ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى يىغىنىدا «ئۇيغۇر ئانا تىلى كومىتېتى» قۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا ئانا تىلدىكى، يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلار خىتايچە مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا «ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى» قۇرۇلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 30 زىيالىي ئىشتىراك قىلدى. 23-24 فېۋرال كۈنلىرى ئىستانبۇل گولدەن مېھمانخانىسىدا چاقىرىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى، ئۇيغۇر مائارىپى دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى قاتارلىق تېمىلاردا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر مائارىپى دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇزاكىرىسى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى» قۇرۇلدى. كومىتېتنىڭ مۇدىرلىقىغا ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سايلاندى. ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بىزگە مۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىندا مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇندىن كېيىن ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش جەھەتتە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى، دەرسلىك كىتابلىرى تۈزىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ خىزمەتنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ قاتناشتى ۋە سۆزلىدى. ئۇ، مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەجرىبىلىك مائارىپچىلارنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى ۋە سەۋىيەلىك يىغىن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قازاقىستان چەتئەلدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مائارىپىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى سانىمۇ كۈنسايىن ئازىيىۋاتقان بولۇپ، يىغىندا بۇ ھەقتىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. قازاقىستاندىن كېلىپ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان قازاقىستاندىكى سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دىلنۇر قاسىموۋا خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

بۇ قېتىمقى يىغىن 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى درىسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ماۋزۇلۇق يىغىندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن چاقىرىلغان مەخسۇس ئۇيغۇر مائارىپى توغرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن ھېسابلىنىدۇ.