ئۇيغۇر زىيالىي: ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە

0:00 / 0:00

ئانا تىلنى قوغداش ۋە جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان پىداكارلارنىڭ قۇربانلىقلىرى بەدىلىگە كەلگەن «خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى» ھارپىسىدا، سىياسەتچىلەر ئارىسىدا باياننامىلەر ۋە نامايىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر جانلانسا، زىيالىيلار ئارىسىدا بەس-مۇنازىرە قانات يايماقتا.

يېقىندا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم زىيالىيلار ئانا تىل ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر قىسىم يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئىچى-سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلنى قوغداش يولىدىكى ئورتاق تەرەپلىرى ۋە پەرقلىق تەرەپلىرى ھەققىدە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قاراخان ئىسىملىك زىيالىينى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.