ياۋرۇپادىكى تۈركلەر: «ئانا تىل سۈت بىلەن كىرىدۇ»

0:00 / 0:00

«ئانا تىل سۈت بىلەن كىرىدۇ، تۈرك تىلىنى بالىلارغا ئۆگىتىشتە ھەر بىر ئانا ئوقۇتقۇچى،» دېدى بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئەرگۈن.

ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ ئانا تىلىنى قانداق قوغداپ قالغانلىقى ھەققىدە شۇ يەردە ياشاۋاتقان تۈركلەر، ئۇيغۇر سىياسەتچىلەر ۋە ئەدىبلەر بىلەن قىلىۋاتقان سۆھبىتىمىز بىزنى نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. سۆھبەت جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپ شەھىرىدە ياشاۋاتقان تۈرك ياش ئەرگۈن ئانىلارنىڭ تۈرك بالىلارغا ئانا تىلنى قانداق ئۆگەتكەنلىكىنى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ تۈركچە تىلىنى چىقىرىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن بالىلارنى يەسلىگە بەرمەي ئۆيدە تەربىيەلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ياۋروپادىكى يەسلى مائارىپى بالىلارنى ئانا تىلدىن مەھرۇم قويىدىكەن. ئەرگۈننىڭ ئانىسى ئۇنى يەسلىگە بەرمەي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا ساۋاتىنى چىقىرىپ بولغان بولۇپ، نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ بەرگەن ئىكەن. ئۇ ئائىلىدە بالىلارغا ئانا تىلدىكى كىتابلارنى ئوقۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى ئانا تىلنى قوغداپ قېلىشتا تۈرك ئانىلارنىڭ ئائىلىدە قانداق پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تۈركلەرنىڭ ئۆملىشىپ بىر يەرگە يىغىلىپ ياشىغىنى، ئائىلىلەردە تۈركچە مۇھىت يارىتىپ بالىلارغا شارائىت ياراتقىنى، بارغانلا يېرىدە تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ تىل كۇرسلىرىنى تەشكىللىگىنى ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن ئامىللار ئىكەن.

گېرمانىيەدە ياشايدىغان يازغۇچى ئابرال ئەپەندى تۈركلەرنىڭ ئانا تىلنى قانداق ساقلاپ قالغانلىقى ھەققىدە بايقىغانلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ پىداكارلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا تىزدى. ئۇنىڭ كۆزىتىشىچە، تۈركلەر گېرمانىيەنىڭ نەرىدە ياشىسۇن، قانچە كىشى بولسۇن، بىر تەشكىلات قۇرۇپ ئانا تىل كۇرسلىرىنى ئېچىشتا مىختەك چىڭ تۇرغان. تۈركلەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۆز مىللىتىگە بولغان ساداقىتى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ھەممىلا يەردە ئانا تىلىنى پەخىرلىنىپ سۆزلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىكەن. تۈركلەر بۇ مىللىي ئىپتىخارلىقنى ئانا تىلدىكى ئەسەرلەر ئارقىلىق بالىلارغىمۇ سىڭدۈرگەن.

تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى ئۇلار ئىگىلىگەن سۆزلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بالىلار بىلىدىغان سۆزلۈكى قانچە كۆپ بولسا ئويلىيالايدىغان ئىش، ھادىسە ۋە ۋەقەلەرمۇ كۆپ بولىدىكەن. ئادەتتە ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان سۆزلۈك ئىنتايىن چەكلىك، ئاددىي ۋە تەكرار بولۇپ، بالا ئائىلىدە مۇشۇنداق ئاددىي سۆزلۈكلەر ئىچىدە چوڭ بولۇپ تۇرمۇش سۆزلىرىنى ئۆگەنسە، ھەر قانچە راۋان سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ ئانا تىلنى پۇختا بىلگەن ھېسابلانمايدىكەن. ئاتا-ئانا بالا بىلەن كۆپ پاراڭلىشىپ بەرمەي تۇرمۇشتىكى ئاددىي سۆزلەرنى قىلالىغان بالىنى ئانا تىلنى بىلىدۇ، دەپ قارىسا خاتالاشقان بولىدىكەن. شۇڭا بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش، بىرلىكتە كىنو كۆرۈپ مۇنازىرە قىلىش، جاھان يېڭىلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇزېي، كۆرگەزمە ۋە بايراملارغا بالىلارنى ئېلىپ بېرىپ ئانا تىلدا چۈشەنچە بېرىش قاتارلىقلار بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنى كۈچلەندۈرىدىكەن.

بالىلارنىڭ ئانا تىل تەرەققىياتى 13 ياشتا تاماملىنىدىغان بولغاچقا مۇشۇ ياشقا يەتكۈچە بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئانا تىل ئۆگىتىش مۇھىم دەپ قارىلىدىكەن. گەرچە بۇ ياشقىچە كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىق نەتىجىسىدىمۇ بالىلار بىلمىگەندەك، ئۆگەنگەننى ئىپادە قىلالمىغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن خاتىرىسىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدىكەن ۋە پۇرسەت كەلگەندە ئاپتوماتىك ئىشلىتەلەيدىكەن.