د ئۇ ق نىڭ ئافغانىستاندا ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش پىلانى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

ئافغانىستاندا پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئۆمەرجان تۈنۈگۈن كابۇلدىن بەدەخشانغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ بەدەخشان سەپىرىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كابۇلدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىغا چارە ئىزدەش ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەت پىلانىنىڭ بىر قىسمى، شۇڭا قۇرۇلتاي ۋەكىلى ئۆمەرجاننىڭ كابۇلدىكى مەزكۇر پىلانىنىڭ مۇھىم قەدەملىرىدىن بىرى بولغان ئانا تىل مەكتىپى ئېچىشقا مەركەزلەشكەن ۋە بۇ پىلان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

قۇرۇلتاي ۋەكىلى ئۆمەرجان مازارىشېرىپتىن كابۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال كابۇلدىكى ئۇيغۇر دۇكاندارلارنى يوقلىغان، ئارقىدىن ئاكتىپ ياشلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى بىر جايغا توپلىغان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرىدىن مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۇلارنى قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە خانىم بىلەن تېلېفوندا ئۇچراشتۇرغان. بۇ ئۇچرىشىشتىن رىغبەتلەنگەن ئۇيغۇر ياشلىرى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشلىرىنى جامائەتچىلىك سەۋىيەسىدىن تەشكىلاتچىلىق سەۋىيەسىگە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇلار غىياس ئەخمەت ئىسىملىك بىر ياشنى ئۆزلىرىگە يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىگەن. رابىيە خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ۋە قۇرۇلتاينىڭ ئانا تىل مەكتىپى پىلانىدىن مەمنۇن بولغان كابۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش قۇرۇلتاينىڭ ئافغانىستاندىكى خىزمەت پىلانىنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ، ئافغانىستاندا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قۇرۇش، ئىشخانا تەسىس قىلىش، قېيىن ئەھۋالدىكىلەرنى مۇۋاپىق دۆلەتلەرگە يۆتكەش قۇرۇلتاي ئويلىشىۋاتقان كېيىنكى خىزمەتلەردۇر.