ياۋروپادىكى تۈركلەر ئانا تىلىنى قانداق ساقلاپ قالدى

0:00 / 0:00

«ئائىلە، مەكتەپ ۋە مەسچىت تەربىيىسى ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قالدۇق،» دەيدۇ بېلگىيەدىكى تۈرك ياشلار.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئائىلىلەردە قەتئىي تۈركچە سۆزلەش، مەكتەپتە چوقۇم تۈركچە دەرس تەسىس قىلىش ھەمدە مەسچىتنى بىر دىنىي ئىبادەت سورۇنىلا ئەمەس، بەلكى مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۇدۇملارنى ساقلاش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش-ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى 3 ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدىكەن.

بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپ شەھىرىدە ياشاۋاتقان تۈرك ياشلاردىن ئەرگۈن بىلەن جانەر تۈركلەرنىڭ بېلگىيەدە ئانا تىلىنى قانداق ساقلاپ قالغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇلار، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئانا تىل سۆيگۈسى، تارىخ ئېڭى ۋە مەدەنىيەت چۈشەنچىسى سىڭدۈرۈشتىكى بىرىنچى قەدەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

جانەر بىلەن ئەرگۈن بېلگىيەدە مائارىپنى فىرانسۇزچە كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپتە يەنە تۈركچە دەرس ئاڭلاش پۇرسىتىگىمۇ نائىل بولغان ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئۇلار يەنە ئانتۋېرپتىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى قۇرغان مەسچىتلەردە ھەپتە ئاخىرىدا ئېچىلغان كۇرسلاردا تۈرك بالىلار بىلەن بىللە تۈركچە، مۇزىكا، ئەبرۇ (تۈركلەرگە خاس رەسساملىق شەكلى)، خەلق ئۇسۇلى قاتارلىق دەرسلەرنى ئوقۇغان ئىكەن. ئۇلار ئانا تىلنى قوغداشتا يۇقىرىقىدەك تەشكىللەش ۋە تەشكىللىنىشنىڭ رولى ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ئابرال ئەپەندى گېرمانىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش تەجرىبىلىرىدىن ھېس قىلغان ۋە كۆرگەنلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ تۈركلەرگە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكى، مەخسۇس تۈركچە دىنى دەرس ئۆتىدىغان ۋە ئىماملىق قىلىدىغان خادىم ئەۋەتكەنلىكى، تۈرك كۆچمەنلەرمۇ دىنىي ۋە سىياسىي چۈشەنچىلىرى نېمە بولسا بولسۇن ئانا تىلنى قوغداشتا مۇرەسسە قىلمىغانلىقى، ئىزچىل تۈركىيەدىن توي قىلىپ كەلگەنلىكىنىڭمۇ ئانا تىلنى قوغداپ قېلىشتا مۇھىم ئامىل بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى تۈركلەرنىڭ ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئىلىمگە، زامانغا ۋە گېرمانىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ تۈركلەرنىڭ ئانا تىل ئۆگىتىشتە ئاۋۋال يېزىق ئۆگىتىشنى ئەمەس، تۈرك مەدەنىيىتىدىن ساۋات بېرىش، تۈرك سەنئىتىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇش، تۈرك ئۇسۇلىغا قىزىقتۇرۇشنى چىڭ تۇتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭچە، تۈرك بالىلارنىڭ گېرمانىيە جەمئىيىتىگە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ نامايان قىلغۇچىسى، تۈرك سەنئىتىنىڭ ئىجراچىسى بولۇپ تونۇلۇشى بالىلاردا ئۆز مىللىتىگە سۆيگۈ يېتىلدۈرۈپلا قالماي، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشەنچ شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ گېرمانىيە جەمئىيىتىدە ئۇتۇقلۇق ئەۋلاد بولۇشىغا تۈرتكە بولغان ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ياۋروپادا 3 مىليوندىن ئارتۇق تۈرك ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن غېرىبى ياۋروپا ۋە شىمالى ياۋروپادىكى ئەللەرگە تارقالغان. تۈركلەر 1960-يىللاردىن باشلاپ گېرمانىيەگە كېلىشكە باشلىغان. ئۇلار گېرمانىيەگە مەھەللە-مەھەللە بويىچە كۆچۈپ كەلگەن بولغاچ بىرىنچى ئەۋلاد تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ئانچە زور قىيىنچىلىق تارتمىغان. گېرمانىيەمۇ تۈركىيە بىلەن ئاڭلىشىپ تۈرك ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن. ھازىر گېرمانىيەدە 600 دىن ئارتۇق قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويغان مەكتەپ بولۇپ، تۈركچە باشلانغۇچلاردا ئوقۇتۇش تىلى قىلىنغان.

تۈركىيە دۆلىتى ھەر يىلى ياۋروپاغا 1500 تۈرك تىلى ئوقۇتقۇچى ۋە 1500ئىمام ئەۋەتىپ تۈركلەرنىڭ دىنى ۋە تىلىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەمدە بولغان. تۈركلەر ياۋروپاغا كۆچكەندە ۋىلايەتلەرنى بىرلىك قىلىپ كۆچكەن بولغاچقا ئۆملىشىپ پائالىيەت قىلىشتا قىينالمىغان. مەسىلەن، بېلگىيەگە تۈركلەر ئافيوندىن كۆچكەن بولسا، شىۋېتسىيەگە كونيادىن كۆچكەن. تۈركىيە بىلەن ياۋروپانىڭ ئىزچىل ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلىشى سەۋەبلىك تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتەن بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلمىگەن، ئاساسەن ئۆز يۇرتىدىن تويلاشقان. ھەر تەتىلدە تۈرك بالىلار ئەسلى ۋەتىنىگە قايتىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە جەلپ قىلىنغان. ئۇندىن باشقا، تۈركىيەنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى، تۈركچە يېزىقچىلىق مۇسابىقىسى، مۇھاجىرەتتىكى تۈركلەرنىڭ مەدەنىيەت فېستىۋالى قاتارلىق پائالىيەتلەرمۇ تۈرك مۇھاجىرلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىغا ھەسسە قوشقان ئىكەن.