«ئانا تىل ئىنقىلابى»نىڭ باش-ئاخىرى ---تۇتقۇنلارنىڭ كەچمىشلىرى (1)

0:00 / 0:00

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ باشچىلىقىدىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش غەرىزىنىڭ يەنە بىر قېتىم تولۇق ئاشكارىلىنىشىدۇر.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ قانۇن سىزىقىدىن قىلچە چەتنىمەي ئىش قىلغان تۇرۇغلۇقمۇ، يەنە خىتايلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۇرمىغا تاشلانغان زىيالىيلارنىڭ ئانا تىلدا مەكتەپ قۇرۇش جەريانىدا يولۇققان قىسمەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەك تەقدىرىدىن روشەن بېشارەت بېرىپلا قالماي، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىدىنمۇ ئوچۇق مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۇيغۇر ئانا تىلىدا يەسلى، باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپ ھەتتا زامانى كەلگەندە كەسپىي مەكتەپلەرنى قۇرۇش غايىسى بىلەن يولغا چىققان ئابدۇۋەلى ئايۇپ باشچىلىقىدىكى بىر بۆلەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ 20-ئاۋغۇست كۈنى بىراقلا قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرىنىڭ راستلىقى، بۈگۈنگە قەدەر خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ياكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىدىغان بىرمۇ ئۇچۇرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى بىلەن ئىسپاتلاندى.

خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نىقابى ئاستىدا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى يەكلەش ۋە يوقىتىش سىياسىتىدىن نارازى بولغان مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق، دىليار ئوبۇل قاتارلىق بىر بۆلەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرى 2012-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ بىر ئارىغا كېلىپ، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى، خەلق پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قورال قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا دەسلەپكى قەدەمدە ئانا تىلىدا يەسلى قۇرۇش ئىشىنى باشلىغان. ئانا تىل يەسلىلىرىنى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىن باشلاپ بارلىق ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇش، ئارقىدىن ئانا تىلدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ھەتتا كەسپىي تېخنىكوم ھەمدە ئالىي مەكتەپلەرگە قەدەر قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا غايىب بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى-ماھىيەتتە خىتايلار تەرىپىدىن غەرەزلىك ھالدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆز مىللىتىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولغانىدى.

«خەلقئارا ئانا تىل ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى»نى مەركەز قىلغان ھالدا ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش پائالىيىتىنىڭ دەسلەپكى خەۋىرى، ئۆز ۋاقتىدا، ھازىر تاقىلىپ قالغان باغداش قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشىپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر چاقىرىققا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانى 30 مىڭدىن، كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 500 مىڭدىن ھالقىپ، توربەت ئەھلى تىلغا ئالغاندەك، ئۇيغۇر ئىلىدا «ئانا تىل ئىنقىلابى» نىڭ سىگنالىنى چالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بار ئىمكانلىرى بىلەن جىددىي قانات يايدۇرۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ»قا تۈپتىن قارشى قوزغالغان بۇ دولقۇن، مۇقەررەركى، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

تاقىلىپ قېلىشتىن ئىلگىرىكى باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغان «ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش قەدەملىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا بايان قىلىنىشىچە، 2012-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزى ئىگە بولۇپ، قەشقەردە قۇرغان «نۇرخان ئانا تىل مەكتىپى»نى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش ئىشى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچىدە رەسمىي باشلاندى. 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، «خەلقئارا ئانا تىل ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى»نىڭ قانۇنىي ۋەكىلى دىليار ئوبۇل (قانۇنىي ۋەكىلى) قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى تولۇق بېجىرىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ، مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ليۇ ئىسىملىك خىتاي ئايالغا ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا ئانا تىل يەسلىسى قۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، ليۇ ئىسىملىك ئايال كەسكىنلا قىلىپ «قۇرۇشقا بولمايدۇ، دۆلەت قانۇنى يول قويمايدۇ» دەيدۇ. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى مەزكۇر ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىق رۇستەمگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندە، رۇستەم ئىككىلەنمەيلا ئىلتىماس يېزىپ كېلىشنى بۇيرۇيدۇ. دىليار ئوبۇل 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىلتىماسنى تاپشۇرغاندا، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى رۇستەم ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە دىليارنى 4 كۈندىن كېيىن كېلىپ، جاۋاب ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. «ئانا تىل بالىلار باغچىسى قۇرۇش ئىلتىماسى» ناملىق بۇ ئىلتىماس، كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نۇرغۇن ئىدارە، جەمئىيەتلەرگە يوللىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا يوللانغان مەزكۇر ئىلتىماستا شۇنداق ئىبارىلەر يەر ئالغان:
‏-ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، مەركەز ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. گەرچە دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشۈرگەن «يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ناملىق 201313-نومۇرلۇق ھۆججەتتىلا بۇندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئوقۇش يېشىدىن بىر يىل بۇرۇنقى يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى 80% كە يەتكۈزۈش پىلانلانغان بولسىمۇ، 2013-يىلغىچە مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر، قازاق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالى قانائەتلىنەرلىك ئەمەس. مەسىلەن؛ سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن ئولتۇراق رايونىدا 320 دىن ئارتۇق يەسلى يېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلار يەسلى مائارىپى بىلەن ئۇچرىشالمايۋاتىدۇ ياكى ئۇلار ئەسلىھەلىرى ئۆلچەمسىز، رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغان، شارائىتى ناچار يەسلىلەردە تەربىيىلىنىشكە مەجبۇر بولماقتا. تەڭرىتاغ رايونىغا تەئەللۇق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىمۇ بۇنداق مەسىلىلەر ئېغىر بولماقتا. بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزچە، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىدا يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى قىيىنچىلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۇيغۇر، قازاق مىللەتلىرى خەلقى خەنزۇلارغا ئوخشاشلا مەدەنىيەتلىك، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق. بۇ يەنە نوقۇل ئىقتىسادىي مەسىلىگىمۇ چېتىشلىق ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ رېئاللىقى يېتەرلىك ئېتىبارغا ئېرىشەلمىگەن، دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە يەسلى مائارىپ ئەندىزىسىنىڭ بارلىققا كەلمىگەنلىكىدىن چىقىۋاتقان مەسىلىدۇر. بىز مانا بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى سۈپەتلىك يەسلى مائارىپىدىن بەھرىلەندۈرۈش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ مائارىپ قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش مەقسىتىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراۋى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقراۋى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ ئىجارە نىزامنامىسى، يەسلى مائارىپىنىڭ يېتەكچى مەزمۇنى، يەسلى خىزمىتى بەلگىلىمىسى، يەسلىلەرنى باشقۇرۇش قائىدىسى، 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى، پۈتۈن كۈنلۈك ۋە ياتاقلىق يەسلىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمى، يەسلى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ لايىھىلىنىش ئۆلچىمى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بېسىپ تارقاتقان پۇقراۋى مەكتەپلەرنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش قوللانمىسىنىڭ يەسلىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئەتراپلىق تەييارلىق ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بۇ ئىلتىماسنى ھازىرلىدۇق.

ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرماقچى بولغان ئۇيغۇر پىداكارلىرى گەرچە شۇنچە كۆپ قانۇنغا تايانغان بولسىمۇ، قانۇننى ئۆزلىرى باش بولۇپ دەپسەندە قىلىدىغان قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلالمىدى. پروگراممىمىزنىڭ كېلەركى قىسمىدا، ئۇلار يولۇققان قىسمەتلەر توغرىلىق مەلۇمات بېرىمىز.