تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى قارى قىلىش ئۈچۈن مەكتەپكە بەرمەيۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئىلاھىيەت پەنلىرى دوكتورى ئالىمجان بۇغدا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، تۈركىيە مائارىپىنىڭ بالىلارنى دىنى جەھەتتىنمۇ يېتىشتۈرۈپ چىقالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى ئىستانبۇل، قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلەردە مەدرىسىلەر ئېچىلغان بولۇپ بەزىلىرى مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان دەرستىن بۇرۇن ۋە كېيىن دىندىن تەلىم بەرسە، يەنە بەزىلىرى مەخسۇس قارى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا ئىكەن. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنى ئوقۇتماستىن مۇشۇنداق ئورۇنلاردا ئوقۇتۇپ دىندا تەربىيەلىمەكچى بولۇۋاتقانلىرى زىيارەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقتى.
تۈركىيەدە چوڭ بولغان بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى بۇ ھەقتە زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇلار مائارىپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە جەمئىيىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس بولغانلىقىنى، تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ تۈركىيە مائارىپىدىن مۇستەسنا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقلىق مەدرىسىلەردە ئوقۇتۇۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
مائارىپچى ھىدايىتۇللاھ كۆكتۈرك شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەگە كەلگەن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بالىلارنى بۈگۈنكى مۇھاجىرلارغا ئوخشاش ئوقۇتماسلىقى سەۋەبىدىن پەرزەنتلەرنىڭ مال-دۇنياغا مىراسخور بولۇپ تۇرۇپمۇ ۋەيران بولغانلىقىنى مىسال قىلىپ ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ تۈركىيە مائارىپىدا دىننىڭ ئورنى ھەققىدە توختالدى.
ھىدايەتۇللا گۆكتۈرك ئەپەندى، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى مەكتەپكە بەرمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ چۈشەنمەسلىك، ئىشەنمەسلىك ۋە قىسمەن رادىكال ئىدىيە بىلەن باغلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھىدايەتۇللا گۆكتۈركنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بالىلار ئوقۇماي نادان قالدۇرۇلسا، بۇنىڭ بەكمۇ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
پاكىستاندا ئىسلام ئىلىملىرى بويىچە ئوقۇغان، ھازىر ئىستانبۇلدا ئىككى قىزىنى ئىمام خاتىپ مەكتىپىدە ئوقۇتۇۋاتقان پەرھات بۇلاق ئەپەندى ئۆز تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە ياشاپ تۇرۇپمۇ بالىلارنى تۈرك مەكتەپلىرىدە ئەمەس ئۇيغۇر ئېلىدىكى يوشۇرۇن، قۇلايسىز، خەۋپلىك شارائىتقا كۆرە شەكىللەنگەن دىنى مائارىپ ئەندىزىسىدە تەربىيەلىشى مۇۋاپىق بولمايدىكەن.
تۈركىيەنىڭ قەھرىمان ماراش شەھىرىدىكى سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىلاھىيەت پەنلىرى دوكتورى ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بالىلارنى قارى قىلىش ئۈچۈن پەندە ۋە دىندا تەڭلا يېتىشتۈرۈپ ماڭالايدىغان دۆلەت مەكتەپلىرىدىن مەھرۇم قويۇشنى توغرا تاپمايدىكەن. ئۇ پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى، ئىسلامدا پەننى بىلىمنىڭ ئورنى ھەققىدە توختالدى.
ھىدايىتۇللاھ گۆكتۈركنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەدىمۇ بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار 70-يىللارغىچە پەننى مائارىپقا شۈبھە بىلەن قارىغان. بۇ مەسىلىگە تۈركىيەدىكى ئۆلىمالار جىددىي قاراپ مەسچىتلەر، يىغىلىشلار ۋە تاراتقۇلاردا مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، ئۆزى باشلامچى بولۇپ دەرسخانىلارنى ئاچقان. نەتىجىدە تۈركىيەدە ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغان مۇسۇلمان زىيالىيلار قوشۇنى شەكىللەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي پائالىيەتكە ئۆتكەنلەردىن نەجمىدىن ئەرباقاندەك ئەربابلار يېتىشىپ چىققان. بۈگۈنكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، سائادەت پارتىيەسى قاتارلىق سىياسىي كۈچ بولۇپ ئۇيۇشقانلار پەندە ۋە دىندا تەربىيە كۆرگەنلەردىن شەكىللەنگەن قاتلامنى مەنبە قىلغان ئىكەن.
0:00 / 0:00