ئۇيغۇر مائارىپى مەسىلىسى ئامېرىكىدىكى درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ

0:00 / 0:00

مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى چەتئەلدە، يەنى ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم ئىلمىي پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى. مەزكۇر ئاكادېمىيە 8-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئورتاق «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرماقچى.

مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ئامېرىكادا چاقىرىلماقچى بولغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تۈركىيە سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى يىغىن ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسەتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە مائارىپتا دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ چەتئەلدە ئېلىپ بارغان تۇنجى ئىلمىي پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىغىننى ئامېرىكادا ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت بولسا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە خېلى كۆپەيدى. ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىمۇ بۇنىڭغا قاراپ كۆپىيىۋاتىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىمۇ جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلاندى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئامېرىكىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق. مەزكۇر يىغىن بۇ يىل 8-ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكادىكى درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى.»

ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭى چىققان ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنىڭ تەشەببۇسچىلىرىدىن تاھىر ئىمىن قاتارلىق ئون نەچچە ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئىلمىي دوكلات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىغان زىيالىيلارنىڭ كۆپى ئاساسلىقى ئامېرىكادىن بولۇپ، تونۇلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمىز بۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ۋە ئۇلار ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئانا تىلى توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بەرمەكچى.»

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىدىغان درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور رېبەككا كلوتي خانىم خىتاي تىلىنىمۇ ياخشى بىلىدىغان مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ يىغىن ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا خىتاي تىلىدا جاۋاب بەردى. ئۇ بۇ يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا بۇنداق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بىز ئىنتايىن خۇرسەن. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، تۈركىيە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىدۇ، بۇ يىغىن جەريانىدا ئۆزئارا تونۇشۇش، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئامېرىكادىكى ۋەكىلى تېببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ پۈتۈپ قالغانلىقىنى، مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئورنىتىش مەقسىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى، تۈركىيە سىرتىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىن بولۇپ، بۇنىڭ ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىش. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچىلارغا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى چەكلەشلەر توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بېرىش ھەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان تىل-مەدەنىيەت جەھەتتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا، تىل ۋە مەدەنىيىتىمىزگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ۋە قىزىققۇچىلار بىلەن ئورتاق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.»

مەمەت ئىمىن ئەپەندى، 8-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىغا جايلاشقان درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئورتاق ئۆتكۈزىدىغان «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ شەرقىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتنىشىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يىغىن كىشىلەرگە ئوچۇق بىر يىغىن بولۇپ، ئاساسەن ئامېرىكانىڭ شەرقى قىسمىدىكى بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن ئېچىلماقچى. يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغانلاردىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدە تەلەپ ۋە شەرت يوق. شۇڭا بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان ھەر قانداق كىشى قاتنىشالايدۇ. شۇڭا ئىمكانى يار بەرگەن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»

مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان. بۇ ئاكادېمىيە ئۆتكەن 8 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە 24 قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، 13 قېتىم دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، 8-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكادا چاقىرىلىدىغان «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇنىڭ چەتئەلدە چاقىرىدىغان تۇنجى يىغىنى ئىكەن.