مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ۋە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدە بولغان ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىلەر، نۆۋەتتە دائىرىلەر تەرىپىدىن بارغانچە ئېتىبارسىزلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا قارىتا ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانىلار ئورتاق ئاۋاز قوشقان ھالدا ئانا تىل مەدەنىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى.
ئۆتكەن ئاي رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا، ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ھازىرقى زاماندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا خىتاي كلاسسىكلىرى ۋە خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى سەپلىنىشى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. مەزكۇر خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئانا تىل مۇھىتىدا تەربىيىلەش بوشلۇقى ئازىيىپ كېتىۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇرلار قانداق قىلىشى كېرەك دېگەن تېمىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە بىر قېتىملىق مۇنازىرە تېمىسى بولدى.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ۋە ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىلەر رادىيومىز ئارقىلىق ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا ئومۇمىي خەلق كەيپىياتىغا ئايلانغان ئانا تىلنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان نۆۋەتتە گېرمانىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى ئەپەندى، 3 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقاندا ئۆزى ھېس قىلغان ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، دائىرىلەر قاتتىق قوللۇق بىلەن يولغا قويۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى خىتاي تىللىق ئوقۇتۇش ۋە ئىمتىھانلاشقان مائارىپ تۈزۈمى ئوقۇغۇچىلارنى ئانا تىل مەدەنىيىتىدە تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى بالىلىقتىكى تەسەۋۋۇر ۋە مۇستەقىل تەپەككۇردىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ۋە ئىمتىھان ئۈچۈنلا دەرس تەييارلايدىغان كەيپىيات ئومۇملاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىش يولىنى تاللاپ ئانا تىل مائارىپىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئانا تىل يەسلىسى قۇرغىنى ئۈچۈن، دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش، تەقىب ئاستىغا ئېلىنىش قىسمەتلىرىگە يولۇققان، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئانا تىل مەدەنىيەت تەربىيىسى بوشلۇقى تېخىمۇ تارىيىشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئانا تىل مائارىپىنى قوغداش تەشەببۇسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى خىتاي قانۇنىي يول قويغان قانۇن تەرتىپى ۋە مائارىپ مېتودى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى كۈچەيتىش تەلىپىنى قويۇشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ۋە تەخىرسىزلىكىنى بىلدۈردى.
تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت تارىخى ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسىنىڭ ئازايتىلىشى، تېكىستلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا نىسبەتەن، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ھەتتا پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇمىي خەلق كەيپىياتىغا ئايلانغان ئانا تىلنى قوغداش مۇھىتى بەرپا قىلىشنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى قوغداشتا ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلگىرى يۈز بەرگەن بەزى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مىسالغا ئالدى.