۋاتقان زور جىنايەتنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا بارلىق ھەمكارلىق پروگراممىلىرىنى تەكرار كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشى كېرەك. شۇنداقلا، يۇقىرىدىكى بۇ ھەرىكەت پۈتكۈل چەتئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئۈندەيدىغان بىر ئويغىنىش سىگنالى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن. چۈنكى بىز ھېچنېمە بولمىغاندەك ئۆز ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇرساق بولمايدۇ».

ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا كۈندىلىك ئېغىر سىياسىي مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىگە ئۇچرىغاندىن سىرت يەنە قىيىن - قىستاققا ئېلىنىش، ئۇيقۇسىز قالدۇرۇلۇش، ئاچ قالدۇرۇلۇشتەك جازالارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ ئىشەنچلىك خەۋەرلەر كەڭ ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە باشقا دېموكراتىك ئەللەردىكى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا زور رول ئوينىدى.

ئۇلارنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنىكى كېۋىن كاررىكو باشچىلىق قىلغان «Xinjiang Initiative»، يەنى «ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلىش گۇرۇپپىسى» ئىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 200 دىن ئوشۇق ئىلىم ئەھلى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرىپ، بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشقان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان 80 دىن ئوشۇق ئىلىم ئەھلىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

كېۋىن كاررىكو ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرى قىممەت قاراشلىرىنى پۇلنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالماسلىقى كېرەك. قانۇنسىز ھۆكۈمەتلەرنى ساختا بولغان قانۇنىيلىق بىلەن تەمىن ئېتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغان بۇنداق پروگراممىلارنى توختىتىۋېتىشنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق» دېدى.