تۈركىيەدە ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن قەھرىمانلارنى تۈرك بالىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن قەھرىمانلار توغرىسىدا رەسىملىك كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇرۇشقا باشلاندى. مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «2013 نەشرىياتى» دەپ ئاتالغان نەشرىيات «بەن دىلشات خاتۇن» نامىدا 18-ئەسىردە ئۆتكەن ئىپارخاننىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان بالىلار رەسىملىك كىتابى نەشر قىلغان.
مەزكۇر نەشرىيات بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس رەسىملىك كىتاب چىقىرىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە تۈرك تارىخىدا ئۆتكەن نۇرغۇن قەھرىمانلارنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان رەسىملىك كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان. بۇ نەشرىيات 31-ئاۋغۇستتىن 2-سېنتەبىرگىچە تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان سافرانبولۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ئەخمەت يېسەۋى قۇرۇلتىيى جەريانىدا كىتاب كۆرگەزمىسى ئاچتى.
كۆرگەزمىگە قويۇلغان كىتابلار ئىچىدە ئىپارخاننىڭ سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان «بەن دىلشات خاتۇن» ناملىق كىتابمۇ بار ئىدى. بىز كۆرگەزمە مەيدانىدا بۇ كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان يازغۇچى سۇئات تۇرغۇت ئەپەندى بىلەن تونۇشۇپ كىتابقا قول قويدۇرۇپ سېتىۋالدۇق. كىتابنىڭ تاش ۋارىقىغا ئىپارخاننىڭ ئاتقا مىنىپ كېتىۋاتقان رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. كىتاب مۇنداق باشلانغان، بېلىگە بەلۋاغ باغلىغان، بەلۋېقىغا پىچاق قىستۇرۇۋالغان رەسىمنىڭ بېشىغا، «مېنىڭ ئىسمىم دىلشات خاتۇن، مېنى ئىپارخانمۇ دەيدۇ. مېنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىمنى ئوقۇشنى خالامسىز؟» دەپ يېزىلغان. ئىككىنچى بەتكە خىتاي ۋە قوشنا دۆلەتلەرمۇ كۆرسىتىلگەن خەرىتە قويۇلغان بولۇپ، سېرىق رەڭ بىلەن سىزىلغان خەرىتىنىڭ ئۈستىگە چوڭ قىلىپ شەرقىي تۈركىستان خېتى يېزىلغان.
سۇئات تۇرغۇت ئەپەندى: «يىلتىزى بولمىغان دەرەخنىڭ شېخى بولمايدۇ. ئۆتمۈشىنى بىلمىگەننىڭ كېلەچىكى بولمايدۇ. شۇڭا كېلەچىكىمىز ئۈچۈن ئۆز تارىخىمىزنى ئۆگىتىش ئۈچۈن پۈتۈن بالىلارنىڭ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ كىتابلاردىن سېتىۋېلىشى كېرەك»، دېدى.
سۇئات تۇرگۇت ئەپەندى بىرىنچى قېتىم يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى بولغان ئىپارخاننى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن سېيىت نوچى، سادىر پەھلىۋان، نۇزۇگۇم ۋە ئوسمان باتۇرلارغا ئوخشاش قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان رەسىملىك كىتاب تەييارلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كىتاب كۆرگەزمىسى مەيدانىدا كىتابىدىن سېتىۋالغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، بۇ يەردە ئىپارخان توغرىسىدا تەييارلانغان رەسىملىك كىتابنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، بالىلارغا كىچىك چېغىدىلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ كىتابنىڭ ئۈنىمىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۆزىنىڭ بۇندىن 60 يىل بۇرۇن كۆرگەن رەسىملىك كىتبلارنى تېخىغىچە ئۇنۇتالمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بەك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.