ئانا تىل كۈنىدە «ئۇيغۇر ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى» چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

22-فېۋرال يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن «5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى» چاقىرىلدى. ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىكلەر جەمئىيىتى يەنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر ئىلمىي تەتقىقاتچىلىرى، دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقانلار بولۇپ 70 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە بىنائەن يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇدىرى ئابلەت تۇران ئەپەندى قىلدى. ئارقىدىن ئۇ، دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ يىغىنغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن ئۇيغۇر دوكتور ئاسپىرانتى مۇيەسسەر ئابدۇلەخەت خانىم «يوقۇلۇۋاتقان تىللار ۋە ئۇيغۇر تىلى» تېمىسىدا، قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى «ئۇيغۇر يېزىقى» توغرىسىدا، بېيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مەغپىرەت كامال يۇنۇسوغلۇ خانىم بولسا «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرى» تېمىسىدا دوكلات بېرىپ ئۆتتى. ئارقىدىن ئۇيغۇر بالىلاردىن مۇھەممەت بەشتوغراق «ئانا تىل» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلغاندىن كېيىن، مەخمۇتجان لىتىپ «ئانا تىل» دېگەن ناخشىنى دۇتار بىلەن ئورۇنلاپ بەردى.

بىز يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇدىرى دوكتور ئابلەت تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، ئۇيغۇر تىلى يوق بولۇش ئالدىدا تۇرمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىش دائىرىسىنىڭ بارغانسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەر يىلى دېگۈدەك بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يىغىندا ئىلمىي دوكلات بەرگەن تىلچى قۇددۇس ھاپىز بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئانا تىلنى قوغداپ قېلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.