ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، ياشلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرى رامكىسى ئاستىدا خىتايغا بېرىپ ئوقۇماقچى بولغان تىبەت ياكى ئۇيغۇر فامىلىلىك ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
«ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ رولى» تېمىسىدا 30-سېنتەبىر چاقىرىلغان مەزكۇر سۆھبەت يىغىنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان «100 مىڭ كۈچلۈك» فوندى جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى يىللىق دوكلاتىنى تەبرىكلەش، بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ خىزمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېچىلغان.
«100 مىڭ كۈچلۈك» فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى 2009-يىلىدىن باشلاپ سېلىنغان ۋە 2013-يىلى ئەينى چاغدىكى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم تەرىپىدىن رەسمىي ھالدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ فوندى جەمئىيەت ئاساسلىقى تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنى جۈملىدىن ھەر خىل ئىرق، ھەر خىل مىللەتتىن بولغان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنى خىتايچە ئۆگىنىشكە ۋە خىتايغا بېرىپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ۋە ۋە ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان تەشكىلاتتۇر.
بۇ فوندى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان تۇنجى دوكلاتتىن قارىغاندا، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى خىتايدا ئوقۇۋاتقان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلاردىن 12 ھەسسە كۆپ بولۇپ، 2012-2013 ئوقۇش يىلىدا ئامېرىكىدا ئوقۇغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 235 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
بىراق، خىتايدا ئوقۇۋاتقان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بولسا 13 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، مەزكۇر فوندى جەمئىيىتى دەل خىتايدا ئوقۇۋاتقان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، ھەتتا قىسقا مۇددەت ئىچىدە 100 مىڭدىن ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ قۇرۇلغان ئىكەن.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئارا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى شۇنچە مۇھىم؟
سەيشەنبە كۈنى جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىنغا مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە خىزمەتلىرىگە كۈچ چىقىرىۋاتقان ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شەخسلەر قاتنىشىپ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى كېرت كېمپبېل، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مەسلىھەتچىسى ئىۋان مىدېيرۇس، جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتنى باشلىقى داۋىد لەمپتون ۋە «100 مىڭ كۈچلۈك» فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كارولا مېكگىففېرت قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ ھەممىسى سۆزلىرىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ئىككىلا دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئورتاق خىزمەت قىلىش، ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بارلىقىنى، شۇڭا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر-بىرىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدىغان ياشلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھۈلى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى كېرت كەمپبېل ئەپەندىمۇ ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت بىر-بىرىدىن نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىنتايىن پەرقلىق بولغانلىقتىن، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە كۆپىنچە ھاللاردا داۋالغۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، بەزى ۋاقىتلاردا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ۋاقىتلار بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، بىراق پەرقنى ئازايتىپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق يېتىشىپ چىقىۋاتقان ياشلارغا ئېھتىياج بارلىقىنى، ياشلارنىڭ بىر ئۈمىد ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتى بۆلۈمى باشلىقى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھەققىدە نۇرغۇن كىتابلىرى ئېلان قىلىنغان پروفېسسور داۋىد لەمپتون ئەپەندى سۆزىدە ئىككى تەرەپ ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر بىلەن بىرلىكتە كۆرۈلۈۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىدا بىرىنچى بولۇپ كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلە، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى خىتايغا بېرىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. ئىككىنچى بولۇپ، بەزى ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار، يەنى فامىلىسى تىبەتچە ۋە ياكى ئۇيغۇرچە بولغان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار خىتايغا بېرىپ ئوقۇش ئۈچۈن ۋىزا ئالالمايۋاتىدۇ. مانا بۇلار كۆرۈلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردۇر. بىز گەرچە ئومۇمىي جەھەتتىن ئەھۋال ياخشى دەپ ئېيتالىساقمۇ، ئەمما مۇشۇنىڭدەك مەسىلىلەرمۇ يوق ئەمەس ۋە بۇلار چوقۇم ھەل قىلىنىشى كېرەك.
بىز يىغىن ئاخىرىدا، يىغىندىكى سۆزلىگۈچىلەردىن بىرىدىن خىتايدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق باشقا نۇرغۇن بارلىقىنى، شۇڭا بۇنداق ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرىدا مۇشۇ مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش پۇرسەتكە ئېرىشىپ-ئېرىشمەيۋاتقانلىقىنى سورىدۇق.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار بىزگە جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ چوقۇم بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئالدى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يۇقىرىدىكى رايونلارغا ئەۋەتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، ئۇ يۇقىرىدا يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىدا ئامېرىكىدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئىسىملىك ئامېرىكا پۇقراسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزا ئالالمىغانلىقىدەك قىيىنچىلىقلارنىڭ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
يىغىندىكى سۆزلىگۈچىلەر يىغىن ئاخىرىدا ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ ھازىرقى خوڭكوڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
داۋىد لەمپتون ئەپەندى سۆزىدە «خوڭكوڭدىكى بۇ نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبرازى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭلۇقلار بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مەلۇم ئورتاق نۇقتىغا كېلىش ئۈچۈن تىرىشقان تەقدىردە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان «تىنچلىق بىلەن تەرەققىي قىلىش» شوئارىنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولىدۇ، ئوخشاش ۋاقىتتا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى قوشنىلىرىنىڭمۇ ئەندىشىسى ئازىيىدۇ. ئۇنداق بولماي، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى نامايىشقا نىسبەتەن قاتتىق قوللۇق قىلىپ، تارىخنى تەكرارلىغان تەقدىردە خىتاينىڭ ئوبرازى قاتتىق زىيانغا ئۇچرايدۇ. خوڭكوڭدىكى مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرى كۆپ، بىراق مەسىلە، تەرەپلەرنىڭ شۇنى خالاپ-خالىمايدىغانلىقىدا» دېدى.
ئۇ شۇنداقلا خوڭكوڭدىكى ۋەزىيەتنىڭ قانداق نەتىجىلىنىشى تەيۋەنلىكلەرنىڭمۇ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» گە بولغان كۆز قارىشىدا مۇھىم ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.