گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار، «ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت» كۇرسىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتى

0:00 / 0:00

6‏-ئىيۇل ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، «ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت كۇرسى» نىڭ يېرىم يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە بالىلار يېرىم يىلدىن بىرى ئۆگەنگەنلىرىنى نۇتۇق سۆزلەش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ۋە قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە نامايان قىلدى. جەمئىيەت مەسئۇللىرى مەزكۇر كۇرسنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇكاپاتلىق خاتىرە بۇيۇملىرى تەقدىم قىلدى.

پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلار ۋە تىرىشچان ئۆسمۈرلەر بىرلىكتە ھەمداستىخان بولۇپ ۋە بىر سەپتە بىللە ناماز ئوقۇپ، ئىنتايىن خۇشاللىققا چۆمدى.

«ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت كۇرسى» گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدە تەربىيىلىنىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغاندىن بىرى؛ ئانا تىل، قۇرئان، دىن، ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەت، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئۆگىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىم رامزان مەزگىلىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىر قەدەر ئېغىر سالماقنى ئېگىلىشى سەۋەبلىك، بالىلارنى يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش قارار قىلىنغان ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھانلار ئېلىنىپ، نەتىجىلەر خۇلاسىلەنگەن كېيىن، ئۆسمۈرلەرگە مۇكاپات بۇيۇملىرى تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويۇش مەقسىتىدە، 2‏-ئايدىن باشلاپ رەسمىي دەرس بېرىپ كېلىۋاتقان «ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت كۇرسى» نىڭ 20 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلىرىغا، ئۇلارنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكەن يېرىم يىللىق مۇساپىسىنى خاتىرىلەش ۋە تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

70 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەت، شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 يېرىمدە، 7 ياشلىق ئوغلان ھەمداننىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. مەزكۇر «ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت كۇرسى» نىڭ مەسئۇلى ئۇستاز ئابدۇراھمان قارىھاجىم ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە، قىسقىغىنا بىر نەچچە ئاي ئىچىدە نۇرغۇنلىغان بەدەللەرنى بەرگەنگە چۇشلۇق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا بولسا كېرەك، بالىلىرىمىز ناھايىتى زېرەك ۋە تېرىشچان ئىكەن. چوڭلارغا ئېغىر كەلگۈدەك بىلىملەرنىمۇ ناھايىتى تېز ئىگىلىيەلىدى، دېدى.

ئاندىن مەزكۇر كۇرستا تەربىيىلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەردىن، ئابدۇشۈكۈر «ئەخلاق ھەققىدە چۈشەنچە» دېگەن تېمىدا؛ مېرئەلى سادىق «ئىسلامنىڭ شەرتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى. ئون نەچچە ياشلىق بالىلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى چۈشىنىشلىك ۋە تەرتىپلىك ھالدا بايان قىلالىغانلىقىغا ھەممەيلەن ئاپىرىن ئوقۇدى. كېيىن باشقا بالىلارمۇ گۇرۇپپا ۋە يالغۇز ھالدا سەھنىگە چىقىپ، شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

ئاندىن كېيىن، مەزكۇر كۇرستا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائېت ساھەلەردە بىلىم بېرىپ كېلىۋاتقان ئابدۇرەھىم غېنى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ يېرىم يىللىق ئوقۇتۇش تارىخىدا يەكۈنلىگەن تەجرىبىلىرىنى ئاتا-ئانىلار بىلەن ئورتاقلاشقاندىن كېيىن، ئۆزى تەييارلاپ كەلگەن زېھىن سىناش سوئاللىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن 6 ماھىرنى مۇسابىقىگە سېلىپ، تۆۋەندە ئولتۇرغانلارنىمۇ مول ئۇچۇرلار ئارقىلىق قانائەتلەندۈردى.

ئاخىرىدا جەمئىيەت باشلىقى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بالىلارغا مۇكاپات بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلىپ، يېپىلىش سۆزى قىلدى.