«ياشلىق ئاۋازى» گۇرۇپپىسى ياشلارنىڭ بىلىمىنى سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018.10.30
bilim-oyunidin-bir-korunush-qatnashquchiliri-01.jpg 3-نۆۋەتلىك «بىلىم ئويۇنى» ئىلمىي مۇسابىقىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 27-ئۆكتەبىر. بىشكەك، قىرغىزىستان.
RFA/Feruze

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆز مىللىي كىملىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىمگە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياشلار ئارا بىلىم مۇسابىقىلىرىنى، يەنى زېھىن سىناش مۇسابىقە ئويۇنلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە. 27-ئۆكتەبىر كۈنى بىشكەك شەھىرىدە «بىلىم ئويۇنى» دەپ ئاتالغان ئىلمىي مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلدى.

بۈگۈنكى كۈنلەردە قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە باشقا ساھەلەردىكى بىلىملىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ياشلىق ئاۋازى» ناملىق ئۇيغۇر ياشلىرى توپى «بىلىم ئويۇنى» نى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز تارىخىنى ۋە مىللىي كىملىكى بىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە. «بىلىم ئويۇنى» پائالىيىتىگە قاتناشقان ياشلار سەككىز تۈر بويىچە بىلىم مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى، قىرغىزىستان تارىخى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە، چىڭگىز ئايتماتوف ئىجادىيىتى، مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى، مەشھۇرلارنىڭ سېيماسى قاتارلىق مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان ھەر بىر تۈر 10 سوئالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 

مەزكۇر مۇسابىقىگە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 7 گۇرۇپپا قاتناشتى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇرۇپپىلىرىغا ئۆزگىچە ناملارنى بەرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئوتتۇز ئوغۇل»، «قەدىناس»، «سەبرە» قاتارلىق گۇرۇپپىلار بىلەن بىرگە مەزكۇر مۇسابىقىگە بىرىنچى قېتىم قاتناشقان «ئۇيغۇرلار بىز»، «ئالتۇن ئوغۇل»، «زەپىران» دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىلارمۇ ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسەتتى. ماھىرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ مۇسابىقىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ئۇلارنىڭ مۇسابىقىگە كىتاب ۋە ئىنتېرنېتتىن كۆپلىگەن ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئىزدەپ، خېلى تەييارلىق بىلەن كەلگەنلىكى مەلۇم.

«بىلىم ئويۇنى» غا قاتناشقان «سەبرە» گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئۇممىگۈلسۈم ئويۇن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئۇ مەزكۇر ئويۇنغا ئۈچىنچى قېتىم قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. ئۇ، بۇ ئويۇندا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا كۆپ بىلىملەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىز ‹سەبىر› توپى، مانا ئۈچ قېتىم ئويناپ بۈگۈن ئۈچىنچى ئويۇنىمىزدا بىز بىرىنچىلىككە ئېرىشتۇق. دەسلەپكى ئويۇنلاردا بىز ئۈچىنچى، ئاندىن ئىككىنچى ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن ئىدۇق، مانا بۈگۈن بىز بىرىنچىلىككە ئېرىشتۇق. بىزنىڭ توپىمىزدىكىلەرنى بۇ ئويۇنغا مەن باشلاپ كەلگەن ئىدىم، ئۇلار ئۇنىمىغان بولسىمۇ مەن كۆندۈرۈپ ئەكەلدىم. بۇ شۇنداق ياخشى بىلىملىك ئويۇن، بىز ھەر بىر ئويۇندىن جىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز. ‹ياشلىق ئاۋازى› توپىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئىنشائاللا كېلەچەكتە يەنە مۇسابىقە ئويۇنلىرى بولسا بىز يەنە قاتنىشىمىز».

«بىلىم ئويۇنى» دەپ ئاتالغان ئىلىم مۇسابىقىسى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولسىمۇ، بارلىق قاتناشقۇچىلار يۇقىرى كەيپىياتتا ئولتۇرۇپ بېرىلگەن سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىشتى. مەزكۇر ئويۇنغا بىرىنچى قېتىم قاتناشقان «زەپىران» توپىنىڭ ئەزاسى زەيتۇنە بۇ مۇسابىقە ئويۇنىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتىپ ۋە مۇنداق ئويۇنلارنىڭ، يەنى، بىلىم جەھەتتە زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە مۇشۇنداق ئويۇنلار بەك ياخشى، بىز ئاجايىپ جىق نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق، كۆپ نەرسىلەرنى بىلمىگەن ئىكەنمەن، قوللىرىمغىمۇ يازدىم توغرا جاۋابلارنى، بەك ياقتى بۇ ئويۇن، ھەر دائىم شۇنداق مۇسابىقىلەر بولۇپ تۇرسۇن».

بۇ ئويۇنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالايىتەن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىن مۇرات ئىسىملىك يىگىت كېلىپتۇ. ئۇ رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئويۇنغا ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئويۇندىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭ ياشلارنىڭ تەرەققىياتىدا ۋە مىللىي كىملىكىنى جانلاندۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. .

«ياشلىق ئاۋازى» ئەزالىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۆكتەبىردە بۇ يىل پىلان قىلىنغان ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تاماملىدى، ئۇلار كېلەچەكتە يەنە مۇنداق ئويۇنلارنى، يەنى مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرماقچىكەن، ئەمما ئۇلار 2018-چى يىلىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئېيى ئىچىدە «ياشلىق ئاۋازى مۇكاپاتى» پائالىيىتىنى تەييارلاش ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن.

مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىدە «سەبرە» گۇرۇپپىسى بىرىنچىلىككە، «قەدىناس» ۋە «ئوتتۇز ئوغۇل» توپلىرى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى باھالىغۇچى بولغان تېببىي ئىلىملەر دوكتورى رەشىدەم ئابدۇللايېۋا بۇ خىل مۇسابىقىلەرنىڭ ياشلارنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.