«ئانا تىل ئىنقىلابى»نىڭ باش-ئاخىرى‏- تۇتقۇنلارنىڭ كەچمىشلىرى (2)

0:00 / 0:00

ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىللىرىدا مەكتەپ ئېچىش دولقۇنى قوزغىغان بىر بۆلەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ 20-ئاۋغۇست قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپلا قالماي، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى چەكمەكتە.

خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مائارىپ قانۇنىغا بىنائەن تۈزۈپ چىقىلغان «پۇقرالار مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» 2002-يىلى 28-دېكابىر 9-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تەستىقتىن ئۆتۈپ، دۆلەت رەئىسىنىڭ 80-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇندىكى 8 باب، 56 ماددىنىڭ ھەممىسىدە پۇقرالارنىڭ مەكتەپ ئېچىشىغا يول قويۇش، مەكتەپ ئاچقانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش، دۆلەت ۋە كوللېكتىپ ماددىي ھەم مەنىۋى تەرەپلەردىن قوللاش، ياردەمدە بولۇش كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، بۇ قانۇننىڭ ھېچبىر ماددىسىغا خىلاپلىق قىلمىغان مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يەنىلا تۈرمىگە تاشلاندى.

باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغان «ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش قەدەملىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا بايان قىلىنىشىچە، 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئانا تىل شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى دىليار ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يەسلى قۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى رۇستەم، 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنىگە كەلگەندە سۆزىدىن يېنىۋېلىپ، ئانا تىلدا يەسلى قۇرۇش قانۇنغا خىلاپ بولمىسىمۇ، سىياسەتكە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «سىلەرگە رۇخسەت قىلساق، سىياسەتكە زىت بولغان يەسلىلەرمۇ بەس-بەستە قۇرۇلۇپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئېقىمنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىدارە باشلىقىنى ئىزدەڭ!» دېگەن. 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 4 - كۈنى دىليار ئەپەندى مائارىپ نازارىتىگە بېرىپ، نازىر تۇرسۇن ئىبراھىم بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن جاۋاب تەلەپ قىلغان. تۇرسۇن ئىبراھىم بولسا «كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ ياخشى بولغۇسى. سىز ئەۋەتكەن تورنى كۆردۈم. ھەرقانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولغاندەك، ھەممىگە ماس مائارىپ شەكلىمۇ بولمايدۇ. تاللاش ۋاز كېچىشتىن دېرەك بېرىدۇ. سىزنىڭچە، قوش تىللىق مائارىپ زىيانلىقمىدۇ؟ تىل قورال دېمەكتۇر. بىر تىلنى ئارتۇق بىلىش، بىر پۇرسەتنىڭ ئارتۇق بولغىنى ئەمەسمۇ؟» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئانا تىلدا يەسلى قۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلەر داۋامىدا، دىليار ئوبۇل ئەپەندىلەر ئۈرۈمچىدىكى يەسلى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىدارە-ئورگانلارغا ئېرىنمەي قاترايدۇ. بەزىلەر «ئۇيغۇر تىلىدا يەسلى قۇرۇش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرسە، بەزىلىرى «قانۇن يول قويمايدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلىرى «سىياسەت يول قويمايدۇ» دېسە، بەزىلىرى «قوش تىللىق بولمىسا، يەسلى قۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، بۇ خۇسۇستا مەخسۇس ھۆججەت بار» دېگەن. يەنە بەزىلىرى بولسا «بۇ ھەقتە ھېچقانداق ھۆججەت يوق» دېگەن. قىسقىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ ئاپپاراتىدىكى ئورگانلاردا، ئۇيغۇر تىلىدا يەسلى قۇرۇشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، بەزى سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىن مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. مەسىلەن: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭچۈن ئانا تىل شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى دىليار ئەپەندىگە «بالىلار باغچىسى قوش تىللىق بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىتى شۇنداق. ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان يەسلى قۇرۇشقا دۆلەت قانۇنى يول قويمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مەخسۇس ھۆججىتى بار» دېسە، 15-ئۆكتەبىر كۈنى مائارىپ نازارىتى ئاساس مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دىلشات «يەسلىلا ئەمەس، ھەتتا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ ئانا تىلدا ئوقۇتۇشنى چەكلىگەن ھېچقانداق ھۆججەت چۈشۈرمىدۇق» دېگەن. يەنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى يەسلى قۇرۇش ئىشىدا ھەركىم ئۆزى بىلگەننى سۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ، مۇمكىن قەدەر ئانا تىل يەسلىسى قۇرغۇچىلارنى زېرىكتۈرۈپ، بىزار قىلىپ ۋاز كەچتۈرۈشنىڭ يولىنى تۇتقان.

ئەمما، ئانا تىل پىداكارلىرى ئۆز ئەقىدىلىرىدىن ۋاز كەچمىدى. 2012-يىلى 27-دېكابىر كۈنى، مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن ئانا تىل شىركىتى خادىملىرى ئاقساراي مېھمانخانىسىدا سۆھبەت قۇرۇپ، ئانا تىلدا يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قۇرۇش ئىشىدا يەنە بىر قېتىم ھەرىكەت بىرلىكى، پىكىر بىرلىكى، تىل بىرلىكى شەكىللەندۈردى. ھالبۇكى، 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنىگە كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن باغداش تورىدا قىزىق بەس-مۇنازىرىلەر قوزغاۋاتقان «ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا»دېگەن تېما ئۆچۈرۈپ تاشلاندى. «ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش قەدەملىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا بۇ ھەقتە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىنكاس يازغىلى بولمايدىغان قىلىپ تاقاپ قويۇلدى. نەتىجىدە تېما چۆكۈپ، مۇنبەردىن ئاستا-ئاستا يوقالدى» دەپ بايان قىلىنغان. 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن بۇ تېما تاقاپ قويۇلغاندىن كېيىن، 10-يانۋار كۈنى «بالىلارنى دەپ يول ئالدۇق» دېگەن تېما ئېچىلدى ھەمدە يەسلى قۇرۇش مۇساپىسىدىكى يولۇققان ۋەقەلەر ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىنىپ تۇرۇلدى. 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن، بۇ تېمىمۇ باغداش تورىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلاندى. لېكىن، 3-مارت كۈنى «ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش يولىدا» ناملىق يەنە بىر يېڭى تېما ئېچىلىپ، يەسلى قۇرۇش خىزمىتىنىڭ جەريانىنى ئاشكارىلاش داۋاملاشتى. بۇلاردىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يەسلى قۇرۇش ئىشىدىن قايسى دەرىجىدە چۈچۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2012-يىلى 7-سېنتەبىر باشلانغان ئانا تىلدا يەسلى قۇرۇش ھەرىكىتى 2013-يىلى 20-ئاۋغۇست ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق، دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قولغا ئېلىنغانغا قەدەر، مائارىپ نازارىتىدىن تارتىپ بىخەتەرلىك نازارىتىگىچە، مائارىپ ئىدارىسىدىن ساقچى ئىدارىسىگىچە، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن رايونلۇق ھۆكۈمەتكىچە بولغان نۇرغۇنلىغان ئورگانلارغا چېتىلغان ئىدى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئانا تىلدا يەسلى قۇرۇش ھەرىكىتىگە قارىتا ئاشكارا توسقۇنلۇقى ۋە تەھدىتلىرى توغرىسىدا كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا مەلۇمات بېرىمىز.