2018-يىلى 18-فېۋرال كۈنى بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپ شەھىرىدە ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىدىغان دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلىدى.
پائالىيەتتە مەزكۇر شەھەر ۋە يىراق يېقىندىن كەلگەن ئۇيغۇر بالىلار ئۇسسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتتى، شېئىر، نەسىر، مەسەل، چۆچەكلەرنى ئوقۇدى ۋە بالىلار درامىسى ئورۇنلىدى. پائالىيەتتە چوڭلارمۇ نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بالىلارغا ئۈلگە بولدى. خاتىرىلەش پائالىيىتىنى «ئانا تىل گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتالغان بېلگىيەدىكى ياش ئاتا-ئانىلار تەشكىللىگەن بولۇپ ئۇلار 2018-يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن مەزكۇر پائالىيەتنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.
مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللەشكە كۈچ چىقارغان، بالىلارغا پىداكارلىق بىلەن ئانا تىل ئۆگىتىشنى 2017-يىلى يازدىن باشلاپ دەرسخانىدا ۋە توردا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بېلگىيەدىكى ئاكتىپلاردىن دىلنۇر ئالىم خانىم ئەھۋال تونۇشتۇردى.
ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش پىلانى بېلگىيەدىكى «ئاتا-ئانىلارنىڭ ئايلىق سۆھبىتى» دەپ ئاتىلىدىغان يىغىلىشىدا بىخلانغان بولۇپ، «ئانا تىل گۇرۇپپىسىدىن» ئېلى پەرۋازچى ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.
پائالىيەتتە رىياسەتچىلىكنى بالىلار ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ راۋان ئۇيغۇر تىلىدا دوستلىرىنى نومۇر ئورۇنلاشقا چاقىرىشلىرى ۋە چوڭلارنى سۆزگە، سەھنىگە تەكلىپ قىلىشلىرى چاۋاكلار بىلەن ئالقىشلاندى.
بۇ پائالىيەتتىكى ئاكتىپ ئىشتىراكچى قىزچاق نەرگىزە ئازاد شاتلىق مىنۇتلىرىدىكى تۇيغۇلىرىنى بىز بىلەن مۇنۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئورتاقلاشتى.
بۇ بېلگىيەدىكى تۇنجى قېتىملىق ئانا تىل پائالىيىتى بولۇپ نومۇر ئورۇنلىغان بالىلارلا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالماي پائالىيەتنى تەشكىللىگەن پىداكارلارمۇ ئاتا ئانىلار تەييارلىغان ھەدىيەلەر بىلەن تارتۇقلاندى.
ئانا تىل پىداكارلىرىدىن ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندى پائالىيەتنىڭ جەريانى ھەققىدە توختالدى.
ئانا تىل پائالىيىتى ئانتۋېرپ شەھىرىدىكى تۈركلەرنىڭ تەشكىلات زالىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇ ئورۇننى ئۇقۇشقان ۋە پائالىيەتنى تەشكىللەشكە كۈچ چىقارغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن گۈلنىسا تايىپوۋا خانىم ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
ئانا تىل پائالىيىتىدە نومۇرلارنى تەشكىللەشتە قىسمەن قىيىنچىلىقلار يۈز بەرگەن بولۇپ ئاساسلىقى بالىلارنىڭ مۇقىم يىغىلىش ئورنى بولماسلىق، ئاتا ئانىلارنىڭ پوزىتسىيەسى ئەستايىدىل بولماسلىق، تەييارلىق ۋاقتى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلار ئىكەن.
ھالبۇكى پائالىيەتتىكى ئۇتۇق ئاتا-ئانىلارنى ھاياجانغا سېلىپ پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان. بۇ ھەقتە بالىلارنىڭ ئانا تىل يېتەكچىسى دىلنۇر ئالىم خانىم خۇشاللىقلىرىنى بايان قىلدى.
بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئانا تىلنى پىششىق ئىگىلىشى ئۈچۈن بۇندىن كېيىن قانداق پىلانلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا دىلنۇر خانىم بۇلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500 دىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپرەكى قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، ئۇلاردىن رىسالەت ئارىپوۋا خانىم 2017-يىلنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدىن كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىنغان ئانا تىل دەرسلىكى ئەۋەتكۈزۈپ بالىلارنى تەربىيەلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، مۇۋەپپەق بولالمىغان. شۇ يىلى يازدا بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپ شەھىرىدە ئانا تىل گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققان ئۇيغۇرلار يەنە بىر قېتىم باش قوشۇپ تەتىللىك ئانا تىل كۇرسى ئاچقان، ئەمما داۋام قىلالماي قالغان. ئىگىلىنىشىچە، بېلگىيە ئۇيغۇرلىرى بۇندىن كېيىن مۇقىم بىر ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇپ چىقىشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00