گوللاندىيەدىن فىرانسىيەگە بارغان ئۇيغۇرلار: بۇ قېتىملىق پائالىيىتىمىز غەلىبىلىك ئۆتتى

0:00 / 0:00

ئانا تىلنى قوغداش پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيەدىن فىرانسىيەگە بارغان ئۇيغۇرلار، بۇ قېتىملىق پائالىيەت سەپىرىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىم گوللاندىيەدىن 30 نەچچە ئادەم بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن، پەيشەنبە كۈنى يېرىم كېچە سائەت 3 تە يولغا چىقىپ، ئەتىسى جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا، مەزكۇر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلغان زالغا يېتىپ كەلگەن.

ئۇلار، ئۇ يەردە لېكسىيە ۋە دوكلاتلاردىن مەلۇمات ئالغاندىن كېيىن، 2 سائەتكە سوزۇلغان پىيادە يۈرۈش بىلەن پارىژدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا كەلگەن، يول بويى شوئار توۋلاپ، پارىژ كوچىلىرىنى ئۇيغۇر ئاۋازى بىلەن تولدۇرغان، يول ئۈستىدە غىزالانغان، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە سەپەرگە ئاتلىنىپ، شەنبە كۈنى سەھەر سائەت 2 دە مەنزىللىرىگە قايتىپ كەلگەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پىدائىينىڭ مىرەھمەتجان، مەمەت رىشات قاتارلىقلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئاڭلىغايسىزلەر.