جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدىكى بالىلار ھەپتىلىكىگە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدە 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بالىلار بايرىمىغا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىمۇ قاتناشتى.

ئەتىگەن سائەت 10 يېرىمدا باشلانغان بۇ پائالىيەتكە 30 دىن ئارتۇق باشقا مەكتەپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە پاراتتىن ئۆتتى.

بۇ پائالىيەت جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدە يىللاردىن بىرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە سەنئەت مەدەنىيىتىنى ئاۋسترالىيە خەلقىگە شۇنداقلا ھەم كۆپلىگەن مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش، مىللەتلەر ئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياخشى بىر شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.

پائالىيەتكە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە مائارىپ مىنىستىرى ھۈي ۋەنلى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى مائارىپ مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ھەم قارشى پارتىيە ئەزالىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئىچىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزلىرى قىلدى.

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر يىللاردىكىدەك بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ نەپىس ئۇسۇللىرى ۋە رەڭدار مىللىيچە كىيىملىرى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

ئۇلار شوخ ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، ئۆز تالانتلىرى ۋە جاپالىق مەشىقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى ھەم ئۇيغۇر مۇقامىنى ئاۋسترالىيە خەلقىگە يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇردى.

پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى زۇلپىيە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر تىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پائالىيەتتىن كىيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

بالىلارغا ئۇسسۇل ئۆگەتكەن رەنا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى بىلدۈردى.

30 دىن ئارتۇق مەكتەپنىڭ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشى ۋە ھەرخىل زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرى بىلەن باشتىن-ئاخىر ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا ئىلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەت چۈشتىن كىيىن سائەت 2 دە ئاياغلاشتى.