قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 9-ئاينىڭ 24-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھېرىدە خەيرى-ساخاۋەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بولغان، قۇربانلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان 400 ئائىلىگە قۇربانلىق گۆش تارقىتىلدى. گېرمانىيەدىن كەلگەن خەيرى-ساخاۋاتچىلەر بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇش تەشەببۇسىنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل قۇربان ھېيت ھارپىسىدا گېرمانىيەدىكى «شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى»نىڭ رەھبىرى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، گېرمانىيەدىكى تۈرك قېرىنداشلار تەرىپىدىن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادى ياردەم بېرىلگەن ھەمدە بۇ ياردەم قىرغىزىستانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەر، «ئالامىدىن» مەسچىتىنىڭ ئىمامى مىرزا ھاجىم قاتارلىقلار ياشلارنى تەشكىللەپ 100 دانە قۇربانلىق قوي تەييارلىغان ئىدى.
24-سېنتەبىر كۈنى قۇربان ھېيت نامىزىدىن كېيىن، بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاقساقاللار ھەمدە ھەر قايسى مەھەللىلەرنىڭ يىگىت باشلىرى «لىبىدىنوۋكا» مەھەللىسىگە جەم بولۇپ، گېرمانىيەدىن كەلگەن تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ۋەكىلى رەجەپ ئاتەش ئەپەندىنىڭ قاتنىشىشىدا تەييارلانغان قۇربانلىق قويلارنى سويۇپ، تۇرمۇشىدا ئېغىر قىيىنچىلىقى بارلار، مىيىپلار ھەمدە ياشانغانلارغا تارقىتىپ بېرىلدى.
قۇربانلىق سويۇش پائالىيىتى جامائەتنىڭ كوللېكتىپ تەكبىرى بىلەن باشلاندى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان «ئالامىدىن»مەسچىتنىڭ ئىمامى مىرزا ھاجىم مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائاللا بۇ قېتىمقى خەيرى-ئىھسان پائالىيىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى بولغان ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندىنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىغا قىلغان ياردەملىرىنى قوبۇل قىلسۇن. خەيرى-ئېھسان ساھىپلىرىغا ئاللا تائاللا ئۆز دەرگاھىدىن ساۋاپ-ئەجىرلەر ئەيلىسۇن».
«ئىتتىپاق»جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەر نۆۋەتتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «قىرغىزىستاندا ياش ئەۋلادلىرىمىز ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا، گېرمانىيەدىكى تۈرك قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ قىرغىزىستاندا بىر ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپ ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇۋىلىشىمىزغا ياردەم بەرگەن بولسا.»
گېرمانىيەدىن كەلگەن رەجەپ ئاتەش ئەپەندى پائالىيەت داۋامىدا سۆز قىلىپ،«شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى»نىڭ رەھبىرى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندىنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىغا ئۆز ئانا تىلىدىكى مەكتەپ قۇرۇپ بېرىش تەشەببۇسىنىڭ تۈرك قېرىنداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىغا بولغان ياردىمى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. بىز ئابدۇجېلىل ئەپەندىنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىغا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپ قۇرۇپ بېرىش تەشەببۇسىنى قوللايمىز. ئاللاھ خالىسا، يېقىن كەلگۈسىدە قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر مەكتەپ قۇرۇلغۇسى.»